بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
دىيانەتلىك ئاياللار ھەققىدە
-
دىيانەتلىك ئاياللار ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 1852 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دىيانەتلىك ئاياللار ھەققىدە
ئاياللار پاك سەمىمىيلىكى بىلەن يالغۇز ئەرلەر قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىپلا قالماستىن، ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا گۈزەللىك، مېھرىبانلىق، سەلتەنەت ئاتا قىلىدۇ. دېمەكچى، ئاياللارنىڭ ئۆزى بىر كىتاب.
دىيانەتلىك ئاياللار بىر ياخشى كىتاب. ئۇنى خالىغان كىشى ئوقۇيالمايدۇ، ئوقۇپمۇ چۈشىنەلمەيدۇ. دىيانەتلىك ئاياللار تۇرمۇشنى سۆيىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانچە جەلبكار بولمىسىمۇ، ھاياتى جەلبكارلىققا تولغان بولىدۇ. مول بىلىمى، ئالىي مەلۇماتى، گۈزەل لاتاپىتى، كەڭ كۆكسى- قارنى، سۆيگۈگە تولغان قەلبى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭدارلىققا تولدۇرىدۇ، ياخشى كىتاب ياخشى ئوقۇرمەنگە ئوڭاي يولۇقمىغاندەك، دىيانەتلىك ئاياللارنىڭ ياخشى ئەرلەرگە يولۇقۇشى ناتايىن، بۇ خۇددى ئېگىز پەدىگە جور چىقمىغاندەكلا بىر ئىش. بەزىلەر: «دىيانەتلىك ئاياللار ھەقىقەتەن بىر ياخشى كىتاب، ئۇ كىشىگە ئىلھام، زوق بېغىشلايدۇ. نەپ بېرىدۇ، ئۇ پۈتمەس- تۈگىمەس زوق ئاتا قىلىدىغان نادىر ئەسەر. ئۇلار نېمىلا قىلسۇن، ئۆز لايىقىدا قىلىدۇ، قارشى تەرەپكە مالاللىق يەتكۈزۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئەرلەرنى چۈشىنەلەيدۇ. بىر دىيانەتلىك ئايال سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ياخشى كىتاب، بىر ئۆمۈر ئوقۇپمۇ زېرىكمەيدىغان كىتاب. ئۇلار ئەرلەرنىڭ زېرىكىشلىك، بۇرۇقتۇرمىلىققا تولغان قەلبىنى نۇر بىلەن ئىللىتىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كۈي، قەلب تارىڭنى چېكىدىغان، ھېس- تۇيغۇلىرىڭنى باھار ئاپتىپىغا باشلايدىغان» دېيىشىدۇ. دەرۋەقە، كىشىلەر ياخشى كىتابنى ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىدۇ، ياخشى كىتابنى تاپقاندا دىيانەتلىك ئايالنى تاپقاندەك سۆيۈنىدۇ. بىر دىيانەتلىك ئايال گوياكى بىر قەدەھ ئېسىل مەيگە ئوخشاش دىلغا ئارام، يۈرەككە شىپا. ئۇ سىزنى بىر ئۆمۈر مەستخۇش قىلىدۇ، قەدىر- قىممەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
مەنبە: نۇر تورىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سۆزلىرى
2015-12-24 17:07:023780نىكاھنى بۇزىدىغان غەلىتە ئامىللار
2016-01-21 15:01:332059جىنسىي ئالاقىدە ئاياللارنىڭ ئىڭرىشى بۇزۇقلىقىدىن
2016-01-25 16:27:339628ئەر ئايال ئىككىلىسى تالاغا قاراپ قاپتۇ، ئۈچىنچى
2015-12-08 18:08:502857ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺗﯘ
2015-12-22 12:09:005369قىزچاق 2.14 كېچىسى سىزنىڭ توي كېچىڭىز ئەمەس! دىق
2016-02-08 14:19:306391يالغان قىزلىق بىلەن ئېرىنى ئالدىغان قىز~توۋا ئىن
2016-02-09 14:15:368040تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-07 15:16:271564
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-