بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئىرىگە كىچىك خوتۇن ئىزدىگەن ئۇيغۇر ئايال - تەسىرلىك
-
ئىرىگە كىچىك خوتۇن ئىزدىگەن ئۇيغۇر ئايال - تەسىرلىك
ۋاقتى: 2016-03-31 ئاۋاتلىقى: 4612 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىرىگە كىچىك خوتۇن ئىزدىگەن ئۇيغۇر ئايال - تەسىرلىك
پاتىمە ئەنۋەر بىلەن توي قىلغان يەتتەيىلدىن بۇيان بەخىتلىك ياشىدى. ئوغلى بۇيىل تۆت ياشقا ،قىزى ئىككى ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئۆمۈدى، بەختى ۋە خۇشاللىقى ئىدى. مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ بەختىگە كۆز تەگدى.
پاتىمە تويۇقسىز ئاغرىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ‹‹بۆرەك زەئىپلىشىش›› دەپ دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەكلىكىنى ئېيىتتى. ئەنۋەر ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ، پاتىمەنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكىدى. پاتىمە ئوپراتسىيەدىن ئوڭۇشلۇق چىققان بولسىمۇ،ئەمما بىر بۆرىكى كىسىپ ئېلىۋىتىلگەنىدى. ئەھۋالى ياخشىلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەنۋەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى بىلەن ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر بۆرەك ئىككى بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى قىلالمىغاچقا، تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى. پاتىمە مۇشۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۆزىنى ئەنۋەرگە تۈگىمەس قەرىزداردەك ھېس قىلىپ يۈرىكى ئازاپتىن پۇچىلىناتتى.
پاتىمە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا خىيال سۇرگەندىن كىيىن قانداقتۇر ئولۇغۋار بىر پىلاننى تۈزۈپ چىققاندەك كۆزلىرى ئۈمۈتلۈك چاقناپ كەتتى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئىشتىن كېلىشىنى كۈتتى.
–مەن تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدن چىقىپ بولالمىدىم،شۇڭا سىزكىچىك خوتۇن ئېلىشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز؟-ئەنۋەر تويۇقسىز ئېيتىلغان بۇسۆزنىڭ راست ياكى چاقچاقلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.-مەن خوتۇنلۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم.... شۇڭا سىز بۇگەپلىرىمنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرسىڭىز؟!
-كىچىك خوتۇن؟ سىزنىڭچە ئائىلىنىڭ ئاساسى نېمە؟كىچىك خوتۇن ئالساملا ھەممە ئىش ھەل بۇلامدۇ؟ بۇ ئىشنى ئويلىشىش ھاجەتسىز. ماڭا پەقەت سىزلا بولسىڭىز بولدى، قالغان ئىشلار مۇھىم ئەمەس. شۇڭا سىز بۇئىشلارنى ئىككىنچى تىلغا ئالماڭ.
–ياق ئەنۋەر ،سىز تېخى ياش، مەن بىر ئايال تۇرۇپ ئۆز مەجبۇرىيىتمنى ئادا قىلالمىدىم. يەنە كېلىپ ئاپىڭىزمۇ ياشىنىپ قالدى،ئۇ ياخشى بىر كېلىننىڭ كۈتۈشىگە مۇھتاج. شۇڭا مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن سىزگە ئىككىنچى خوتۇن ئېلىپ بېرەي دەيمەن.
–بولدى بەس، ماڭا كېرەك ئەمەس. سىز مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك،سىز كۆز ئالدىمدا بولسىڭىزلا مەن خاتىرجەم .ئائىلىنىڭ ئاساسى فىزولوگىيىلىك ئىھتىياج ئۈستىگە قۇرۇلماستىن بەلكى مۇھەببەتنى ئاساس قىلىدۇ.سىز ھەر قانچەئېغىر كېسەل بولسىڭىزمۇسىزگە بولغان مۇھەببىتىم سۇسلاپ قالمايدۇ. شۇڭا سىز بۇنداق ئەخمىقانە خىيالىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.
پاتىمەنىڭ ئېغىزى مانا مۇشۇنداق تۇۋاقلاندى. ئەنۋەرنىڭ جاۋابى ئالدىدا پاتىمە يەنە نېمىمۇ دىيەلەيتتى.
