بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەگەر مەن بىر ئەركەك بولسام بىر قىزنىڭ يۈرەكنى تىترەتكىدەك سۆزلىرى
-
ئەگەر مەن بىر ئەركەك بولسام بىر قىزنىڭ يۈرەكنى تىترەتكىدەك سۆزلىرى
ۋاقتى: 2016-07-25 ئاۋاتلىقى: 2580 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەگەر مەن بىر ئەركەك بولسام
گۆھەرقىز ئىبرايىم
ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، ھايات يولۇمنىڭ ھەمراھى بولغان رەپىقەمنى_ مەرتىۋە، پۇل- مال- دۇنيا، ھوقۇق ۋە چىراينى ئۆلچەم قىلىپ تاللىماستىن، گۇزەل ئەخلاق-پەزىلىتى، شەرمى ھاياسى ۋە ۋاپا دىيانىتى بىلەن تاللايمەن.
ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، ۋىجدان غورۇرلۇق ئىنسانىي ياشاشنى ئۆلچەم قىلىپ، پۇل- مال- دۇنيا -ھوقۇق ئۈچۈن ۋىجدان ساتماستىن، مەنپەتنى دەپ باشقىلارغا ئاسىلىق قىلماستىن، سەمىمىي ۋاپادارلىق ئىچىدە ياشايمەن.
ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، ئۆزەم سۆيۈپ قەدىرلىگەن مەھبۇبەمگە ۋاپادار، كۆيۈملۈك بولۇپ، ھاياتنىڭ تۇرلۈك سىناقلىرىدا جاپا مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، ئۇنى ئازاپ دىڭىزىغا شۇڭغۇتماي، ئۇشبۇ دۇنيادا يىتىم ۋە يەككە -يىگانەنىلىك ھىس قىلدۇرماي، مەنىۋىي دۇنياسىنى سۇغىرىدىغان سۇ بولۇپ ياشايمەن.
ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، ئائىلە زوراۋانلىغى، ئۇرۇپ تىللاش، خورلاشلاردىن يىراق بولۇپ، ماڭا ئىشىنىپ ئۆمۇرلۈك بەختى ۋە ھاياتىنى تاپشۇرغان ئىنسانغا خىيانەت قىلماستىن، ئۇنى قەدىرلەشتىن قىممەت تىپىپ ، ئەرلىك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۇنۇتماي ھەقىقى ئەركەكچە ھۆرمەت بىلەن ياشايمەن.
ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، غورۇر؛ ئىمان- دىيانەت؛ ئەخلاق پەزىلەتنى يار قىلىپ، يالغانچىلىق؛ گۇمانخورلۇق؛ ھەسەتخورلۇق، ئاسىلىق؛ تۆھمەت -بۆھتان...... قاتارلىق ئادىمى مەلئۇنلۇقتىن يىراق بولۇپ، كەسىپنى سۆيۈپ، بىلىملىك بولۇپ، ئۆزەمنىڭ قىممىتىنى يارىتىپ، قىممىتىمدىن ھۆرمەت تىپىپ ياشايمەن، يىقىلغان ئورنۇمدا «ھىلىمۇ شۈكرى » دەپ ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، ئىقتىساتتا قەلەندەر بولساممۇ مەنىۋىيەتتە مىليۇنىردەك ياشايمەن.
نۇقسانى يوق ئىنسان يوق. ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، ماڭا بارلىغىنى بىغىشلىغان ۋاپادارىمغا ھاياتنىڭ قار بورانلىرىدا دالدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاجىزلىغى، يىتىرسىزلىك ۋە كەمچىلىگىگە ئىسلىۋالماي، كەڭ قوساق ئەپۇچانلىقنى يار قىلىپ، ئۇنى يىتەكلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، بىخەرلىك ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ، مىھىرلىك ئائىلە، خۇشال -خوراملىققا تولغان بەخت ئاتا قىلىپ، ئائىلەمنى ئائىلە ئەزالىرىم تەلپۈنىدىغان جەننەتكە ئايلاندۇرۇپ ياشايمەن.
ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، تۇرمۇشنى سۆيۈپ، تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىپ، قولۇمدا بارىنى قەدىرلەپ، قولۇمدا يوقىغا تىرىشىپ، ئىرىشكەنلىرىمگە مىننەتدار بولۇپ، ھاياتتا كۈلۈپ ياشاشنى مىزان قىلىپ، ئايالىم ئۈچۈن مۇنەۋەر ئەر، بالام ئۈچۈن ياخشى دادا بولۇپ ياشايمەن.
ئەگەر مەن بىر ئەركەكلا بولسام، ھاياتنى؛ بىلىمنى؛ كەسىپنى؛ ئائىلىنى؛ نىكاھنى؛ جەمەتنى ئۇلۇغلاپ، ئاتا- ئانام ئالدىدا ۋاپادار بالا، قىرىنداشلىرىمغا كۆيۈملۈك قىرىنداش، دوستلىرىم ئۈچۈن ھەقىقى دىلكەش، ئاجىزلار ئۈچۈن مىھىرلىك شەپقەتچى، جەمىيەت ئۈچۈن ھۆرمەتكە سازاۋەر ياراملىق خادىم، مىللىتىم ئۈچۈن پەخىرلىك ئوغلان، ۋەتىنىم ئۈچۈن جان كۆيەر ئەزىمەت بولۇپ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتىكى
2015-12-18 18:48:583194ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش
2016-02-05 19:18:1713986ئاياللار ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلىشنى ئارزۇ
2015-08-12 16:50:50720ئاياللاردىكى بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر
2015-08-19 12:04:217094ئاياللار قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
2015-08-12 17:00:091805ئايال بولۇڭ--مۇشۇنداق ھەقىقىي ئايال بولۇڭ
2016-02-18 19:37:444323ئۆزىنى ئېسىل داچىغا تېگىشكەن ئايال ۋەقەسى، يېقىن
2016-01-26 13:56:103473قىزلارغا سۆز
2015-12-14 13:37:531379
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-