ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)

ۋاقتى: 2016-07-23 ئاۋاتلىقى: 3563 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن ھالسىز ياتقان دوستۇمنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قارىدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى سۇس پىلدىرلاپ ، يۈرەكلىرىمگە جۇدالىقتىن بىشارەت بېرىۋاتاتتى . شۇ تاپتا ھايات بىلەن خوشلىشىۋاتقان بىر بەختسىز دوستۇم ، ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىنى مەندىن كۈتىۋاتاتتى . مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە بۇ بىچارە << ئويلىنىپ باقاي >> ، << مەسلىھەتلىشەي >> دىگەندەك مۈجىمەل جاۋاپتىن كۆرە ، ئۇنىڭ بەختسىزلىكى ئۈچۈن تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسى بەدىلى ئۈچۈنلا ، ۋىژدانىم ، ئىمانىم ھەم ئوتتەك يۈرىكىم بار بىر ئايال بولۇش سالاھىتىم بىلەن كەسكىن ، جاۋاپ بېرىشىمنى بۇيرىدى .
— چىمەن ، بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ئاللاھنىڭ ئانا ۋە مىللەتتىن ئۇمىد ئۈزمىگەنلىكىنىڭ ھەم ئۇلارغا بولغان قىزغىن سۆيگۈسىنىڭ يارقىن بەلگىسى . بالا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ئاتا – ئانىلار قولىدىكى ئامانىتى ، ئاللاھ خۇشتار ئىككىڭلارنىڭ قولىدىكى بۇ ئامانەتنى بىردىنلا ماڭا نېسىپ قىلسا ، سەن قولۇڭدىكى بۇ بىباھا ئامانەتنى . ئۆز قولۇڭ بىلەن ماڭا تاپشۇرماقچى بولۇۋاتساڭ ، مەن بۇ گۈزەل ، سۆيۈملۈك ھەم قىممەتلىك ئامانىتىڭنى ، تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان چەكسىز شاپائىتى ، سېنىڭدىن ماڭا قالغان تەۋەررۈك دەپ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن .ئاللاھ يىتىمنىڭ ئىگىسى مەن دەپتىكەم ، ئاللاھ نېسىپ قىلسا مەن قىزىڭنى << قاناتلققا قاقتۇرماي ، تۇمشۇقلۇققا چوقتۇرماي >> قاتارغا قوشۇشقا ۋەدە بېرەي ، — مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ ئورۇق قوللىرىنى يەنە ئالقىنىمغا ئالدىم .
ئۇنىڭ چىرايى خۇددى تاش ھەيكەللەرنىڭكىدەك ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى . نۇرسىز كۆزلىرىدە رازىمەنلىك ئارلاش سۇس تەبەسسۈم جىلۋىلەندى ، ئۇ ناھايىتى زورۇقۇپ تۇرۇپ :
— مەن ساڭا ئىشىنەتتىم ، چۈنكى سېنىڭ باغرىڭ يۇمشاق ، سەن بەك مېھرىبان … مەن شۇڭا ئاخىرقى ئۈمىدىمنى ساڭا باغلىغان … ساڭا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن … ئاداش سەندىنيەنە بىر ئۆتۈنىدىغىنىم مەن ئىمان ئېتىقادلىق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەمما ئاتا-ئانامدىن كىچىك ئايرىلىپ قالغاچقا ،كېيىن مەكتەپنىڭلا تەربىيىسىدە قېلىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېيىپتىمەن . ئاللاھ ماڭا ياخشى كۈنلەرنى نىسىپ قىلسا ئاللاھقا شۈكۇر قىلماي ، ئاللاھنى سېغىنماي مۇشۇ دۇنيا ئۈچۈن ئۈچۈنلا ئىشلەپتىمەن ،ئالدىراپتىمەن ،غەم يەپتىمەن ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىنى قىلماپتىمەن ، ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىن بۇنچە بالدۇر كەتمەسمەن ، پىنسىيىگە چىققاندا ، بېشىمغا ياغلىق چىگىپ ،جاينامازغا چىقىمەن دەپ ئويلاپتىمەن .ئاللاھ ماڭا شۇڭقىچە ئۆمۈر بېرەمۇ دەپ ئويلىماپتىمەن !مانا ئەمدى ئۆلۈمدىن شۇنداق قورقىۋاتىمەنكى … ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداقمۇ بارارمەن ؟پەقەت… پەقەت تەييارلىقىم يوق ، چولپان قىزىمنى ئىمانلىق … تەربىيلىگىن بولمىسا ئاللاھقا قاۋاپ بېرەلمەيمىز . چوڭ بولغاندا چوقۇم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمانغا بەرگىن…دوستلۇرۇم سىلەرمۇ تەييارلىنىڭلار ، مەندەك تۇيۇقسىز كەلسە … قانداق قىلىسىلەر ؟…
ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ كەتتى .
— چىمەن ، گەپ قىلماي ئارام ئال … — دىدىم ئۇنىڭ بارغانچە ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلىنىپ .
— مەن ئەمدى خاتىرجەم … مېنى تۈز ياتقۇزۇپ قويۇڭلار … بەك چارچاپ كەتتىم — ئۇ شىۋىرلاپ سۆزلەۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى .
خەدىچە ئىككىمىز چىمەنگە قاراپ قېتىپ ئولتۇراتتۇق . ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ دىلشات بىلەن سۇبات مىۋە – چىۋە كۆتۈرۈپ كىردى . مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم . كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەندەك ، بىر ھازا خىيالىي تۇيغۇنىڭ ئالدىشى بولسا كېرەك ، دىگەن ئويدا بولغاندەك ، خەدىچەنىڭ يولدىشى ھەم ساۋاقدىشىم دىلشاتقىمۇ سالام قىلماي داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن .
— چولپان سەن قاچان كەلدىڭ ؟ — دىلشاتنىڭ بوش ئاۋازدا سورىغان سۇئالىدىن كېيىن ، ئۆزۈمگە كېلىپ بوشقىنا :
— ئىككى سائەتتەك بولدى — دىدىم .
— سۇباتتىن ئەھۋال سورىمايسەنغۇ ؟ — دىلشاتنىڭ قەستەن چىشىمغا تېگىۋاتقىنىغا خەدىچەنىڭ ئاچچىقى كەلدى بولغاي :
— ھېلى تالاغا چىققاندا سورىۋالە — دىدى تېرىككەن ئاھاڭ بىلەن .
— چولپان يۈرە ، بىزنى خۇشتارنىڭ ھەدىسى ئىزدەپ قالمىسۇن چىقىپ باقايلى ، چىمەن بىردەم ئۇخلىسۇن ماۋۇ يىگىتلەر بولغاندىكىن — دىدى .
خەدىچەنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن ئالەمچە خوش بولۇپ كەتتىم ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىراپ سىرتقا ماڭدىم .
— ھېلى سۇباتنىڭ كەلگەنلىكىنى دىيىشنى ئۇنتۇپتىمەن ئاداش بۇ تۇيۇقسىز بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئېلىشىپ قالايلا دىدىم . چىمەنگە ئىچكىردە ئۇچرىغان ھېلىقى يارى دىگەن بالا سۇباتنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىكەن ، ھەدىسى ئوغلىنىڭ دەردىدە ئاغرىپ قاپتۇ ، شۇڭا سۇبات يېزنىسى بىلەن بىرگە كەپتۇ ، ئۇ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن يېزنىسىنى بالىسى بىلەن يولغا سېلىۋېتىپ ، تۈنۈگۈندىن بىز بىلەن بىللە — دىدى خەدىچە چۈشەندۈرۈپ .
— خەدىچە ، ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرايلى ، بېشىم قېيىۋاتىدۇ ، — دىدىم خەدىچەنىڭ بېلىكىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ .
ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈمچە شۇنداق بىر يىغا كەلدىكى ، ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ، ئالقانلىرىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇپ يىغلاپ كەتتىم . خەدىچە مېنىڭ يىغلىۋېتىشىمنى ئالدىن بىلگەندەك ، چاچلىرىمنى سىلاپ ئولتۇردى . شۇ تاپتا ماڭا ھاياتنىڭ ھىچقانداق مەنىسى قالمىغاندەك ، ھەممە خوشاللىقلار ، ئارمانلار چىمەن بىلەن تەڭ تۈگىگەندەك تۇيۇلدى . توۋا ، شۇنچە باتۇر ، شۇنچە خۇش ئاۋاز ، مەرد ، ۋاپادار ، ناھايىتى تاتلىق شېئىرلارنى يازغان چىمەن بىردەمدە ، ئۇ دۇنيانىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپتۇ دىسە … ئارلىقتا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ بىلمىدىم ، تىزلىرىمغا تەككەن كىچىككىنە قولنىڭ غىدىقلىشىدىن ئالقانلىرىمنى يۈزۈمدىن ئاجراتتىم . ئالدىمدا بۈدۈر چاچلىق دىلنىگار ماڭا قاراپ غەمسىز كۈلۈپ تۇراتتى .
— ئاپاش … — دىلنىگارنىڭ بۇ چاقىرىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم زىلزىلىگە كەلدى ، سۇسىز ، قۇرۇپ قالاي دىگەن قەلبىمگە ، شىپالىق يامغۇر ياغقاندەك ، چەكسىز مۇھەببەتكە تولۇپ ، ئازاپلىق ياشلار تۆكۈلىۋاتقان كۆزلىرىمدە ئۈمىدنىڭ شولىسى ئۇچقۇندىدى .
— خەدىچە ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئۇ مېنى ئاپا دەۋاتىدۇ …
— كېلىڭ قىزىم ، مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز … بىز بۈگۈندىن باشلاپ بىر – بىرىمىزگە يار – يۆلەك بولىمىز ، قەلبىمىزدىكى مۇھەببەتسىز قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن ئېتىزلىرىمىزغا ئانا – بالىلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ ئۈندۈرىمىز ، پورەك – پورەك گۈللەرنى ئېچىلدۈرىمىز … مېنىڭ قاقشال بولۇپ كەتكەن قەلبىم سىز بالامنىڭ مۇھەببىتىدىن سۇ ئىچىدۇ … مەن سىزگە ئەڭ لاياقەتلىك ئانا ھەم ئاتا بولۇشقا تىرىشىمەن . يۈرەكلىرىم شۇنداق شىۋىرلايتتى ، قوللىرىم تىترەيتتى ، بەخىتسىز دوستۇمنىڭ يالدامىسى ، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولغان دىلنىگارنى كۆتۈرۈپ ، باغرىمغا مەھكەم باستىم . قىزچاقمۇ مەندىن قىلچە يېتىرقىماستىنلا بوينۇمغا ئېسىلىپ مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالدى .
