ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئوغۇللار قىز دوستلىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىنى ئەڭ ياقتۇرمايدۇ؟

ئوغۇللار قىز دوستلىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىنى ئەڭ ياقتۇرمايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 2307 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوغۇللار قىز دوستلىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىنى ئەڭ ياقتۇرمايدۇ؟

مۇھەببەتلەشمەك ئاسان، چىقىشماق تەس، بۇ بىر ھەقىقەت. يېڭى يۈرگەندە ئوغۇللار قىز دوستلىرىنىڭ «مۇكەممەل قىز ئىلاھ» بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
شۇنىڭغا ئوخشاش قىزلارمۇ ئوغۇل دوستلىرىنىڭ قەلبىدە مۇكەممەل بولىشىنى ئويلايدۇ. لېكىن بۇ دۇنيادا 100نومۇرلۇق ئىنسان يوق! ئىنتايىن ياخشى ئادەمنىڭمۇ كەمچىلىكى بولىدۇ. ئوغۇللارنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلاپ باقايلى، ئۇلار قىز دوستلىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن ئەڭ زېرىكىدىغاندۇ؟

1. ھەر قېتىم سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇنقى تۈگىمەس تەييارلىق! بۇ تەييارلىق زادى قاچان پۈتىدۇ؟
2. پورتمال، يانفون ئېكرانى، توردا مېنىڭ رەسىمىم بولۇشى كېرەك، كومپىيۇتىر ئېكرانىدىمۇ مېنىڭ رەسىمىم بولۇشى كېرەك!
3. ھەر قېتىمقى جېدەلدىن كېيىن توردا مۇھەببىتى توغرىسىدا دەرد تۆكۈش...
4. كۆڭلىدىكى گەپنى ئوچۇق قىلماي ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ تۇرىۋېلىش. ئەجىبا ئوغۇللار ھەممىنى تاپالايدىغان ئىلاھمۇ؟
5. دائىم سورۇن تاللىمايلا پاراڭ سېلىش، ھەرۋاقىت خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزىنى ئۆرۈپ تەتۈرلۈك قىلىش!
6. يېقىن دوستلىرى بىلەن ئوغۇل دوستى ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىيەتلىك توغرىسىدا پاراڭلىشىش.
7. دائىم ئەخمىقانە سوئاللارنى سوراش، مەسىلەن: ئاپىڭىز بىلەن مەن تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسەك كىمنى ئاۋال قۇتقۇزىسىز؟
8. ئوغۇل دوستى سېتىۋالغانلىكى ھەممە نەرسىلەرنى باھالاش، ھەتتا ياراتماسلىق.
9. ھەممە ئىشقا ئەزمىلىك قىلىش، ئوغۇل دوستىنىڭ پىكرىدىن رازى بولماسلىق، ئۆزىنىڭ نېمە ئويلىغىنىنىمۇ دەپ بېرەلمەسلىك.
10. ئوغۇل دوستىدىن رازى بولمىسىلا «ئالدىنقى ئوغۇل دوستى» نى تىلغا ئېلىپ سېلىشتۇرۇش.
11. ئوغۇل دوستىنىڭ سورۇنغا بارىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسىلا بىللە بارىمەن دەپ تۇرىۋېلىش، ئوغۇل دوستىغا ئازىراقمۇ شەخسىي بوشلۇق بەرمەسلىك.
12. ئوخشاش بىر ئىش توغرىسىدا توختىماي جېدەل قىلىش. يېڭى ئاداۋەت بىلەن كونا ئىشنى بىرلەشتۈرۈپ قاقشاش. قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىككى ئىشنى بىر قىلىپ سوقۇشۇش.
13. ئوغۇل دوستىنىڭ كومپىيۇتىرىدىكى ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن نەرسىلەرنى ئوغرىلىقچە يۇيۇۋېتىش.
14. ئۆزىدىن سەۋەنلىك ئىزدەشمۇ يوق، پىكىرلىشىشمۇ يوق، دائىم بىچارە ھالاتتە بولۇۋېلىش.
15. چۈشىنى رېئاللىق دەپ ئويلىۋېلىپ، كۆپ خاپا بولۇش، باتناش، يوق ئىشلار ئۈچۈن ئوغۇل دوستىنى كەچۈرۈم سوراتقۇزۇش.
16. ئوغۇل دوستىنىڭ باشقا قىزلار بىلەن يېقىنلاشقىنىنى بىلىپ قالسىلا، ئۇنى 3-شەخس دەپ ئويلاش.
17. ھەر قېتىملىق جېدەلدىن كېيىن يوقاپ كېتىش، تېلېفون ئالماسلىق. ئەگەردە ئوغۇل دوستى تېلېفون ئالمىسا ئۇنىڭ تۈگەشكىنى شۇ ..
18. ئۆزىنى ھەرتەرەپلىمە قالتىس چاغلاش، بەزىلەر تېخى ئوغۇل دوستىنى قەتئىي كۆزگە ئىلمايدۇ.
19. بىرەر ئىش يۈز بەرسىلا «ئايرىلىش» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىك. H1 u
20. ئوغۇل دوستى ئىنتايىن قىزىقىپ، جىددى ھالەتتە ئويۇن ئويناۋاتقان ۋاقىتتا، قىلچە رەھىم قىلمايلا تور سىمىنى ئۈزىۋېتىش.
مەنبە: نۇر تورى
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى