بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ئاسان ئارىلىشىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر
-
ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ئاسان ئارىلىشىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر
ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 1888 قېتىمئاياللار بۆلۈمدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ئاسان ئارىلىشىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەريانفوندا كۆرۈش
1. تامچە قۇرۇتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى: سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش كۈچلۈك بولىدۇ، جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرى كۆپۈكلۈك بولىدۇ، سېسىغان بېلىقتەك پۇراق بولمايدۇ، مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە كۆپلىگەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە ھەرىكەتچان تامچە قۇرۇتنى كۆرگىلى بولىدۇ.
2. زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى: بۇ كېسەللىكتىمۇ سىرتقى جىنسىي ئەزا كۈچلۈك قىچىشىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ، جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرى قۇيۇقراق ئاقۇش ياكى ساغۇچ ئاق رەڭلىك، ئېرىگەن سۈتتەك ياكى دۇفۇ تىرىپىدەك كېلىدۇ؛ جىنسىي يول دىۋارىغا قان تولىدۇ، مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى، زەمبۇرۇغ سىپورىسى ۋە يىپچىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
3. سۆزنەك شارچە باكتىرىيەلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى: بۇ كېسەللىكتە، بالىياتقۇ بوينىغا قان تولۇش كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ۋە جىنسىي يولدا كۆپ مىقداردا ساغۇچ، قۇيۇق، يىرىڭلىق ئاجرالما ماددىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، كۆپىنچە دوۋساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە ئىپتىلىيە ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتىرىيەسى مەۋجۇتلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
4. جىنسىي پىسخىكا نورمالسىزلىقى ياكى جىنسىي كېسەللىكتىن گۇمانلىنىش كېسەللىكى: بىمارنىڭ ناچار جىنسىي تۇرمۇش تارىخى بار بولسا ياكى جۆرىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان تارىخىنى بىلگەندىن كېيىن، سىرتقى جىنسىي ئەزا يېقىمسىزلانغاندەك ھېس قىلىدۇ، مەسىلەن ئۇخشىمىغان دەرىجىدە قىچىشىپ ھەم قۇرۇت ماڭغاندەك سىزىم بولىدۇ، بىراق جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ، يىپچە ھۈجەيرە بولمايدۇ ياكى ئارىلاپ كۆرۈلىدۇ، ھەم تەكشۈرگەندە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەر كۆرۈلمەيدۇ.
5. سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش: ناچار جىنسىي تۇرمۇش تارىخى بار بولسا، ئۆزىگە سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشقاندەك سىزىم بولىدۇ، بىراق جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا نورمالسىزلىق بولمايدۇ ھەم تەكشۈرگەندە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتىرىيەلەر كۆرۈلمەيدۇ. بۇ كېسەللىك ئاساسەن روھىي ئامىلى ۋە بەدەن ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ، جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقالمايدۇ.
*************
يۇقىرىقى ئاياللار كېسەللىكى كۆرۈلگەندە، ئەگەر بۇنىڭ شىپاسىغا ئېھتىياجىڭىز چۈشسە، بىز سىزگە يەنىلا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغان مەھسۇلات «خانزادىلەر گۆھىرى» نى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تېلېفون: 0991-6598750 ياكى ئۈندىدار: parixta05 ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ!تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان 12 خىل چارىس
2016-01-26 14:50:374537
بۇ 10 ئىش ئاياللارنى ئۆمۈرلۈك ئازابقا قويىدۇ
2015-12-05 17:11:381744
قىزلارغا 100 نەسىھەت: ئىككىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:55:142046
دىيانەتلىك ئاياللار ھەققىدە
2016-01-23 12:23:451845
ئەقىللىق ئاياللارنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى ئالتە خىل ئ
2016-01-06 19:25:261485
10 مىنۇت ئاچچىقلىنىش 3000 كىلومېتىر يۇگۇرگەنگە ب
2015-12-09 20:59:501576
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (2)
2014-11-16 14:14:593301
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش ۋە ئۇنىڭ ئالام
2015-12-10 19:02:033184
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-




