— چولپان ، بۈگۈن سەن ئاجايىپ بىر ئالىجاناپلىق ھەم بەك باتۇرلىق بىلەن چىمەننىڭ بۇ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلدىڭ ، يولدىشىڭ نىمە دەر ؟ تۇرمۇشىڭغا تەسىر يېتەرمۇ ؟ بولسىغۇ بۇ قىزنىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمى كېلىپ ، ساڭا يەنە بىر بالا بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، — دىدى خەدىچە تەشۋىشلىك ئاھاڭدا .
— خەدىچە ، سەن بۇ ئەندىشىلىرىڭنى دىمىگەن بولساڭ مەنمۇ ھازىرقى روھىي ھالىتىمنى ساڭا دەپ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى غەش قىلماقچى ئەمەستىم . ئاداش مەن كۆپ تىرىشتىم ، ئاياللارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاپادارلىقىم بىلەن ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشتىم ، ئەمما قاملاشتۇرالمىدىم . جېنىم خەدىچە ، مەن مۇشۇ يەتتە يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مۇھەببەت ئەسلى يۈكسەكلىك ، قۇدرەتلىك ، يېقىملىق ۋە يارقىن پەزىلەتلەرنىڭ ئىجاتچىسى ئىكەن . مۇھەببەتسىز ئائىلە قۇم ئۈستىگە سېلىنغان ئۆيدەك ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن .
— نىمە دىمەكچى سەن ؟
— ئاجرىشىمەن .
— ئۇ ئاخىرقى قارارىڭمۇ ؟
— شۇنداق ئاداش ، يەتتە يىلدىن بېرى قەلبىمنى ئۆرتەۋاتقان قاڭسىق ئازاپلىرىمنى ، ساختا كۈلكىلىرىم ، سۈكۈتلىرىم بىلەن يوشۇردۇم . ئاددىسى ئۆزۈمنى روھىم بىلەن جىسمىم ، ۋىژدان بىلەن ئەخلاق يەنە سۇبات بىلەن مۇراد ئوتتۇرىسىدا تەڭ قىسلىقتا يۈرۈپ بەك چارچاپ كەتتىم . يۈرەكلىرىم مۇھەببەتسىز تۇرمۇشتا تىتىلىپ كېتىۋاتسىمۇ ، مەن ئابروي قوغلىشىپ ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانىدا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ، يالغان كۈلۈپ ياشىدىم . ئويلىسام ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئون يىلدىن بۇيان مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئاز ئويلاپتىمەن . ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى مېنىڭ تەغدىرىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى . دادامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ يېتىپ قېلىشى ، تېخى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىڭلىم ، تەڭلا يىگىت بولۇپ قالغان ئىككى ئىنىمنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى . ئانامنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى << قىزىم سەن ئەمدى ئۇكىلىرىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا ئانا بول >> دىگەن ۋەسىيىتى مېنى ئۆزۈمنى ئۇنتۇشقا ، سۇباتنىڭ ئانىسىنىڭ قارشىلىقلىرىغا بويۇن ئېگىشكە ، رەھىمەنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يازغان خەتلىرىگە مەردلەرچە جاۋاپ يېزىپ سۇباتنى يېتىم قالدۇرۇپ ، گۈزەل ئارمانلار چىن ئەقىدە بىلەن ئۆتكەن تۆت يىللىق مۇھەببىتىمنى ھالقىلىق پەيتتە ئۆز قولۇم ، ئۆز مەيلىم بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم . يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئاجايىپ ئىشتىياقىم بىلەن سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەن يىگىتىمنى ، رەھىمەگە يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بەردىم . ئاز كۈندىن كېيىن داداممۇ ئۆلۈپ كەتتى . مەن ئۇكىلىرىمغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇش ئۈچۈن مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئەرگە تەگدىم . مەن ناھايىتى نادان ئىكەنمەن . مەن چوڭلارنىڭ << نىكاھ ئىسسىقلىق بېرىدۇ >> دىگەن سۆزىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن . ئۇ ئوقۇمىغان ھەم مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئەر بولسىلا ھىساپ قىلىدىغان ئاياللارغا قارىتا ئېيتىلغان سۆز بولسا كېرەك . مەن تويدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمدا ئورنىغا كەلمەيدىغان چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلگىنىمدە ، جاھان قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كەتتى . ئەمما مەن يەنە لېۋىمنى چىشلەپ تەغدىرىمگە تەن بېرىپ ، ۋاپادار ئايال ھەم ياخشى كېلىن بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم . ئەمما ، مۇراد مېنىڭ دىگەن يېرىمدىن چىقالمىدى . قېرىشقاندەك ھەر بىر قەدىمىدە مېنى يىراقلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدى . ئۇنىڭدىن ھەر قېتىم كۆڭلۈم ئاغرىنغاندا سۇباتنى ئېسىمگە ئالدىم . بۇ يىل 5 – ئايدا سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلىپ زىممەمدىكى يۈكلەرمۇ ئورۇندىلىپ بولدى . ئەگەر مۇشۇ جەرياندا مۇراد ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ ، ئىنىلىرىمغا ئاتامنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلغان بولسا ئىدى ، مەنمۇ يۈرىكى گۆش ئادەم بولغاندىكىن ئۇنىڭغا ۋىژدانىم بىلەن مۇئامىلە قىلار ئىدىم . بىز ئاياللار << ئۆشكە يېغى >> تۇرساق ، بىر ئۆمۈر مۇرادنىڭ ۋاپادارلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى ئىدىم . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغۇچىلىكى يوق ، شەخسىيەتچى ، ئابرويپەرەس ، كۆڭلى قارا ئەبلەخ چىقتى . ئۇ ئەركەك بولسا مېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى ئۆزى ئىگىلىشى كېرەك ئىدى . ئەمما ، ھەر قەدەمدە شۇنچە يىراقتىكى سۇباتنى تىلغا ئېلىپ ، قەلبىمدىكى جاراھېتىمنى قاناتتى . بارغانسېرى نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . مەن قانداقمۇ ئۆز نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەن ئۆزۈم كۆزگە ئىلمايدىغان ئەرگە ئايال بولالايمەن ؟ مەن ئادەتتىكى يەپ – ئىچىپ ، كىيىنىشنىلا ئويلايدىغان ساپاسى تۆۋەن ئاياللاردىن بولمىسام ، قەلبىمدە ئوتتەك ئارمانلىرىم ، كەلگۈسىگە بولغان نۇرغۇن ئۈمىدلىرىم قەلبىمدە يېلىنجىۋاتقان بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئايال تۇرۇپ ، ماڭا يول باشلايدىغان يەرلەردە ماڭا ئىتائەت قىلىدىغان ، مېنى ھۆرمەتلەيدىغان چاغلاردا ماڭا ئازار بېرىدىغان ئۇنداق ئەرگە قانداقمۇ ئايال بولارمەن ؟ بۇ ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلغىنىم ، ئۆز قىممىتىمنى يەرگە ئۇرغۇنۇم ئەمەسمۇ ؟ مەن ئۇنىڭ باشقىلار تەلپۈنىدىغان ، دوستلىرىم ھەۋەس قىلىدىغان ھوقۇقى ئۈچۈن ، يۇقۇرى مائاش ، ئاجايىپ بېزەلگەن داچىسى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ قىمار ئوينىمايدىغان ، نېشە چەكمەيدىغان ، مېنى ئۇرمايدىغان ، ئاشنا ئوينىمايدىغان ئېسىل پەزىلەتلىرى ئۈچۈن ، جىمجىت ئائىلەم بىر – بىرىمىزنى سىز دەپ ھۆرمەتلىشىدىغان ، مېنىڭ نەدە تۇرۇشۇمنى نىمە قىلىشىمنى باشقۇرمايدىغان ، << كەيفاڭ >> مىجەزلىرى ئۈچۈن لېۋىمنى چىشلەپ باشلىق ئېرى بار ئېسىل سۈپەت ئاياللار قاتارىدىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ، نومۇسسىزلارچە ئۆزۈمنى ئالداپ ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئەرنىڭ قوينىدا يېتىپ ، روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك خورلىنىۋېرەمدىمەن ؟ ! ئۇرۇق – تۇققالىرىمنىڭ قارشىلىقى ، يۈز – ئابروينى دەپ سۈكۈت قىلىۋېرەمدىمەن ؟ ئويلىسام ھەممە ئادەمنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يانىدىكەن ، قازىنى ئۆز ئۆيىدە قاينايدىكەن . مېنىڭچە ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشمۇ ئەخلاقسىزلىق …
دىگەنلىرىڭ ھەق ئاداش ، << كېچە قانچە ئۇزۇن بولسا ، چۈشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ >> دىگەن گەپ بار ، بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىكەنسەن ، تېزراق بىر تەرەپ بولۇپ كەت ، بۈگۈن چىمەنگە قاراپ ھاياتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ھەم چەكلىكلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . ئادەم ئاۋال ئۆزىنى ئۆزى سۆيۈشى ، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىشى كېرەككەن ، شۇندىلا باشقىلارمۇ سېنى سۆيىدىكەن ، ھەم قەدرىڭگە يېتىدىكەن . نەچچە يىلدىن بېرى سەن كۆپ پۇچۇلاندىڭ ، قېرىنداشلىرىىڭ ئۈچۈن ياشىدىڭ ، ئەمدى ھەممىسىنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يورۇيدۇ . سېنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى ئازاپلىرىڭغا ھىچكىم ئورتاقلىشىپ بېرەلمەيدۇ . كېيىنچە سېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىۋالارمىز ، — دىدى خەدىچە ماڭا تەسەللى بېرىپ .