ئەنۋەر ھەركۈنى ئىشتىن كېلىپ پاتىمەنىڭ ئالدىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرگەندە پاتىمە ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى دە-ئېرىگە كىچىك خوتۇن ئېلىپ بىرىش خىيالى يەنە ئەۋىج ئالاتتى. بەزىدە ئاجرىشىپ كېتىشنىمۇ ئويلاپ قالاتتى، ئەمما باللىرى ۋە ئەنۋەرنىڭ مۇھەببىتى ئالدىدا ئېغىز ئاچالمايىتتى. ئۇ ھامان ئەنۋەرنى كىچىك خوتۇن ئېلىشقا كۆندۈرىمەن دەپ ئويلاپ، دوسلىرى ۋەئەنۋەرنىڭ ئىدارىسىدىن ئېرىگەيۇشۇرۇنچەلايىق ئىزدىدى. مىڭ تەسلىكتە ئەنۋەرگە كىچىك خوتۇن بۇلۇشنى خالايدىغان بىرقىزنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئەنۋەرگە مۇۋاپىق كۆردى. بىراق ئەنۋەر ئۇقىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە ئۇنارمۇ؟ پاتىمە يەنە بىرقېتىم غەيرەتكە كېلىپ ئەنۋەر بىلەن بۇ ئىش ئۈستىدە پاراڭلاشتى.
–مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزەمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىمەن، سىزگە كۆپ قەرزدارمەن. ھەركۈنى كۆزئالدىمدا تاماق ئىتىپ، كىرقات يۇيۇپ يۈرگىنىڭىزنى كۆرسەم بەك ئازاپلىنىمەن. مەن سىزگە مۇۋاپىق كىلىدىغان بىرقىزنى تاپتىم،پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يامان ئەمەس قىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم. مىنى، ئۆزىڭىزنى يەنە ئاپىڭىزنى ئويلاپ بولسىمۇ بۈگۈن ئۇقىز بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىڭىز، چۇقۇم ياختۇرۇپ قالىسىز. شۇندىلا مىنىڭ روھى ئازاپلىرىم يىنىكلەپ قالىدۇ.مىنى چۈشىنىڭ بۇلامدۇ؟
ئەنۋەر ناھايىتى كەسكىن ھالدا جاۋاپ بەردى:
-ئۇنداقتا بىزنىڭ ئائىلىمىز، مۇھەببىتىمىز نېمىگە ھىساپ؟.سىز يەتتە يىلدىن بۇيان ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز، بالىلىرىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆكتىڭىز، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە رەھىمسىز كېسەل سەۋەبىدىن يېتىپ قالغاندا مەن كىچىك خوتۇن ئالسام ۋىجدانىمغا يۈز كىلەلەيمەنمۇ؟ ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەكمىكەن؟ ئەرلەر ئاياللارغا خىزمەت قىلسا نىمە بوپتۇ؟ ئەمدى بەدەل تۆلەش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. سىز يەتتە يىلدىن بۇيان تارتقان جاپالارنى مەنمۇ تارتىپ باقاي. سىزنى يۈدۈپ باقساممۇ يەنىلا سىز مىنىڭ سۈيۈملۈك ئايالىم. باللىرىمنىڭ مىھرىبان ئاپىسى. ئائىلىمىزنىڭ چىرىقى. بۇ مىنىڭ ئاخىرقى جاۋابىم ئەمدى بۇگەپلەرنى تىلغا ئالماڭ.
ئەنۋەر پاتىمەنى چىڭ قۇچاقلىدى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شەپەق بىلەن تەڭ پۈتۈن زىمىننى قاپلىدى. پاتىمەنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز تۈكۈلگەن ياش ئۇنىڭ ئېرىگە كىچىك خوتۇن ئېلىپ بىرىش خىيالىنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلىدى.
مەنبە: ئازغۇن ستۇدىيو سالونىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
جانغا زامىن تۇرمۇش ئادەتلىرى
2015-12-15 16:05:142643بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان
2015-12-21 16:28:24176720ياشلىق ئاياللار گىلاسقا ئوخشايدۇ، 30ياشلىق ئاي
2015-12-08 17:53:093332ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئاياللارنىڭ ئىڭرىشى بۇز
2015-11-29 14:49:503715قىزلار نېمە ئۈچۈن تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالمايدۇ؟
2015-12-08 12:10:535809بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تورت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز
2015-12-02 05:14:461365قىزلار كىم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك؟
2015-11-08 22:22:391740قىزلارغا 100 نەسىھەت: تۆتىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:58:591127
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-