بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بېلىق مېيىنىڭ خاسىيەتلىك رولى
-
بېلىق مېيىنىڭ خاسىيەتلىك رولى
ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 3820 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىلىق مېيىنىڭ خاسىيەتلىك رولى
بېلىق مېيىنىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقىغا ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك تونۇتقان كىشى دانىيەلىك دوكتور دايېربېرىگ بىلەن باڭ بولۇپ، ئۇلار بۇ يەكۈننى ئېسكىموسلارغا قارىتا ئۈچ يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىقارغان. ئېسكىموسلار دائىم كىتا بېلىقى، تىيۇلېن،دېڭىز ئىتى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدىغان بولۇپ، ياغ ئىستېمال قىلىش مىقدارى، ئومۇمىي قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ35~40پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىك ئىستېمال نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ گۆشلۈك تاماقنى ئاساس قىلىدىغان دانىيەلىكلەردىن ئانچە پەرقى يوق. تەتقىقاتچىلار ئېسكىموسلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ قېنىدىكى خۇلىستېرول بىلەن نېيترال ياغ قىممىتىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئىكەنلىكىنى بايقىغان.ئۇلاردا يەنە ئارتېرىيە قېتىش، قان نۆكچىسى دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ قىلچە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن . شۇنداقلا ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ دانىيەلىكلەرنىڭ 10دىن بىرىچىلىكمۇ ئەمەسلىكىگە ھەيران قالغان. ئوخشاش مىقداردىكى ياغنى ئىستېمال قىلىپ، يەنە كېلىپ ھايۋانات تۈرىدىكى ياغنىڭ ئىستېمال مىقدارى يۇقىرى تۇرۇپمۇ نېمىشقا يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى ئېسكىموسلاردا بۇنچە تۆۋەن بولىدۇ ؟قان تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ،ئېسكىموسلارنىڭ قېنىدا دوكوساھئېكسئېنوئىك كىسلاتا(DHA)، تىمنودونىك كىسلاتا(EPA)دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل ماددا ناھايىتى مول ئىكەن. بېلىق تۈرىدىكىلاردىن باشقا يەنە، ئېسكىموسلارنىڭ يەنە ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى بولغان دېڭىز ھايۋاناتلىرى(كىت، پالاقچە پۇتلۇقلار،دېڭىز كالىسى،قاما قاتارلىق)نىڭ تېنىدە دوكوساھئېكسئېنوئىك كىسلاتا بىلەن تىمنودونىك كىسلاتا مىقدارى كۆپ بولۇپ، بۇ ماددىلار باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلارنىڭ تېنىدە كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا، ئېسكىموسلارنىڭ قېنىنىڭ پاكىز ھالەتتە تۇرۇشى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن DHAبىلەن EPAنى كۈندە قوبۇل قىلىپ تۇرغانلىقىدا. ياپونىيەنىڭ بېلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان رايونلىرىدىكى كىشىلەردە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى باشقا رايونلاردىكىلەردىن ئۈچ ھەسسە تۆۋەن بولغان. يۇقىرىقىدىن باشقا DHAبىلەن EPAيەنە راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. دېمەك، قېنىڭىزدىكى ياغنىڭ نورمال قىممىتىنى ساقلاپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلىناي دېسىڭىز، پات-پات بېلىق ئىستېمال قىلىپ تۇرۇڭ. چۈنكى بېلىق تەركىبىدە DHAبىلەن EPA نىڭ مىقدارى ئەڭ مول. ‹‹بېلىقنىڭ خاسىيەتلىك رولى››ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆمەرجان ئەمەت
رەڭلىك بېلىق مېيى تەركىبىدە DHAۋەEPAلار ناھايىتى مول،يەنى كېلىپ بۇلار سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر.بېلىق مېيى چوڭ مېڭە يىگىلەشنى كېچىكتۈرۈپ،چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ۋە ياشانغاندا كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا 21-ئەسىردە ياشانغاندا كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئالدىنقى ئەسىردىكىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. EPA、DHA تولۇقلاش ئارقىلىق بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاقىلانە چارىدۇر.رەڭلىك بېلىق مېيىنىڭ ئۆسمە،يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش رولى كۆرۈنەرلىك.شۇڭا ياشانغانلار بېلىق مېيىنى تولۇقلاپ تۇرۇشى زۆرۈر.
بېلىق مېيىنىڭ قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ، قاننى سۈزۈلدۈرۈش رولى بار، شۇڭا قان قويۇق، قان تومۇر تارايغان بىمارلارغا تەڭشەپ بېرىمىز، بىراق بېلىق مېيىنىڭ قان سۈزۈلدۈرۈش ئۈنۈمى تىز، قاننى جانلاندۇرۇش، تىز راۋانلاشتۇرۇش رولى بار، شۇڭا مېڭە قالقان تومۇرلاردا توسۇلۇش ئېغىر بولغان بىمارلارغا ۋە مېڭىسىگە بىر قېتىم قان چۈشكەن بىمارلارغا بېلىق مېيىنى بىۋاسىتە بېرىشكە بولمايدۇ،
زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى كەمچىل بولسا ،ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراش ،كۆپىيىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ،تىرە زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.يەنە جىگەر،بۆرەك،نېرۋا ۋە كۆرۈش سېزىمى كېسەللىكلىرى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياغ بولسا مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددا،يېمەكلىكنى تۈزگۈچى ئاساسى تەركىب .ئارتۇق مىقداردا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى سۈمۈرۈش ئاسانلا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،مەسىلەن سېمىزلىك كېسىلى ،يۇقىرى قان بېسىم ،دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلار.ئۆسۈملۈك مېيىنىلا ئاساسى يېمەكلىك مېيى ئورۇندا ئىشلەتكەن ئادەملەردە ئادەتتە ماي كەمچىل بولۇش كېسىلى كۆرۈلمەيدۇ.پەقەت يېمەكلىك ئارقىلىق بەلگىلىك مىقداردىكى ω-3 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى تولۇقلاپ تۇرۇش ئارقىلىق،قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.بوۋاقلار،ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار يېمەكلىك ئارقىلىقω-3 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى تولۇقلاپ تۇرسا،ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرالايدۇ.
فىرانسىيە دېڭىز مەنبەلىك ياۋا بېلىق مېيى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىنى تولۇقلايدۇ. 120 كاپسۇل ، كۈندە 2ـ3 كاپسۇلدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

ئەر- ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ
2015-12-07 19:53:301221
كۆز گىرىمىدا كۆزنى ئىككى ھەسسە چوڭ كۆرسىتىشنىڭ م
2016-01-18 18:39:243624
داڭلىق پىسخىلوگنىڭ دۇنيا قىزلىرىغا قىلغان 5 ئېغى
2015-12-24 12:48:474971
ئەر-خوتۇنلار كۆڭۈل سىرلىرىنى قانداق ئېيتىشى كېرە
2015-12-11 12:48:262800
يىگىتلەرنىڭ سىز بىلەن توي قىلغۇسى بار-يوقلۇقىنى
2015-11-22 16:17:563500
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا
2016-01-07 01:55:563798
ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ئاسان ئارىلى
2015-11-28 01:25:231903
بالىياتقۇدىكى قالدۇق ئەخلەتلەرنى تازىلاشتىكى ياخ
2015-10-04 23:05:254432
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-




















