جانغا زامىن تۇرمۇش ئادەتلىرى
-
جانغا زامىن تۇرمۇش ئادەتلىرى
ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 2671 قېتىميانفوندا كۆرۈش
جانغا زامىن تۇرمۇش ئادەتلىرى
كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش
ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندا، تېرە قۇرغاقلىشىپ يۈزگە دانىخورەك چىقىدۇ. مۇسكۇللار قېتىشىپ، كۆز خىرەلىشىدۇ. شۇڭا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، ئېكران بىلەن كۆز ئارىلىقى 70 سانتىمېتىر بولۇشقا دىققەت قىلىش، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزنى يۇيۇۋېتىش كېرەك.
دائىم نائۇشنىك بىلەن مۇزىكا ئاڭلاش
نائۇشنىك بىلەن مۇزىكا ئاڭلاش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاق ئىششىش، بېشى قېيىش ۋە باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. نائۇشنىك بىلەن مۇزىكا ئاڭلىغاندا، ئاۋازنى تۆۋەنرەك قىلىپ ئاڭلاش، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالىغۇدەك ھالەتتە ئاڭلاش، ھەر يېرىم سائەتتە قۇلاقنى ئارام ئالدۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
مائۇسنى كۆپ ئىشلىتىش
مائۇسنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش ياكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن بېغىش، جەينەك، مۈرە بوغۇملىرىدا بەزى پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ۋە كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مائۇسنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، شۇنداق بولغاندا قولنى ئۇۋۇلاپ بېرىش، بېغىش مۇسكۇللىرىنى ئارام ئالدۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، قولنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش كېرەك.
تاماققا دىققەت قىلماسلىق
ياغلىق تاماقنى كۆپ يېيىش، تاماقنى ۋاقتىدا يېمەسلىك، زىيادە كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن ئاسانلا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولىدۇ ياكى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا، چوقۇم ۋاقتىدا تاماق يېيىش، تاماقنىڭ تۈرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلماسلىق
ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلمىسا، بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرۈلسە،ئەرلەر مەزى بېزىياللۇغىغا، ئاياللار سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ھەركۈنى2000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچىپ بېرىش بىلەن بىللە، ۋاقتى – ۋاقتىدا كېچىك تەرەت قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئورگانىزمدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
كىرىسلودا ئۇزاق ئولتۇرۇش
كىرىسلودا ئۇزاق ئولتۇرسا، مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىدۇ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋەبەل ئومۇرتقىسى زەخىمگە ئۇچرايدۇ، پۇتتا قان ئايلىنىش راۋان بولمايدۇ، شۇنداقلا پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ. ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، تومۇردىكى قېتىۋاتقان قان ئۆپكىگە يۈرۈپ كېتىپ، ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جانغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، كىرىسلودا ئولتۇرۇش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئورنىدىن تۇرۇپ پۇت – قول ۋە بەل ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ بېرىش، ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك.مەنبە: tv رەستە
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئ
2015-08-10 00:16:532292قانداق ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقى
2016-01-25 16:22:225549تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىكى ئاساسل
2015-10-23 12:29:443701ئايال بولۇڭ--مۇشۇنداق ھەقىقىي ئايال بولۇڭ
2016-02-18 19:37:444390زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (1)
2014-11-16 14:13:549423بالىياتقۇ مەينەت بولۇپ كەتكەندە...
2015-10-23 14:26:377680ئاياللار كېسەللىكلىرى توغرىسدا سوئال-جاۋابلار
2015-10-28 22:04:012281يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟
2016-01-07 01:42:283289
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-