ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق كېسەللىكىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق كېسەللىكىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-11-10 ئاۋاتلىقى: 5742 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق» دېگەن بۇ سۆزىنى كۆرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەر-ئاياللاردا دەرھال قىزىقسىنىش كەيپىياتى بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە تاشقى ماتكىدا ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىقنىڭ زادى نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. چۈنكى كۆپ ساندىكى ئاياللار ئاسانلا بۇنىڭغا قارىتا خاتا داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.
ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغان ئاياللارنىڭ باش قېتىقچىلىق: 
تاشقى ماتكا قىچىشىدىغان بولۇپ قالغىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئاساسلىق ئەھۋال دائىم قىچىشىش، بولۇپمۇ تاشقى ماتكا قىچىشىش ئادەمنى تولىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، قاشلاپ زىدە قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقايمەن. ئۆزۈمچە بۇنى ماتكا ياللۇغى كېسەللىكىمىكىن دەپ، دورىخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپ، ئاۋۋال يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئېلىپ يۇيۇپ باقتىم. دەسلەپتە ئۈنۈمى بولغاندەك قىلغان، ئەمما كېيىن يەنە قىچىشىشقا باشلىدى. ئۇياقلىقىمنىڭ تېرىسى ناھايىتى قوپال، كۆرۈمسىزلىشىپ كەتكەن، بۇ زادى نېمە كېسەللىك؟ بۇنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
ئاياللار كېسەللىكى دوختۇرىنىڭ جاۋابى:
كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاساسىي جەھەتتىن كېسىلىڭىزنى تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق دەپ ھۆكۈم قىلدۇق. 

تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق زادى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار؟ ئۆز-ئۆزىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق يەنە تاشقى ماتكا ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىقى تاشقى ماتكا تېرىسى ئاق رەڭلىك ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئىلگىرى تېببىيدا بۇنى راك ئۆزگىرىش خەۋپى دەپ قارايتتى. ئەمما ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر قانداق مۈڭگۈزلەشكەن ئېپىتېلىيە ئۇزاق مۇددەت ھۆللۈك ۋە ئىسسىقلىقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، ئېپىتېلىيە قېلىنلاپ ئاقىرىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۆسمە ئۆزگىرىشى بولمايدۇ. مەزكۇر كېسەللىك كۆپ ئەھۋالدا تاشقى ماتكىنىڭ قىسمەن مۇھىتى، يەنى ياللۇغ، ھۆللۈك قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىق كېسەللىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: دىئابېت، ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقان بولۇش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 
بۇ خىل كېسەللىكنى ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ:
1. ئۆسۈپ قېلىش خاراكتېرلىق؛ 2. قېتىشىش، يىگىلەش ۋە مۇخلىشىش خاراكتېرلىق؛ 3. ئارىلاشما خاراكتېرلىق، يەنى يۇقىرىقى ئىككى خىل كېسەللىكنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولۇش.
تىپىك كېسەللىك ئالامىتى: قىچىشىش، ياللۇغ، يىگىلەش
1. تاشقى ماتكا قىچىشىش: ناھايىتى بىئارام بولۇش نۇرغۇن تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق بىمارلىرىنىڭ ئورتاق تۇيغۇسى. ئاساسلىقى بىمار قولىدا قاشلاش سەۋەبلىك تاشقى ماتكا قوپاللىشىپ، يۇغىناپ قالغان نېرۋا تالالىرى باشقا جىسىملار بىلەن تېگىشكەندە بىر خىل راھەت تۇيغۇسى بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل قىلمىش ئاسانلا تېرە نېرۋىلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ، بىماردا تاشقى ماتكا تېرىسى زەخمىلىنىش، قېلىنلاپ قېلىش، يېرىلىش ( تېرە ) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ-دە، «قاشلىغانسېرى قىچىشىش، قىچىشقانسېرى قاشلاش، قىزىشىپ ئاغرىش تۇيغۇسى بولۇش» تىپىدىكى يامان خاراكتېرلىق ئايلىنىشقا پېتىپ قالىدۇ. 

2. تاشقى ماتكا رەڭ ياللۇغى
تاشقى ماتكا رەڭگى روشەن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق كۆرۈلگەن ئاياللار ئاق خۇننى تەكشۈرتكەندە، ھەمىشە بىرەر غەيرىيلىكنى بايقىمايدۇ. پەقەت بىمارنىڭ تاشقى ماتكىسىنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ ساغلام ئاياللارنىڭ تاشقى ماتكىسىدىن سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

3. تاشقى ماتكا يىگىلەش

جىنسىي لەۋ يىگىلەپ كېتىدۇ. كېسەللىك رايونىدا تېرە يىرىكلىشىپ كېتىش، مۇخلىشىپ قېلىنلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. گەرچە چوقۇم قىچىشمىسىمۇ، ئەمما ئاسانلا جىنسىي لەۋنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. 

ئاياللار يانبىلوگى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان!

************

ئاخىرىدا ماتكا قىچىشىش ئەھۋاللىرىغا يەنىلا خانزادىلەر گۆھىرنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

تېلېفون: 0991-6598750 ياكى ئۈندىدار: parixta05 دىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. 

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى