بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىرنەچچە خىل ئەرلەر....سىز قايسى تىپقا كىرىدىكەنسىز
-
ئاياللار مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىرنەچچە خىل ئەرلەر....سىز قايسى تىپقا كىرىدىكەنسىز
ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 4071 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىرنەچچە خىل ئەرلەر....سىز قايسى تىپقا كىرىدىكەنسىز
1. باشقىلارغا ئۇنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇنىڭ بېلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تونۇشتۇرۇڭ، بىر چەتكە ئۆتۈۋىلىپ بارمىقىڭىز بىلەن كۆرسىتىپ ئەمەس.
2. كوچىدا كېتىپ بارغان قىزلارغا بەش سىكۇنتتتىن ئارتۇق قارىماڭ، بىر قىزغا بەش قېتىمدىن ئوشۇق قاراپ كەتمەڭ، ئۇ ھەرقانچە ھۆر-پەرى بولسىمۇ.
3. ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
4. ئايالىڭىز سىزنى بوزەك قىلسا مەيلى ،لېكىن سىز ئايالىڭىزنى بوزەك قىلماڭ، چۈنكى ئۇ گەرچە سىزنى بوزەك قىلغان بىلەن ،ھەر قېتىمدا نېمە ياخشى نەرسىلەر بولسا، ئالدى بىلەن سىزنى ئويلايدۇ.
5. ئەگەر ئۇ سىزگە قاراپ يىغلىسا، ئۇنىڭدىن بىزار بولماڭ، بەزلەڭ، تاكى ئۇ كۈلۈپ سالغۇچە..
6. ئۇنىڭ رەسىمىنى ھەميانىڭىزغا سېلىۋىلىڭ، ئۇ كۆرسۇن مىننەتدار بولىدۇ، ئاندىن سىزنى مىننەتدار قىلىشقا تىرىشىدۇ.
7. ئۇنىڭدىن ئون كۈندىن ئارتۇق ئايرىلماڭ.
8. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكىدىن بەك كۆيۈنىدىغان ۋە ئاسرايدىغان تەسىرنى بېرىڭ.
9. ئۇنىڭغا بەك قوپال مۇئامىلە قىلىۋەرمەڭ.
10. ئىللىقلىق سىزنىڭ مەيدانىڭىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
11.مەڭگۈ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇنىڭغا ۋارقىرىماڭ، ھەرگىز ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتمەڭ.
12. دوستلىرىڭىزغا ھەمرا بولسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز يوق تاشلاپ قويماڭ.
13.ئۇ سىزنى سېغىنغاندا، چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشىڭ.
14. قىزلار سىزگە گەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇڭ، ئەگەر ئۇ يېنىڭىزدا بولمىسا ئۇ قىز بىلەن ئارىلىق ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ.
15. يولدىن ئۆتكەندە چوقۇم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋىلىڭ.
16.ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ.
17. ئايالىڭىزغا ياخشىراق سوۋغا بېرىڭ، باشقىلار سورىغاندا، پەخىرلىنىپ تۇرۇپ بۇنى مەن ئېلىپ بەرگەن دەڭ.
18. ئۇنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرۈڭ، ئۇنىڭ قارارىنى قوللاڭ.
19. كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئايالىڭىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ سەيلە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
20. ئايالىڭىز ئاغرىپ قالغاندا ئۇنىڭغا ۋاقتىدا دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
21.ئايالىڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ.
22. قانداق خوش خەۋەر ياكى شۇم خەۋەر بولسا ئالدى بىلەن ئايالىڭىزغا ئېيتىشنى ئادەت قىلىڭ.
23.باشقا قىزلار بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتمەڭ، ئايالىڭىزنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماڭ.
ئەرلەر، سىلەرنىڭ پەقەت بىرلا ئايالىڭلار بار، شۇڭا چوقۇم ئۇنى قەدىرلەڭلار، ئۇنى چىن كۆڭلۈڭلاردىن سۆيۈڭلار، ئەگەر سىلەر بۇلارنى قىلالىساڭلار، ئېرىشىدىغىنىڭلار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-11-28 00:59:571929بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان
2015-12-21 16:28:241777ئاياللارنىڭ سەتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋە
2015-12-29 17:42:261901[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:332933بۇ 10 ئىش ئاياللارنى ئۆمۈرلۈك ئازابقا قويىدۇ
2015-12-05 17:11:381755بالىياتقۇ مەينەت بولۇپ كەتكەندە...
2015-10-23 14:26:377654ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺗﯘ
2015-12-22 12:09:005372زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (2)
2014-11-16 14:14:593315
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-