— ئاداش كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بەخت تۇرمۇشتىكى خاتىرجەم ئائىلىسىگە ، ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىلا قارىتىلىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەتتا ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى ئاساسەن << بەختسىز >> بولۇپ قالدى دەپ ئاتاۋاتىدۇ . مېنىڭچە بۇ تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيەت، ھەرگىزمۇ بەختسىزلىك ئەمەس ، مانا مەن ھازىرقى ئەرنىڭ قولىدىكى ھالىمدىن ئاجرىشىپ كەتسەم يالغۇز ياشاشنى ئۆزۈم ئۈچۈن بەخت دەپ قارايمەن . مېنىڭچە بەخت دىگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى خوش بولغان ، كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىگە خوشاللىق تېپىش . نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مەن كۆڭۈلسىز تۇرمۇشىمدىن قۇتۇلسام ، خىيالىمدا سۇبات بىلەن رىياللىقىمدا قەلىمىم ماڭا ھەمرا بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم . چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس قەلبىمدە ئۆزۈم تاللاپ ، چۈشۈنۈپ سۆيگەن ئادىمىم بار . مېنىڭچە ئەڭ چوڭ ئازاپ ، كۆڭلىدە چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمى بولماسلىق ، ئۆزىنىمۇ سۆيدۈرەلمەسلىك ، تەڭرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ماڭا يەنە بىر مەسئۇلىيەت ئارتىلدى . ئاياللار ئۈچۈن ئانا بولۇشمۇ كىچىك بەخت ئەمەس ، مەن ھەيرانمەن باشقىلار ھىچقانداق قۇربان بەرمەيلا ئېرىشىدىغان نېسىۋىلەرگە مەن ناھايىتى تەستە ، كۆپ ئەجىرلەردىن كېيىن ئېرىشىمەن . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ بىرىنچى قېتىملىق نەتىجەمنى باشقىلارغا ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ، مېنىڭ نەتىجەمگە باشقا بىرسى ئالىي مەكتەپكە كېتىپ ، مەن مايتاغ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق قايتا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئۇقۇغۇچى بولۇپ قالغان ئىدىم . شۇ چاغلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشمۇ ناھايىتى ئاسان ئىدى ، شۇڭا مېنىڭ قايتا ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ مېنى << نىمانچە ئەخمەق >> دەپ كۈلۈشكەنلەرمۇ بولغان . ئەمما مەن چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇم كېرەك دەپ ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەرگەن ئىدىم . ئاخىرى ئاللاھ مېنىڭ ئەقىدەمدىن تەسىرلەندىمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم ، ھەتتا ئۆزۈم سۆيىدىغان ئەدەببىيات كەسپىدە ئوقۇدۇم . مۇھەببەت تارىخىمدىمۇ ماڭا شۇنداق ياخشى ئەقىللىق يىگىتلەر ئۇچراشتى . ئەمما ھامان ئۇلارنى مەندىنمۇ بەك سۆيىدىغان پىداكار قىز پەيدا بولۇپ قالدى . سۇباتنى مەن شۇنداق ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ يۈرسەم ، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق بولىشىغىلا ، مېنىڭ بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ، بىر ياتاقتا بىر ناننى تالىشىپ يىگەن ، رەھىمە بىر يۇرتلۇق بولغىنى ئۈچۈنلا سۇباتنى بەختلىك قىلالايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . تەغدىر دىگەن سەن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان رىئاللىق ئىكەن . ئانا بولۇشقا كەلسەك ، مەن بەش – ئالتە ئاي قوساق كۆتۈرۈپ ، ئاش – نان يىيەلمەي سېزىك تارتىپ ، ئاچچىق تولغاقلارنى يەپمۇ ئېرىشەلمىگەن بالىغا ، جان – جىگەر دوستۇمنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرى نەتىجىسىدىن كېيىن مۇنۇ سۆيۈملۈك پەرىشتەمگە ئانا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم . مانا بۇ مەن ئۈچۈن تەستە قولغا كەلگەن بەخت ! مەن ئەمدى مۇشۇ بەختىمگە شۈكرى قىلىپ مېھرىبان ھەم مەسئۇلىيەتچان ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن ، — دىدىم قۇچىقىمدىكى دىلنىگارغا مېھرىم بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ . چولپان مېنى بەك تەسىرلەندۈردىڭ ، مەن سېنى ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچى چاغلىرىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل ، كۆڭلى – كۆكسى كەڭ ،ئەمما كۆڭلى بەك نازۇك چولپان دەپلا يۈرۈپتىمەن . << بەختسىزلىك ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپ >> دىگەنگە ئىشەندىم . سېنى بۇ ئون يىل ئالاھىدە تاۋلاپتۇ . سەن شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا باشقا بىر ئايالنىڭ ( دوستۇڭ بولسىمۇ ) باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىنى باغرىڭغا قىزىم دەپ باسالىغىنىڭنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭنى چوقۇم خوشال ھەم بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدىغىنىڭنى چۈشەندۈرىدۇ . چۈنكى كۆڭلى – كۆكسى كەڭ ، مېھرىبان ئادەم ئۆزىگە كەلگەن خوشاللىقنىمۇ ، ئازاپلارنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ ، شۈكرى قانائەتچان كېلىدۇ — دىدى خەدىچە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ .
— مېنى سەندەك چۈشىنىدىغان يەنە بىرسى يوق ، — دىدىم مەنمۇ كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتكەچ .
— ياق خاتالاشتىڭ ، سېنى يەنىلا سۇبات بەك چۈشىنىدىكەن — دىدى خەدىچە سەل تىترىگەن ئاۋازدا .
— نىمە دىمەكچى سەن ؟
— ئاخشام چىمەننىڭ قىزىنى ساڭا بەرگۈسى بارلىقىنى بىلىپ بىز ھەممىمىز ئارىسالدا قالدۇق ، سېنى ئۇنىماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرىدۇق . ئەمما سۇبات شۇ يەردىلا چىمەنگە << چىمەن سەن بەك توغرا ئويلاپسەن ، ئۇ شۇنداق كەڭ قورساق ، شۇنداق مېھرىبانكى ، چولپاننىڭ ھېلىغۇ بالىسى يوقكەن ، بالىسى بولغان ھالەتتىمۇ سېنىڭ قىزىڭنى يەنە ئۆز قىزىدەك باغرىغا باسىدۇ >> دىگەن ئىدى .
خەدىچەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان شۇ دەقىقىدە ئىسسىق بىر ئېقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تارىدى . يۈرىكىم ئېيتقۇسىز بىر بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى . ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ماڭا شۇنچە گۈزەل ، شۇنچە سۆيۈملىك كۆرۈندى . ئىچىمدە مېنى شۇ دەرىجىدە چۈشەنگەن سۇباتىم بىلەن بىر ئۆمۈر خىيالىمدا روھىمىز بىلەن بىرگە ياشاشنى قەسەم قىلدىم .
دوختۇرنىڭ << ئەمدى كېسەلنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئاخىرەتلىك تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈڭلار >> دىگەن سۆزىدىن كېيىن چىمەننى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە ئەپچىقىۋالدۇق . ئۈرۈمچىدىكى ئون نەچچە ساۋاقداشنىڭ ھەممىسى خەدىچەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئوغۇللارنىڭ سىرتتىكى ئىشلارنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتى . بىز قىزلار تەييارلىقنى نىمىدىن باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ، خەدىچە بىرەر چوڭراق قوشنىسىدىن سوراي دەپ تۇراتتى . ئىشىك چېكىلىپ ، خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ، بىز بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ ، بىر ياتاقتا ياتقان جانجىگەر دوستىمىز زۇمرەت يىغلىغىنىچە كىرىپ كەلدى ، بىز ئۈنسىز يىغلىشىپ دىدارلاشتۇق . ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئوقۇپ ، شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتاتتى .
— سېنى ئالاھ يەتكۈزدىغۇ بىزگە ، قاچان كەلگەن ئىدىڭ — دىدى خەدىچە يىغلاپ تۇرۇپ .
— بايىلا ئايرۇپىلاندىن چۈشىشىم ، ئاپام تېلىفۇندا چىمەننىڭ ئەھۋالىنى دىگەن ئىدى ،ئاللاھ كەچۈرسۇن مېنى قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىدىم . تەقدىرگە تەن بەرگۈم كەلمىگەندەك ، شۇ كۈنىلا ماڭماقچى بولغان ئىدىم ، بىراق ئۇ كۈنى ئايرۇپىلان بولمىغاچقا بىر كېچە كۆزۈم ئوچۇق تاڭ ئاتقۇزدۇم …
— سېنى كېلىپ قالدىمىكىن دەپ چوڭ ئۆيۈڭگە تېلىفۇن قىلسام ، سەن كەلمەپسەن ، شۇڭا ئاپاڭغا بىرەر قۇر ئەھۋالنى دەپ قويغان ئىدىم ، ئۆزۈممۇ ساڭا تېلىفۇن قىلارمەن دەپ ئويلىغان ئەمما بۇ ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن تۇيۇقسىز ئىشلار بىلەن ھودۇقۇپلا قالدىم — دىدى ىەدىچە .
— ئاپامغا دەپ بولسىمۇ ياخشى قىلىپسەن ، بولمىسا سىلەردىن رەنجىپ قالاتتىم . بۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش ئەمەسمۇ ؟
— باللىرىڭنىمۇ ئېلىپ كەلدىڭمۇ ؟ مەردانىمۇ كەلدىمۇ ؟ — بىز تەرەپ – تەرەپتىن سۇئال سورايتتۇق .
— كەلدى ، بالىلارمۇ تەتىل بولغان ، ئېلىپلا كەلدۇق . مەن ئاۋال چىمەننى كۆرۈپ چىقايمۇ ؟ زۇمرەت چىمەننىڭ يېنىغا كىرگەندە ، چىمەن كۆزلىرىنى غۇۋا ئېچىپ ياتاتتى .
— چىمەن ، قانداقراق تۇرىسەن ؟ قارا مەن سېنى سېغىنىپ كەلدىم ، — دىدى زۇمرەتمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا چىمەننىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ .
— رەھمەت ئاداش ، ئازراقلا كېچىككەن بولساڭ مېنىمۇ كۆرەلمەيتتىڭ ، رەھمەت ، سەن دىليار بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەن بىلەن كۆزۈڭ بىبلەن كۆرمىگەنتىڭ ، ئۇ بەك ئەقىللىق ، بەك چىرايلىق خۇددى دادىسىدەكلا چىرايلىق چوڭ بولغان ئىدى … مەن چىدىماي قالدىم … چىمەننىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرىدىن ساقىپ قۇلاقلىرىغا قۇيۇلاتتى .
— چىمەن ، مەن ساڭا ئەرەب خەلىپىلىكىدە بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ئاڭلىغۇڭ بارمۇ ؟ — دىدى زۇمرەت چىمەننىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ .
— مېنى يۆلەڭلار ، مەن سېنى بەك سېغىنغانتىم ، گەپلىرىڭنى بەك ئاڭلىغۇم بار ، ھېلىقى 324-ياتاقتىكى چاغلىرىمىزنى بەك ئەسلەيمەن . قېنى سۆزلە پاراڭلىرىڭنى ئاڭلىۋالاي ! …
— زۇمرەت ، چىمەن سېنى كۆرۈپ خېلىلا جانلىنىپ قالدى ، قېنى پاراڭ سېلىپ بەرگىنە ؟ — دىدىم مەنمۇ ئاخشامنىڭياقى خىرە كۆزىنى ئېچىپ ھېچنىمە خوشياقمىغاندەك ياتقان چىمەننىڭ چىرايلىرىدىكى سۇس تەبەسسۈمنى كۆرۈپ .
— مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارغان بىرىنچى يىلىم مېنىڭ بىر قوشنامغا شۇنداق قوش مۇسىبەت كەلدى . ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىر قىزى بىلەن بىر ئوغلى بولۇپ ، قىزىنى سۈرىيەگە ياتلىق قىلغان ئىكەن . مەن قوشنا بولۇپ بارغاندا شۇ قىزى تۇغۇتلىق ئىكەندۇق . قىزىنىڭ قىرىقى توشۇپ سۈرىيەگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇپ ئوغلى ھەدىسىنى ، بوۋاقنى ماشىنىدا ئايروپورتقا ئېلىپ كېتىۋېتىپ ، ماشىنا ھادىسىسىدە بىراقلا قازا قىپتۇ . مەكتەپتىن كەلسەم قوشنىلار شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى . مەن قوشنامنى كۆرگىچە قوشنامنى قانداق ھالەتتە كۆرۈشۈمنى تەسەۋۋۇر قىلالماستىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كىرسەم ، قوشنام ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ، كىرگەن پەتىچىلەرنىڭ تەسەللىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ . قوشنامنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغا قاراپ ، ئىچىمدە ۋارقىراپ بىر يىغلىۋەتسىچۇ ؟ دەپ كەتتىم . ئەمما قوشنام كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلارغىمۇ خىجالەت بولىۋاتقاندەك لىچىكىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ << ئەلھۆكمۇلىللا ، ئاللاھ ئۆزى بېرىپ ، ئۆزى ئەكەتتى ، شۈكۈر بالىلىرىمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن >> دىدى .
ئۆيگە قايتىپ چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى . مېنىڭ شۇ چاغدىكى خىيالىمدا بولسا ئۇ ئانا ئاللا – كاللا دەپ قوشاق قېتىپ ، ھازا ئېچىپ نەچچە ھۇشىدىن كېتىشى كېرەك ئىدى . ئەتىسى مەكتەپكە بارغاندا پارتىداش ساۋاقدىشىم ئەرەب چوكاندىن سورىدىم ، ھەمدە بىزنىڭ ۋەتەندە بولىدىغان ھازىلارنى چۈشەندۈردۈم . ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ : ماڭا مۇنداق بىر ھەدىسىنى سۆزلەپ بەردى ، << بىزنىڭ ئىسلام تارىخىمىزدا بىر دانىشمەن ئايال ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ ئۆلۈمدەك سالمىقى ئېغىر بۇ تېمىغا ناھايىتى ئىخچام قىلىپ مۇنداق جاۋاپ بەرگەچكە تارىخ بەتلىرىدە تەكرار – تەكرار پۈتۈلگەنكەن . بۇ دانىشمەن ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خادىمى ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ئانىسى رۇمەيسە بولۇپ ، ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئەنسارلاردىن بولغان ئەبۇ تەلھەگە ياتلىق بولغان . بىر قېتىم ئەبۇ تەلھەنىڭ كىچىك ئوغلى ئاغرىپ ياتقاندا ئەبۇ تەلھە سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ . ئوغلىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىپ دادىسى كەلگىچە ئۆلۈپ كېتىپتۇ . رۇمەيسە ئۆيدىكىلەرگە ئەبۇ تەلھەگە بۇ خەۋەرنى ئۆزى ئېيتىدىغانلىقىنى ھەممىسىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى تاپىلاپتۇ . رۇمەيسە ياسىنىپ – تارىنىپ ئەبۇ تەلھەنى كۈتۈۋاپتۇ ھەم ئالدىغا تاماق كەلتۈرۈپتۇ . ئەبۇ تەلھە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ، رۇمەيسە : << ئۇ ئەڭ تېنچ ھەم ياخشى ھالەتتە >> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئەبۇ تەلھە بۇنى ئوغلۇم ھازىر ياخشىلىنىپ قاپتۇ دەپ چۈشۈنۈپتۇ . ئۇ كېچە ئىككىسى بىللە بوپتۇ ، ئەتىسى رۇمەيسە ئېرىگە : پۇكۇنى ئادەم پۇستانى قەبىلىدىكى ئادەملەرگە مەلۇم ۋاقىت مېلىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشقا ئامانەت قويۇپتىكەن ، ئۇلار مالنى ئىشلىتىپتۇ ؛ بەھرىمان بولۇپتۇ ، مۆھلەت توشقاندا مال ئىگىسى مالنى قايتۇرۇشنى سوراپتىكەن ئۇلار بەرگىلى ئۇنىماپتۇ >> دەپتۇ . ئەبۇ تەلھە : << دۇنيادا شۇنداقمۇ يولسىزلىق بارمىكەن ، ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئەقەللى قائىدى تۇرسا >> دەپتىكەن ، رۇمەيسە : << ئوغلىمىزمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى ئىدى ، جان ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئامانىتىنى ئالدى >> دەپتۇ . بۇ شۇم خەۋەردىن ئەبۇ تەلھە قاتتىق قايغۇرۇپتۇ ۋە : << ئىنسان دىگەن شۇنداق بىرەر مۇسىبەت يەتكەندە ، سەن ئېيتقان ھەقىققەتنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، ئاللا – توۋا كۆتۈرىدۇ . سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا سەۋرى ئاتا قىلدى ، شۇڭا مەن پەقەتلا ئاللاھ قۇرئاندا ئېيتقان : << بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز ، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيمەن >> دەپتۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇمەيسەنىڭ ئاقىلانىلىقىدىن ، ئەبۇ تەلھەنىڭ سەۋرىدىن خۇرسەن بولۇپ ، ئىككىسىنىڭ شۇ كېچىسىگە بەركەت تىلەپ دۇئا قىلىپتۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن رۇمەيسە ھامىلدار بولۇپ ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئىسمىنى ئابدۇللا قويۇپتۇ . ئابدۇللاھ تەقۋادارلىقى ۋە باتۇرلىقى بىلەن زور شەرەپكە ئىگە بولۇپ ، ئون ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپتۇ . >> مەن بۇ ھەدىستىن شۇنى چۈشەندىمكى ، ئاللاھ بىز بەندىلىرىنىڭ شۈكۈر قانائەتچان ، بەردەم بولىشىمىزنى خالايدىكەن . ئاللاھ : << شۈكۈر قىلساڭ ماڭا ، يەنە بېرەي ساڭا >> دىگەنكەن . شۇڭا دوستۇم شۈكۈر قىلغىن ، ھېلىمۇ ياخشى ئوغلۇڭ سېنىڭ قولۇڭدا جان ئۈزۈپتۇ ، ئاخىرەتلىكلىرىنى ئۆز قولۇڭدا ئورۇنداپسەن ، سەن كۆرمەستە خەقنىڭ يۇرتىدا كوچىلاردا جەسىتى قالسا قانداق قىلاتتىڭ ؟ سەن ئاق كۆڭۈل ۋاپادار ئانا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بالاڭنى ئاخىرقى تىنىقىدا بولسىمۇ سەن بىلەن دىدارلاشتۇرۇپتۇ ، ئوغلۇڭنى تۇققان چېغىڭدا تازا خوش بولغان بولغىيتىڭ ؟ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقىن . زۇمرەتنىڭ ناھايىت يۇمشاق ئاھاڭدا بەرگەن تەسەللىلىرى چىمەننىلا ئەمەس ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈردى ھەم تەسەللى بولدى .
زۇمرەت ، مېنىڭ ئاتا – بوۋام ئىمانى بار ، ئېتىقادى كزچلۈك مۇسۇلمان ئىدى . ئەمما مەن مۇسۇلمانلىق بۇرچىلىرىمنى ئادا قىلىپ بولالمىدىم ، ئىشىك تۈۋىمگە ئەزرائىل كەلگەندە بولسىمۇ توۋا قىلاي ، بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ، ماڭا كىچىكىمدە ئانام ناماز ئوقۇشنى ئۈگەتكەن بولسىمۇ ئوقۇشقا كېلىپ ناماز ئوقۇيالمىدىم … شۇ تاپتا بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن . ماڭا شاھادەت ئوقۇپ بەرگىن ، ئىمان ئېيتىپ …— چىمەننىڭ ئاۋازلىرى پەسلەپ كېتىۋاتاتتى .
زۇمرەت تەرەتلىرىنى ئېلىپ كېرىپ چىمەننىڭ باش تەرىپىدە ئولتۇرۇپ بوز ئاۋازدا :
— چىمەن ، ئاللاھ رەھمەت قىلغۇچى ، تۆۋە قىلغانلارنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ ، بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز ، ئەمما قاچان ، قەيەردە كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ ، ماڭا ئەگەشكىن ، ئىمان يېڭىلايمىز . << بىسمىللاھىر – رەھمانىر – رەھىم … >> چىمەن زۇمرەتكە ئەگىشىپ ئاغزىنى مىدىرلىتىۋاتقىنى بىلەن ئايەتلەرنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايۋاتاتتى .
— ئۇسساپ كەتتىم ، ئۇسساپ … چىمەن بوش ئاۋازدا ئېڭىرىدى.
— ئاغزىڭنى ئاچقىن ، مانا ياسىن دېمىدىسى سېنىڭ تەشنالىقىڭنى قاندۇرسۇن ، بىسمىللاھىر رەھمانىر – رەھىم !
چىمەن تەكلىماكاننىڭ چۆللىكىدە ئۇسسىز قالغان ئادەمدەك ياسىننى دىمىدىسىنى چاكىلداپ تۇرۇپ بەش – ئالتە يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن سەل ئارام ئالغاندەك بولۇپ زۇمرەتكە لەپپىدى قاراپ :
— سېنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، ئەمدى ياسىننى ئوقىغىن ، ياسىننى ئاڭلاي — دىدى بوشلا .
— خەدىچە ، ئۆيدە قۇرئام بارمۇ ؟ — دەپ سورىدى زۇمرەت .
— بار ئاچىقايمۇ ؟
— ئۆيۈڭدە قۇرئان ساقلىغىنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، تېز ئەپچىققىن ، — دىدى زۇمرەت .

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z4 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى