بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سۆزلىرى
-
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سۆزلىرى
ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 3798 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سۆزلىرى
1. بۇرۇنقى قىز دوستىڭىزغا سېلىشتۇرغاندا، مەن قانداقراق؟
روشەنكى، بۇ ئۇنى بۇرۇنقى قىز دوستى بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىق، گەرچە ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئويلىسىمۇ، مەسىلەن «جىنىم، سىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىنمۇ قالتىس» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغۇسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆز ئەرنى بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئەرنى بۇرۇنقى ئەسمىلىمىلەرنى ئويلاشتىن توسۇشنى بىلىش كېرەك.
2. سىز بىلەن دېيىشكۈدەك گىپىم قالمىدى
بۇ ئۇنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىق: بىز قىلىشقۇدەك گەپ تاپالمايدىغان دەرىجىگە يەتتۇق! ئۇنداقتا ئايرىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ بەلكىم ئايالنىڭ ئاچچىقىدا دېگەن سۆزى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەركىشىگە نىسبەتەن ئۇزۇن ۋاقىت بۇ سۆزنى تەكرالاۋەرگەچكە تېخىمۇ ئوساللاشتۇرۇپ قويۇش مۇمكىن.
3. مەن مۇشۇنداق سەت تۇرسام قانداق قىلىمەن.
بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى سىنايدىغان سۆزى، بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانچە ئەرلەر راستلا ئايالىنى سەت دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
4. باشقىلارنىڭ ئەرلىرىگە قاراپ باقە
«باشقىلارنىڭ ئەرلىرى سېنىڭدىن قاملاشقان!»، «باشقىلارنىڭ ئەرلىرى سەندىن پۇلدار!»، باشقىلارنىڭ ئەرلىرى سەندىن مۇلايىم ۋە كۆيۈمچان!»، ئەمما ئەرلەر «ئەگەر شۇنداق بولسا، شۇ ئەرگە تەگسەڭ بولمامدۇ؟» دەيدۇ. روشەنكى ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشىغا بەك ئۆچ.
5. كىمدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن.
ئەگەر ئەرنىڭ تېلېفونى سايرىسا، ئاياللار ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا:« كىمدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن؟» دەپ سورايدۇ، ئەگەر ئەر سەل دىلىغۇل بولۇپ قالسا ئايال تېخىمۇ گۇمانلىنىپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سوراق قىلىپ، زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئايال بولغان ئىكەن، ئەرلەرگە ئاز-تولا مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغان بوشلۇق بېرىش كېرەك.
6. باشقىلارغا قاراپ باقە
ئاياللار دائىم ئەرلەرنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتىكى ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئاغرىنىپ، ئۇنى ئەيىبلەيدۇ، بۇ خىل ئەيىبلەش، بەلكىم كەسىپ جەھەتتىكى ۋە ياكى تۇرمۇشتىكى يېتەرسىزلىكى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىلدىكى سۆزلەر ھەرۋاقىت ئەرلەرنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ قويىدۇ.
7. ئۇنى دائىم سېغىنامسەن
ئاياللار ئادەتتە سەزگۈر ھەم ئېھتىياتچان كېلىدۇ، گەرچە ئەرلەر بۇرۇنقى قىز دوستىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئايالنىڭ ئاجىز نېرۋىلىرى دائىم يولدىشىنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىنى قايتا تېپىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپلا تۇرغاچقا، ئاياللار ئەرلىرىدىن پات-پات بۇرۇنقى قىز دوستىنى سېغىنغان-سېغىنمىغانلىقىنى سورايدۇ.
8. كۆڭلىڭىزدە مەن بارمۇ-يوق
بەزى ئاياللار بەك گۇمانخور كېلىدۇ، يولدىشى بىلەن شۇنداق ئازارلىشىپ قالغان ھامان، يولدىشىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ كېتىدۇ، ئەمما بۇنداق ئىشەنمەسلىك دائىم ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىۋىتىدۇ، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتى قىزغىنلىق ۋە توغرا چۈشىنىش ئاساسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغان بولۇپ، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» بىلەن ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
9. ھەممىسى سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز
نۇرغۇن ئاياللار ئۆز خاتالىقىنى ئىقرار قىلىشنى خالىمايدۇ، «مەن خاتالىشىپتىمەن» دېگەن سۆزنى پەقەت ئەرلەر قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللار ئۆمرىدە «مەن خاتالىشىپتىمەن» دەپ باقمىغان بولسا، بۇ بىر زور مەغلۇبىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ «مەن خاتالىشىپتىمەن» دەپ قويۇش، ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
10. ئاپىڭىز ئىككىمىز تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسەك، ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز
نۇرغۇن ئاياللار بۇ سوئال ئارقىلىق يولدىشىنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ، ئەمما راست گەپنى قىلغاندا، بارلىق ئەرلەر بۇ سوئالدىن بەكلا بىزار، چۈنكى بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بەرسە، خاتا بولىدۇ. «ئاۋۋال ئاپامنى قۇتقۇزىمەن» دەپ جاۋاب بەرسە، بۇ ئايالىنى ياخشى كۆرمىگەنلىك بولىدۇ، «ئاۋۋال ئايالىمنى قۇتقۇزىمەن» دەپ جاۋاب بەرسە، بۇ ئوغۇلنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنداقتا زادى قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟
11. سەن بىلەن توي قىلىپ زادى نېمىگە ئېرىشتىم
بۇنداق گەپ قىلىدىغان ئاياللار دائىم ئۆزىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى بولمىغان شۇنداقلا بارلىق مەسئۇلىيەتنى يولدىشىغا ئىتتىرىپ قويىدىغان ئاياللار. ئەگەر سىزنىڭ راستلا بۇ ئائىلىدە تۇرغۇچىلىكىڭىز قالمىغان بولسا، شۇنداق دېسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇ سۆز ئەھۋالنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرىدىغان سۆزدۇر.
مەنبە: ھېسيات سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھاياتىڭىزنى مۇشۇنداق ئەرگە تاپشۇرۇڭ
2015-12-15 13:09:223253قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 3-سان
2016-03-19 20:23:332138ئوقۇغۇچىلاردا بالا چۇشۇرۇش ئېغىرلاشماقتا
2015-12-16 12:37:534088ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئۇچلۇق نەم مېڭى دېگە
2015-11-22 01:19:184624زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-08 00:09:522048قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭلى بار بولسا بۇنداق قىلى
2015-12-18 19:37:594003ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك شىپاسى: ن
2015-05-18 16:40:0114831ئاياللار مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىرنەچچە خىل ئەر
2016-01-13 13:58:344087
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-