بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئۆزىنى ئېسىل داچىغا تېگىشكەن ئايال ۋەقەسى، يېقىندا يۈز بەرگەن
-
ئۆزىنى ئېسىل داچىغا تېگىشكەن ئايال ۋەقەسى، يېقىندا يۈز بەرگەن
ۋاقتى: 2016-08-12 ئاۋاتلىقى: 3552 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۆزىنى ئېسىل داچىغا تېگىشكەن ئايال ۋەقەسى، يېقىندا يۈز بەرگەن
-ماڭا ياتلىق بولۇڭ!
-ئۆيىڭىز بارمۇ؟
-ئىجارە ئالغان ئۆيۈم بار.
-ماشىنىڭىزچۇ؟
-ۋېلىسپىتىم بار.
-مائاشىڭىزچۇ؟
- 20 مىڭ يۈەن.
-ۋاھ!
-يىللىق مائاشىم 20 مىڭ يۈەن.
قىز مەسخىرە قىلغان ھالدا: -ئەمىسە نېمىڭىزگە ئىشىنىپ ماڭا ياتلىق بولۇڭ دەيسىز؟!
-سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن. مۇھەببىتىم ئۈچۈن...
-مۇھەببەت بىلەن قورساقنى تويغۇزغىلى بولامدۇ؟ -دەپلا كېتىپ قاپتۇ.
ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ يىگىت يەنە كەپتۇ ۋە قىزغا يەنە توي تەكلىپى قويۇپتۇ:
-ماڭا ياتلىق بولامسىز؟
-ئۆيىڭىز بارمۇ؟
-دېڭىز بويىدا داچام بار!
-ماشىنىڭىزچۇ دەپ سورىشىغا يىگىت باۋما ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۈستەلگە قويۇپتۇ.
قىز خۇشاللىقىدا: -ئەمىسە مائاشىڭىزچۇ؟
-مېنىڭ مائاشىم يوق، مەن پەقەت قول ئاستىمدىكىلەرگە مائاش تارقىتىمەن.
-بولىدۇ ئەمىسە مەن سىزگە ياتلىق بولاي.....
شۇنىڭ بىلەن قىز توي قىلىشقا قوشۇلۇپتۇ.
10 يىلدىن كېيىن .....
-بىز ئاجرىشايلى!
-نېمىشقا؟!
-مەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
قىز يىغلىغان ھالدا سورىدى: -نېمە ئۈچۈن؟ سىز ئىلگىرى مېنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟
-ئەينى ۋاقىتتا سەن مېنى رەت قىلغان ئىدىڭ، كېيىنكى قېتىمدا سەن مېنى قوبۇل قىلدىڭ لېكىن مەن سېنى شۇ ۋاقىتتىلا كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋەتكەن.
-ئەمدى مەن نېمىگە ھېساب، مەن ھازىرمۇ سىزنىڭ ئايالىڭىزغۇ؟
-ياق، مەن ئەزەلدىن سېنى مېنىڭ ئايالىم دەپ ھېسابلاپ باقمىدىم. سەن ئۆزەڭنى داچام ۋە ماشىنامغا تېگىشكەنغۇ؟!
............
ئاددى ئەمما مۇھەببەتكە تولغان ئائىلىڭىز بولسا سىز دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمگە ئايلىنىسىز.
سىزنى سۆيگەن، سىزنى ياخشى كۆرگەن، سىزگە كۆڭلىنى بەرگەن ھەربىر ئادەمنى قەدىرلەڭ.
مەنىۋىي جەھەتتە بەھۇزۇر تۇرمۇش ھامان ماددىي جەھەتتە باياشات تۇرمۇشتىن ئەۋزەل.
نۇرغۇن باياشاتلىق ئىچىدە بەھۇزۇر ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە قانچىلىق ئازاپ ۋە قايغۇ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئىشلارغا ئۇچرايمىز. نۇرغۇن تاللاشلارغا يولۇقىمىز.
قەدىرلەشنى ئۆگىنىڭ.
ئاددىيلىق ھەممىدىن ئۈستۈن. ئاددىيلىق ئۇ بىر سالاپەت.
ئاددىيلىق بىلەن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە سىرداش، قەلبداش دوستلارغا ئېرىشەلەيمىز.
مەنبە: TV رەستە سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:13:162553جانغا زامىن تۇرمۇش ئادەتلىرى
2015-12-15 16:05:142680بالىياتقۇغا ئەخلەت توشۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرە
2015-12-10 19:15:266338ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك 9خىل كىسەللىك ئ
2015-08-10 00:11:322325زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-08 00:09:522065قىزلارغا سۆز
2015-12-14 13:37:531402ئىرىگە كىچىك خوتۇن ئىزدىگەن ئۇيغۇر ئايال - تەسىر
2016-01-13 14:36:004686زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)
2014-11-16 14:16:493593
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-