ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى

ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 2203 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ۋاكالىتەن سېتىش دۇكىنى

ھازىر بەزى كارخانىلار بازارنى كېڭەيتىپ چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن سېتىش شەكلى جەھەتتە ۋاكالەتچىلىك تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شارائىتى بار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۇ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋاكالىتەن سېتىش دۇكىنىدىن بىرنى ئاچسا بولىدۇ. ۋاكالىتەن سېتىش دۇكىنىنىڭ كېتەرلىك مەبلىغى ئاز، خەتىرى تۆۋەن، ئادەتتە تىجارەت سورۇنى بېكىتىلگەندىن كېيىن كارخانىلار ۋاكالەتچىدىن ئاز مىقداردا رەنە پۇلى ئالىدۇ، باشقا چوڭ چىقىم يوق. ۋاكالەتچى ساتىدىغان مەھسۇلاتنى زاۋۇت ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، باھاسى زاۋۇت تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكىمۇ زاۋۇت تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سېتىشنى ياخشى قىلسىلا زاۋۇت تەرەپتىن بېرىلىدىغان پايدا نىسبىتى مۇقىم بولىدۇ.

قولدا توقۇش

ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئاچا-سىڭىللارنى تەشكىللەپ قولدا توقۇش كوپىراتىپى قۇرۇپ سىرتقى كىيىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئىككى تال يىپقا بەش يۈەن ھەق ئېلىشنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، گۈل كەشتىلىسە يەنە 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ئىش ھەققى ئالسا بولىدۇ. سەككىز ئايدىن 12 ئايغىچە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشكىلى، ئايلىق پايدا سوممىسىنى 2000يۈەندىن 3000گە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بۇ تۈرنىڭ دەسلەپكى سېلىنمىسى ئاز، ئائىلىدە بىۋاستە مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغانلىقتىن دۇكان ئىجارە ئېلىش ھاجەتسىز.

ئائىلە مۇلازىمىتى ۋاستىچىلىكى

ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئادەم كۈچى بايلىقى، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق تەربىيىلەش تۈرلىرىگە قاتنىشىپ كىنىشكە ئالغاندىن كېيىن دۇكان ئاچسا بولىدۇ. ۋاستىچىلىك دائىرىسى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، تازىلىق ئىشلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، رەنە پۇلى ئارقىلىق چىقىمنى قامداپ تۇرۇپ كىرىم يارىتىشقا بولىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە ئۆي ئىجارىسى، تەربىيىلىنىش ھەققى، كىنىشكە بېجىرىش ھەققى قاتارلىقلار بولۇپ 10مىڭ يۈەن ئەتراپىدا دەسمايە سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

كەشتە بۇيۇملىرى مەخسۇس دۇكىنى

ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن كەشتىلەش ماھارىتىنى ئىگىلىشى، شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىدىن دۇكان ئىجارە ئېلىشى كېرەك، دەسلەپكى قەدەمدە 20مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مال مەنبەسى بىر قەدەر كۆپ بولغاندا باشىقلارغا ئىش كۆتۈرە بېرىش ئارقىلىق يىللىق تاپاۋەتنى خېلى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

مۇلازىمسىز كىيىم يۇيۇش دۇكىنى

پۇل تاشلاش ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان كىرئالغۇ، قۇرۇق يۇيۇش ماشىنىلىرى قاتارلىقلار خېرىدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەشغۇلات قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، قاتلاپ قۇرۇتۇشتا بىر سائەت ئىشلىتىلسە بىر يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ، ئىشلىتىش قولايلىق، سۈرئىتى تېز بولۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، ئاھالىلەر رايونى ، دوختۇرخانا، مېھمانخانا قاتارلىق ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بۇنداق دۇكاننى ئېچىشقا بولىدۇ. بۇ تۈر ياپونىيە، كورىيە ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تېخى ئەمدى شەكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بازار ئىستىقبالىنى كەڭرى دېيىشكە بولىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش، دۇكان ئىجارە ئېلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن 200مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدۇ.

پەرزەنتلەرگە ۋاكالىتەن قاراپ بېرىش

بۇ تۈردە ئاتا ئانا ھەر ئىككى تەرەپ خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىلەر ئۈچۈن مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بالىلارنى ئەكىلىدىغان ئادەم بولماسلىقتەك كەڭ ئۇچرايدىغان بۇ قىيىن مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ، تۈر مەزمۇنى مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلگەن بالىلارنى ئەكېلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە، دەرس تەكرار قىلىشىغا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاتا ئانىلار بالىلارنى ئېلىپ كەتكىچە ساقلاپ تۇرۇپ ئۇلار غەم ئەندىشىدىن خالاس قىلىنىدۇ. بۇ تۈرنىڭ مەبلەغ تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، مەكتەپ ئەتراپىدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئورۇندۇق، شىرە قاتارلىقلارنى سېتىۋالسىلا بولىدۇ.

بالىلار مەركىزى

ئەمەلىيەتتە يەسلى بىلەن ئوخشاپراق كېتىدۇ. بۇ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى 25 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئاياللارغا ماس كېلىدۇ. دەسلىپىدە 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىنىپ 50 كۋادرات مېتىردىن 80 كۋادرات مېتىرغىچە بولغان، كوچا بويىدىكى ئۆي ئاددىي سەرەمجانلىرى بىلەن ئىجارە ئېلىنىدۇ، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى، كىچىك ئورۇندۇق قاتارلىق لازىمەتلىكلەر سېتىۋېلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا بىر نەپەر يەسلى مائارىپى كەسپىي خادىمى تەكلىپ قىلىنىپ بالىلار ئويۇنى تەشكىللەش، بالىلار ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، ئائىلە باشلىقلىرىغا تەكلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كۈنلۈك قاراپ بېرىش، ھەر كۈنى قاراپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىسە بولىدۇ. بۇ تۈرنىڭ مەبلەغ تەلىپى تۆۋەن، خېيىمخەتىرى ئاز، تاپاۋىتى مۇقىم ، پايدا نىسبىتى %30 ئەتراپىدا.

گۈل دۇكىنى

تىجارەت يۆنىلىشى: 10 كۈن ئەتراپىدا بازار كۆزىتىش ئارقىلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلىرى ئەتراپىدىن دۇكان تاللاپ مەنزىرە گۈللىرى ۋە تەشتەك تىجارىتى قىلىنىدۇ. ئادەتتە 10مىڭ نوپۇسنى سىغدۇرالايدىغان، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھازىرغىچە كۆچۈپ كىرىش نىسبىتى %20 ئەتراپىدا بولغان ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ مەركىزىي بۆلىكىدە بۇ تۈرنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور. چۈنكى يېڭى ئۆي سېتىۋېلىپ بېزىگەندىن كېيىن يەنە ئۆي ئىچىگە ھەر خىل گۈل تەشتەكلىرىنى تىزىش ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى.

ھۆسىن تۈزەش چاچ گۈزەللەشتۈرۈش كەسپى

ھۆسىن تۈزەش چاچ گۈزەللەشتۈرۈش كەسپى ئاياللارنىڭ گۈزەللىك كەسپى بولۇپ پايدا بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭرى. ئاياللار كۆكتات سېتىۋالغاندا بىر ئىككى يۈەن تېجەپ قېلىش ئۈچۈن خېلى باھا تالىشىدۇ، ئەمما ئۆزىنى پەرداز قىلىش ئۈچۈن بولسا ئىنتايىن سېخىيلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گىرىم قىلىش، پەرۋىش قىلىش، ئورۇقلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېڭى كۆز قاراشلار تاراتقۇلار ئارقىلىق كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى، شۇنداقلا يەنە ئاياللار ھۆسىن تۈزەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. يۇقىرى پايدا، غايەت زور بازار ۋە سان ساناقسىز گۈزەللەشتۈرۈش بۇيۇملىرى، يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق پەرۋىش ئەسۋابلىرى. ئورۇقلىتىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھۆسىن تۈزەش كەسپىگە چەكسىز سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى مەركىزى

ئەگەر سىز مەھەللە سىزگە تونۇشلۇق بولسا، مەھەللىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى مەركىزى ئاچسىڭىز ئاچسىڭىز چوقۇم قارشى ئېلىشقا ئېرىشىسىز. ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى مەركىزى ئېچىشنىڭ مەبلەغ تەلىپى تۆۋەن، خەتىرى ئاز، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدۇ، ئىش ئورنىدىن قالغانلارغا قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. سىز مەخسۇس بىرلا تۈردە ياكى كۆپ خىل تۈردە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: ياشانغانلار پەرۋىش ئورنى، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاپىرىپ ئەكىلىش مەركىزى، ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى، لايىق تونۇشتۇرۇش مەركىزى، كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش ئورنى، كىر يۇيۇش دۇكىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مەھەللە ئاشخانىسى

ياشاش بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى تاماق ئېتىپ يېيىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقتىن خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن قۇتىلىق تەييار تاماق يېيىشنى تاللىغان. ئەمما بەزى كىشىلەر تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئىزدەيدۇ، بۇ خىل ھۇزۇر ئېھتىياجىنى ئاشخانىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ تۈردە مەھەللىدە بېزىلىشى ئاددىي ئەمما پاكىزە بولغان ئادەتتىكىچە ئاشخانا ياكى ئالىي دەرىجىلىك ئالىي دەرىجىلىك يېمەك ئىچمەك سورۇنلىرىنىڭ تارماق دۇكىنىنى ئاچسىمۇ بولىدۇ. كىچىك ئاشخانىنىڭ مەبلەغ تەلىپى بىر قەدەر تۆۋەن، تارماق دۇكانلارنىڭ بولسا خېرىدارى مۇقىم، تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئەمما مەبلەغ تەلىپىمۇ ماس ھالدا يۇقىرى بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ھالقىلىق مەسىلە بولسا مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاپ بېكىتىشتىن ئىبارەت.

سالونىمىزدا تارقىتىلغان ئەسەرلەر بولسا ئىگىلىك 100 ئىشخانىسىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىلىك 100 ئىشخانىسىغا تەۋە . رۇخسىتىمىزنى ئالماي تۇرۇپ ئەسەرلىرىمىزنى باشقا ئۈندىدار سالونى، تور بېكەت قاتارلىقلاردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.


مەنبە: igilik100  سالونى

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى