ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (1)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (1)

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 9418 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى
(پوۋسىت)
گۈلباھار سىدىق ئابباس
باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار، ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. سائىتىمگە قارىسام سائەت ئىككى بوپتۇ. بىچارە چوكاننىڭ ئېرى يەنە مەس كېلىپ زوتاڭزىلىق قىلىۋېتىپتۇ -دە، ئۇرۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، چىنە-قاچىلار چېقىلىشقا باشلىدى. ئېرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلدى بولغاي، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى ۋە:
_ تېخى كېچە ئىكەنغۇ؟ نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟ _دېدى.
_ قوشنىمىز يەنە مەست بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، ئايالى بىلەن بەك سوقۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ، چىقىپ باقامسىز-يە؟ _دېدىم ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا.
_ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەم بارمۇ، كېچىدە ھاراق ئىچىپ كېلىپ جىدەل چىقارغان ئادەمنىڭ جىدىلىنى ئايرىپ، قۇلىقىڭىزنى چىڭ يۇپۇرۇپ ئۇخلىڭە،_دېدى-دە، قايتىدىن ئۇيقۇغا كەتتى.
_ ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇ ئەمەسمۇ؟ سىز چىڭراق ئورۇنۇپ يېتىڭ، شامال تېگىپ قالمىسۇن مەن چىقىپ باقاي _دېدىمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستۈمگە يېپىنچامنى يېپىنىپ سىرتقا ماڭدىم. ئۇلارنىڭ يا ئەر يا ئايالنىڭ بىرەرسى ئۆزىگە ھاي بېرەي دېمەيتتى. بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ تېمى بەك نېپىز بولغاچقىمۇ، ئۇلارنىڭ تىللاشقان ئاۋازلىرى ئېنىق ئاڭلىناتتى.
_ ھە، ئۇرە، بۈگۈن يىگەن تاياقلىرىمغا مەن رازى. ..
_مەن چاقاي، بۈگۈن پۇخادىن چىققىچە ئۇرىشايلى.
ئايال قوشنام چاڭىلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
ئۇلارنىڭ جىدىلى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستڭگە ئۇنىڭ ئېرى مەس بولىۋالسا ساراڭنىڭ ئۆزى، قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ، بىچارە چوكان ئەجەپ چىداملىقكەن. بۇنداق ئەرگە نىسبەتەن ئېتىزلىققا تېرىۋالغان مۇھەببەت بولسىمۇ تۈگەر…مەن ئاخىر ئۇلارنىڭ قىيا ئېچىقلىق ئىشىكىنى ئېچىپلا كىردىم. كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. كۆز ئالدىمدا بۇ ئۆيدە دائىملىق ئۇرۇشلاردا بولىدىغان كۆرۈنىشلەرنىڭ ئەكسىچە بىر كۆرۈنۈش مېنى دەماللىققا گاڭگىرىتىپ قويدى. ئايال قوشنام ئۆينىڭ بۇلىڭىدىكى ئەينەك جاھازىدىكى قىممەت باھالىق خىرىستاللىرىنى ئېلىپ يەرگە ئېتىۋاتاتتى. ئېرى ئۇنى توسۇپ بولالماي ئاۋارە بولىۋاتاتتى.
_سانىيە نېمە قىلىق بۇ؟ _دېدىم ئۈنلۈك ۋاقىراپ ئۇلار تەڭلا ماڭا قارىدى. ئايال قوشنامنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ، مەڭزىلىرى قىزىرىپ چىرايلىقلىشىپ قالغان بولۇپ، يەرنى ئارانلا دەسسەپ تۇرىشىدىن قىيامىغا يەتكەن مەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئەر قوشنامغا قاراپ تاسلا قالدىم كۈلىۋەتكىلى، ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈزلىرى، بۇيۇنلىرى، بۇيۇنلىرىنىڭ تېرىلىرى تاتىلاشتىن سۇيۇلۇپ، قىزىل گۆشلىرى كۆرۈنۈپ كۆڭلىكىنىڭ ياقىلىرى يىرتىلغان ھالەتتە تامدەك تاتىرىپ تۇراتتى. قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى تەستە بېسىۋېلىپ سانىيەنىڭ قولىدىكى خرىستالنى ئېلىۋالدىم-دە، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ سافادا ئولتۇرغۇزدۇم. ئەر قوشنام مېنى كۆرگەندىن كېيىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ماڭا قاراپ :
_قارىمامسىز، مۇشۇ چاققىچە تالادا يۈرگىنى ئازدەك يەنە ھاراق ئىچىپ، غەرق مەست كەپتۇ. ھاراقنى نەدە، كىم بىلەن ئىچتىڭ؟ دېسەم بىشەملىك قىلىپ قىلغان ئەسكىلىكىنى ئۆزىڭىز كۆردىڭىز مانا!
_ ھە، چىدىمايۋاتامسەن؟ سەن ئىچكەن ھاراقنى مەن ئىچسەم نېمە بوپتۇ؟ _سانىيە ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان ھالدا شۇنداق دېدى.
- نەدە كىم بىلەن ئىچتىڭ؟ _ دېدى ئېرى قايتا جانلىنىپ.
_ بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ سەنمۇ ئون يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىم ماڭا نەدە، كىم بىلەن ھاراق ئىچكىنىڭنى دەپ باققانمۇ؟ _ ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە شۇنداق بىر قادالغاندىن كېيىن، ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراپ خۇمارلاشقان، كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
_قاراڭ جېنىم قوشنام، سىز مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھەدىسىدەكلا، مۇشۇ ئۆيدە تارتىۋاتقان ھەممە خورلۇقلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسىغۇ؟ مەن سىزگە دېمەي كىمگە دەيتتىم؟ بۈگۈن ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە دوستلار يىغىلىپ قاپتىكەنمىز، دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئولتۇرۇپ بىر ئىچىپ باققىمىز كەلدى، باشتا «ڭيلۇڭ»نى ئىچتۇق، قارىساق ئۇ ئانچە تۇتمىدى، بىر دوستىمىز «بىراندى» دېگەن ھاراق بەك ياخشى دەپ شۇنى ئېلىپ كىردى، ھاراق دېگەن ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن، ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن خۇددى قىز چاغلىرىمىزغا قايتىپ قالغاندەك، ئۆزۈمىزنى بەختىيار سېزىپ خوشال بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپتۇق. ئەرگە تېگىپ كۈلمىگەن كۆڭلۈم ھاراق ئىچىپ كۈلۈپتۇ. .. توۋا ئەرگە تېگىپ تايىقىنى يەپ، تىلىنى ئاڭلىغىچە ھاراق ئىچىپ كۆڭلۈمنى خوشال قىلسامچۇ؟ ئىسىت. ..ئىسىت ياشلىقىم ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم ھۈ…ھۈ…ھۈ…
مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ :
_ سىڭلىم سىز پەزىلەتلىك ئىسىل ئايال، بۇنداق ئىشلار سىزگە ياراشمايدۇ، بەلكى بۈگۈنكى بۇ قىلمىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئەتە تازا پۇشايمان قىلارسىز، ئايال كىشى دېگەن ئاجىز، ئەر كىشى بىلەن تەڭلىشەلمەيمىز، بولدى ئەمدى ئارام ئېلىڭ _دېدىم ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن.
_ سىز بىر ئوقۇغان ئايال تۇرۇپمۇ تېخىچە پەزىلەتلىك ئايال، ئەخلاقلىق قىز دېگەن كىتابىي گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرەمسىز؟ ئۇنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرى ماڭا مىقتەك قادالدى.
مەن دەماللىققا نېمە دىيىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
جېنىم قوشنام ھازىر«قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل» دېگەن سۆزنىڭ بۈگۈنكى جاھاندارچىلىقنىڭ دەستىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ سىز دېگەن ئەخلاقلىق، ۋىژدانلىق ئاياللار ئائىلىسىدە ئەرنىڭ تايىقىنى، ئىدارىسىدە ئەر باشلىقىدىن تەنقىنىدى ئاڭلايمىز. سورۇنلاردا ئىش كۆرمىگەن مەتۇ قاتارىدا بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، ئېرىمىزنىڭ سەتەڭ خېنىملار بىلەن ئوينىغان تانسىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يۈرۈكىمىزنى زىدە قىلىمىز. كۆرىۋاتقانسىز، بۇرۇنلاردا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق ئويۇنلارنى قولدىن بەرمەي يامان ناملارغا قالغان، ئاغزىغا كەلگەننى ئايىماي سۆزلەيدىغان تەتى-پەتىلەر، ھازىر تاپقىنىنى ئۇچىسىغا كىيىپ، ئىش كۆرگەن ئايال، جېنى بار ئايال، ئىسىلزادە خېنىم تۆتنىڭ ئالدى سانىلىپ تۆرنىڭ كاللىسىدا ئولتۇرۇپ، جاھاننى سوراۋاتىدۇ. ئۆيىدە ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تاتلىق ئايال، ئىدارىدە باشلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئىقتىدارلىق ئايال بولىۋاتىدۇ. مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ ئاشۇنداق ئەقىللىق ئاياللار قوشونىغا قاتناشتىم، كۆڭلۈم نېمىدىن خوش بولسا شۇنى قىلىمەن، ئۇ كەچ سائەت ئوندا كىرسە مەن ئونبىردە كىرىمەن، ئۇ ئاقنى ئىچسە مەن قىزىلنى ئىچىمەن، ئۇ ئۇرسا مەن تاتىلايمەن، تاپقان پۇلۇمغا مودا كىيىملەرنى كىيىپ چىرايلىق ياسىنىمەن. چىدىسا ئۆي تۇتسۇن چىدىمىسا ئاجراشسۇن، ئەنە ئىشىك، قىزىم بىلەن گۈلدەك ياشايمەن. توۋا مەن نەچچە ۋاقتىن بۇ رودىپاينى پىشانەمگە پۈتىۋەتكەندەك ۋاپادار، پەزىلەتلىك ئايال، مېھرىبان ئانا بولۇش ئۈچۈنلا، ئون يىل قۇربان بېرىپتىمەن. سىز دەڭە ئون يىل دېگەن ئاز ۋاقىتمۇ؟ بىز ئاياللار قۇربان بېرىشكىلا يارالغانمۇ؟ سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگە سېپىش كېرەكقۇ؟ بۇ ئەر بولغان بىلەن ئەركەكمىدى؟ ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم، گۈزەل ياشلىقىم ھۈ…ھۈ…ھۈ… ئۇ ئۆزىنى يەردىكى گىلەمگە ئېتىپلا ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى يىغلاپ بىرازدىن كېيىن يېنىك پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى.
ئادەتتە ئېغىر- بېسىق، كەم سۆز بۇ قوشنامنىڭ مەس ھالەتتە بۇنداق ياراشمىغان قىلىقلارنى قىلىشلىرى كۆزۈمگە سىغمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرى مېنىڭ ئاياللىق قەلبىمنى تىترەتتى. كېچە بىر چاققىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم.
بۈگۈن دۈشەنبە ئەتىگەن مەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مېنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىۋاتقان يولدا ئۆز خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىۋاتىمەن. ئادەتتە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن كوچا ئابتوبۇسىدا ئولتۇرسام قۇلايلىق. بىراق ۋاقتىم قىستاپ قالمىسىلا پىيادە مېڭىپ، يېقىن سىردىشىم بولغان خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق چاغلاردا مەن ئادەم جىق چوڭ كوچىلاردا كېتىۋېتىپمۇ شۇ كوچىدا ھەتتا پۈتۈن بىر شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ھەتتا بەزىدە خىياللىرىمدىن ئايرىلغۇم كەلمەي، ئالدىمدىكى يوللارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق بولۇشىنى تىلەيمەن. بۈگۈنمۇ، ئاخشامقى قوشنامنىڭ مەست بولۇۋېلىپ دېگەن سۆزلىرىنى خىيالىم بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ كېتىۋاتاتتىم. « چاقچاقمۇ يېرىم ھەقىقەت » دېگەندەك ئادەم مەست بولغاندا راست سۆزلەيدۇ، بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىگە كۆپ ھاللاردا ئەرلەر سەۋەبچى بولىدۇ. قوشنام سانىيەمۇ ئېرىگە ئىتائەتمەن ناھايىتى ھايالىق چوكان ئىدى. ئەنە قاراڭ ھاراق ئىچىپتىكەن مۈشۈكتىن يولۋاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ. بىر ھېسابتا ئۇنىڭ ئېرىدەك ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنى شۇنداق ئەدەپلەپ قويغانمۇ تۈزۈك ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرمەمدىغان سۇغا چۈشكەن مۈشۈككىلا ئوخشاپ قاپتۇ. . . خىياللىرىم تۈگىمەي تۇرۇپلا ئېگىز بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. مەن بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ، لىفىتتا 15 – قەۋەتكە چىقىپ ئىشخانامغا كىرىپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپمۇ بىر ھازاغىچە خىياللىرىم بىلەن خوشلىشىپ بولالمايۋاتاتتىم.
_ سىزنىڭ تېلېفونىڭىز .
_ سۇنۇلغان تېلېفوننىڭ تۇرۇپكىسى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى.
_ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟ _ دېدىم تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ.
_ ۋەي، بارمۇ سەن؟ _ قۇلىقىم تۈۋىدە جفراڭلىغان ئاۋاز مېڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى. قانداق قائىدە ئوقمايدىغاندۇ؟ مۇسۇلماننىڭ سالىمىنى قىلسىمۇ ، يەنە ۋەي دەپ سەت جفرقىراپ، ئىچىمدە غۇدۇراپ تۇرسام، قارشى تەرەپ يەنە ۋاقىردى.
_ ھەر، مەن خالىدە ئاۋازىمنى تونۇمىدىڭمۇ؟
_ ھە، نېمانچە ئەنسىز ۋارقىرايسەن!
_ ئاداش مەن سېختا، زاۋۇتنىڭ ئاۋازى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئاڭلانماي قالمىسۇن دەپ، بۈگۈن كەچتە مېھراينىڭ باغاق چېيىى ئىدى، « يېڭى ئەسىر رېستورانى » دا ساۋاقداش قىزلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان، سىلەرنىڭ قىزلارغا سەن دەپ قويغان بولساڭ بوپتىكەن، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا بېرىڭلار.
_ بولىدۇ، مەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قوياي.
_ بولىدۇ كەچتە كۆرۈشەيلى.
_ خوش.
تېلېفون تورۇپكىسىنى قۇيۇۋېتىپ بۇ ھەپتىلىك تۇنجى « ھاشار » نىڭ ۋاقتىنى يېقىن ئارىلىشىدىغان « بىزنىڭ قىزلار » غا ئۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم.
ھەممىمىز ئىشتىن چۈشۈپ دېيىشىۋالغان بېكەتتە ئۇچرىشىپ « يېڭى ئەسر رېستورانى » غا كەلدۇق. مېھراي ئۇچىسىغا قىممەت باھالىق كىيىم كىيىپ، پەردازخانىدا گىرىم قىلدۇرغان بولۇپ كۆزلىرىگە چاپلىغان يالغان كىرپىكلەر بىلەن ماگزىندىكى قونچاققىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان زۇڭتۇڭ، ۋەزىر، كاسسىرلىرىمۇ ئالاھىدە ياسىنىشىۋالغانىدى.
_ چايدا بۇنچە ياسىنىشىۋاپتۇ. تويدا قانداق قىلار؟
_ ئاداش ھازىر چايلاردا پەردازخانىلاردا گىرىم قىلدۇرۇپ « ئېسىل » كىيىم كىيىپ، تويدا دوختۇرخانىلاردا ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، كىيىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىدىغان بوپتۇ، – دېدى ئىچىمىزدىكى ھەييار دوستىمىز زېھناي.
_ ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدا بىر ھەپتىدە ساقىيامدىكەن؟ _ دەپ قىزىقىپ سورىدى نېمە مودا بولسا، شۇنى دورايدىغان بىچارە زېۋەر.
_ ساقايسا قىلامتىڭ ؟ _ سورىدى يەنە بىرسى.
_ ئەمدى ئاداش بىر نېمە دەپ بولمايدۇ، « غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ » دېگەندەك، بۇ قېتىم مېھراي قىلسا، بىزلەرگە كەلگىچە ئۇ ئىشلارمۇ ئومۇملىشىپ كەتسە قىلماي ئامال قانچە ؟ . . .
بىز شۇنداق تالاش – تارتىش، مەززىسى يوق قىزىق گەپلەر بىلەن بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈستەللەرگە قورۇمىلار كېلىشكە باشلىدى. سوغۇق – ئىسسىق بولۇپ ئون خىل قورۇما ۋە ئون نەچچە قاتلىما، ھور نان ئارتۇقچە نېزىقاشسىزلا يېيىلىپ بولدى. بۈگۈن بۇ قىرىق نەچچە ئۈستەللىك رېستوراندا باغاق چاي، قوشنىلار چېيى، خرۇستال چاي، « گىرىم چاي ». يۇرتلۇقلار چېيى، ساۋاقداشلار چېيى دېگەندەك، چايلار بىلەن ئوتتۇز نەچچە ئۈستەل ئايال مېھمانلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئاۋۇ چەتتىكى بىر ئۈستەلدە يەتتە- سەككىز ئەر مېھماندىن بىرلا ئۈستەل مېھمان ئولتۇراتتى. قىززىق، ئاياللار شۇنداق كەڭ – كۇشادە ، ۋارقىرىشىپ، كۈلكىلەر بىلەن ئولتۇرىدۇ. ئەرلەر خۇددى ئاياللاردىن ھېيىققاندەك جىمجىت گەپ قىلىشسىمۇ باشلىرىنى يېقىن قىلىشىپ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىۋاتقاندەك، مەن شۇنداق ئويلاپ تۇراتتى.
_ چولپان قارا ئاۋۇ ئايرىمخانىغا ، يېنىمدىكى ئايشەم مېنى نۇقىدى .
_ نېمە بوپتۇ ؟ مەن بۇرۇلۇپ بىز ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئايرىمىانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى .ئۇ ئايرىمخانىدا ئورۇنىۋالغان ئىككى تونۇش ئايال يەنە تونۇمايدىغان بىرنەچچە ئاياللار بىلەن ئولتۇراتتى .مەن ئايشەمگە قاراپ :
_ ئۇلار ئايرىمخانىدا سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىۋېتىپتىغۇ ؟_دېدىم
_ ئۇنى بىلدىم ، ئاداش ئاشۇنداق يوغان ياغلىقنى چىگىپ ،ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىگەن ئادەم ،ئۆيىدە نامىزىنى ئوقۇماي، رېستۇراندا نېمە بار دەيمەندە! _ ئايشەمنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپلا مەرۋان سۆزلىدى :
_ شۇ ئەمەسمۇ ، بىرنەرسە قېرىسا بۈۋۈم بوپتۇ ، قىماۋاز قېرىسا ئىمام بوپتۇ دېگەندەك بۇ مەريەممۇ بۇلتۇرلاردا تېىخى ئويۇننىڭ قېپى يېرىپ يۈرەتتىغۇ ؟ ئەمدى بىردەمدىلا ئىسلامچە دەمدۇ ، ئىمان ئېتتى دەمدىكەن بىرنېمە دېگەنلەركەن بۇ !
_ۋاي شۇ ئويناپ كۈنۈپ قالغاندىكىن يەنە مېھرىنى ئۈزەلمەي رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئولتۇرۇپتۇدە …
_ سىلەرچە ئۇلار مەڭگۈ شۇنداق ئويناپ ئۆتىۋەرسە بولامتى؟ ئوينىسا ئېرىڭلاردىن كۈنلەپ ،بۇزۇق دېسەڭلار ، توغرا يولنى تاپسا يەنە چىدىمىساڭلار ، ئەمدى قانداق قىلسا بولار ؟ ئۇلارمۇ ئادەم ، پەرىشتە ئەمەس نۇقسانسىز بولىدىغان ، رېستۇرانغا كىرگەن بولسا يە بىلمەستىن كىرىپ قالغاندۇ يە، ئۇ سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئامالسىز كىرگەندۇ ؟ ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ ھايا بىلەن كىرىپتۇ ، بىزچۇ؟ يالاڭباش ، كالتە يەڭ ، مەيدىلىرىمىز ئوچۇق ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ قىلمايلى -دوستەكلەر -دېدىم سەل قايناپ .
_ ياق، ئەمدى دەيمەن ئىسلامدا ماڭغاندىكىن توغرا ماڭسۇن دەيمىنا؟-ئايشەم ماڭا دومسايغاندەك قارىدى
_ ئىسلامنى ئۇنچىلىك چۈشەنگەن ئادەم سەن نېمىشقا ماڭمايسەن ؟ سېنى ئاللاھ ياراتمىغانمۇ ؟ قىيامەت كۈنى ساڭا سوراق يوقمىكەن ؟ بىز ھەرقانداق ئىشنى تەۋسىيە قىلىشتا ئاۋۋال ئۆزۈمىز ئورۇنداپ ئاندىن باشقىلارنى بۇ ئىشقا چاقىرساق بولىدۇ .بىز ئۆزۈمىز ماڭالمىغاندىكىن ، ئۆزۈمىزنى بىلەيلى باشقىلارنى كولىمايلى .- مەن يەنە نېمىلەرنى دەيتتىمكىن گۇلناز كۆڭۈلسىزلىك بولمىسۇن دېدىمۇ گەپنى باشقا يەرگە بۇرىۋەتتى .
_ ھەي ئاۋۇ ئەرلەرگە نېمە باركەن بۇ رېستوراندا ، – دېدى بىرسى.
_ شۇ ئەمەسمۇ ئۆيىدە بالىلىرىنى باقماي، خوتۇن كىشىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغىنىنى. . .
_ ھەقاچان چىرايلىق چوكانلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەن بويتاقلاردۇر تايىنلىق . . .
ۋەيت . . . ، _ چوكانلار قاقاقلىشىپ كۈلۈشتى.
_ ماۋۇ ئىچىمىزدىكى تۇل چوكانلارغا تونۇشتۇرۇپ قويامدۇق – يە؟
_ ھەي ھازىرقى ئەرلەرچۇ ئايال ئالماقچى بولسا ، بۇرۇنقىدەك ياخشى ئايالمىكەن، نېمە بولۇپ تۇل قاپتىكەن دەپ سورىماي، نېمە خىزمىتى بار؟ نەچچە مائاش ئالىدۇ؟ بانكىدا قانچىلىىك پۇلى بار دەپ سورايدىغان تۇرسا، ئەرگە تېگىپ نېمە قىلىدۇ، ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان مائاشىمىز دېگەن ئەر !
_ شۇ ئەمەسمۇ، بۇنداق چۆگەي ئەرلەردىن شۇ مائاشىمىز ياخشى، ۋەيت ! ! . . .
يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر ئۈستەللىك داڭدار چوكانلار چەينەككە دەملىۋالغان چايلىرىنىڭ كۈچى بىلەن بەس – بەستە شاڭخوغا چۈشكەنىدى.
رېستوراندىن ئۇزاپ چىقىپ « بىزنىڭ قىزلار » دىن ئۆيلىرى يىراقلىرى ئاپتوبوس بىلەن كېتىشتى. قالغان نەچچىمىز ھاۋا بەك ياخشىكەن، يېگەن تاماقلىرىمىزنى سىڭدۈرگەچ بىردەم پاراڭلىشىپ ماڭايلى، دېيىشىپ ئاستا مېڭىشتۇق.
_ ھەي سائەت تېخى سەككىز بولماپتۇ، مۇشۇنداق بالدۇر ئۆيگە بېرىۋېلىپ نېمە قىلارمىز؟ بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن – دېدى ئايشەم ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئايرىلىپ، ماڭىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىزگە قاراپ ئايرىلغۇسى كەلمەي.
_ ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ، چۈشتە ئېرىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغانتىم، مېنىڭمۇ ئۆيگە بالدۇر قايتقۇم يوق، بولسا شۇنداق قىلايلى _ دېدى گۈلنازمۇ دەرھاللا ئايشەمنىڭ تەكلىپىنى قۇۋۋەتلەپ.
_ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى، – دېدى مەرۋانە. ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئېرىڭچۇ ؟ دېگەن مەنىدە قاراشتۇق.
_ ئۆيدە ئۇ يوق، يولغا چىقىپ كەتتى.
_ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى دېدى مەرۋان.
بىز مەرۋاننىڭ چىرايلىق بېزەلگەن ئازادە مېھمانخانىسىدا ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇزاق، ئۇزاق كۆرۈشمىگەن دوستلاردەك پاراڭغا چۈشتۇق.
ئۈستەلگە قىزىرىپ پىشقان نان بىلەن ئىككى خىل قورۇما قورۇپ كىرگەن مەرۋان چاي قويۇۋېتىپ:
_ خانىملار، ئادەم ئالدايدىغان تاتلىق – پاتلىقلارنى تىزمىدىم. بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ ئىچىمىز توشۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئاچچىق – چۈچۈك قورۇمىلارنى زاكوسكا قىلىپ . . .
ئۇ بىزگە قاراپ ھەييارلىق بىلەن ھىجايدى. . .
_ ۋاي ئاداش، ئادەمنى بەكلا چۈشىنىسەن جۇمۇ؟
_ قۇيە ،مەن بۈگۈن راسا بىر مەس بولۇپ باقايچۇ ؟_دېدى ئايشەم .
_مېنىڭمۇ پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن ، ئىچسەك ئىچتۇق !_ گۈلنازمۇ شۇنداق دېگەچ مۈرىسىدىكى يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرىنى يۆگەپ چازا قىستى . _ سەنچۇ چولپان ؟
_سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى ئاڭلايدىغانغا ئادەم كېرەك ئەمەسما ؟مەن ئاڭلاي _دېدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .
_سەن بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلاي دەيسەنۇ ، بىراق ئۆزۈڭ نەچچە ھەسسە دەرتمەن كۆرۈنىسەن !_دېدى مەرۋان .
_بۇنىڭ نېمە دەردى بولار ؟ئۇرۇپ سوقىۋالغاندەك يۇۋاش ھەم ھوقۇقدار ئېرى تۇرسا ، ئىسىل داچىدەك ئۆيى ، نەگ باراي دېسە ماشىنىسى ، نەگە باردىڭ نەدە تۇردۇڭدېمىسە ، ئېرىنى تىزگىنەكتەك باشقۇرىۋاتسا …
_ ۋاي دوستەكلەر ، شۇ تېزگىنەكتەك باشقۇرىلىدىغان ئەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار مەن بەزىدە ئوقۇمىغان دۆت ئايال بولۇپ قالسامچۇ ؟ دەپ ئويلايمەن !…
_ بىزگە ئوخشاش بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ۋاتىلداق خوتۇن بولۇشنى خالامسەن ؟_دېدى … ھا…ھا…ھا..دەپ كۈلۈپ :
_مەرۋان ، قۇيە ھارىقىڭنى ئاۋۋال ئىچىۋېلىپ ، ئاندىن مۇڭدىشايلى -دېدى .
مەرۋان ئانار رەڭگىدىكى قىپ-قىزىل سۇيۇقلۇقنى خرۇستال رۇمكىلارغا قۇيۇشقا باشلىدى .
_ بىرىنچى رۇمكىنى نېمە ئۈچۈن ئىچىمىز ؟
_ھەممىمىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن خوشاللىقى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى !
_ خوشە!خرۇستال رۇمكىلارنىڭ بىر-بىرىگە تەككەندىكى جىرىڭلىغان ئاۋازلىرى ناھايىتى سۈزۈك ئاڭلاندى .

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z1 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى