ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: ئاياللار يىغلىمىسۇن

[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: ئاياللار يىغلىمىسۇن

ۋاقتى: 2016-06-20 ئاۋاتلىقى: 2924 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4. ياخشى ئۈلگە تىكلەش تەربىيەسى
زېمىننىڭ ئاۋات بولۇشى ئۈچۈن ئادەمنىڭ خۇرۇچىغا ئەقىلمۇ، ھېسسىياتمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپتىكەن. شۇڭا بىز ئەتراپتىكى ئادەم، ۋەقە، ھادىسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز، گاھىلىرىدىن سۆيۈنۈپ، زوقلانساق، گاھىلىرىغا ياقا تۇتىمىز. ئاياللار ھېسسىياتچان بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئىش ھادىسىلەردىن تېخىمۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ ۋە ناھايىتى تېزلا مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ياخشى ئۈلگە مىڭ ئېغىز نەسىھەتتىن ئارتۇق دېگەن گەپ بار. دىيانەتلىك، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان ۋە ئادا قىلغان پەزىلەتلىك ئايال مۇنداق بولىدۇ، دەيدىغان ياخشى ئۈلگىنى تىكلەش ئاياللار تەربىيەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە كىشىلەر تۇرمۇشىغا ئەڭ يېقىن تۇرۇۋاتقان تېلېۋىزور، كىنو، ئېلان ۋە گېزىت-ژۇرنال، مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭدا خېلى چوڭ چوڭ رول ئوينايدۇ. ناۋادا بىرەر سەلبىي ھادىسە ئىجابىي ۋەقە سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىپ، ھۆرمەت لىباسى كەيدۈرۈلسە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى توغرا-خاتا قارىشىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ. گۈزەللىك ئەيىبلىنىپ، خۇنۈك كۆرسىتىلسە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئەقلى ئوخشاش دەرىجىدە ئەمەس.
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا رادىيودا بىر قېتىملىق بالىلار پىروگراممىسىنى ئاڭلاپ قالدىم. رىياسەتچى پىروگراممىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توققۇز ياشلىق بىر قىزنى ئانىسى بىلەن بىللە زىيارەت قىلدى. توققۇز ياشقا كىرگەن قىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكا قائىدىلىرىگە ئۇيغۇنمۇ سۆزلىيەلمەيتتى. ئانىسى قىزىنى تۆت ياشتىلا ناخشا-ئۇسۇلدا مەخسۇس تەربىيەلەش ئورنىغا ئاپىرىپ بەرگەنلىكىنى، ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قاتتىق پەخىرلىنىش بىلەن سۆزلەپ كەتتى. رىياسەتچى ئانا-بالا ئىككىسىنى راسا ماختىغاندىن كېيىن، رادىيو ئالدىدىكى بالىلارنى بۇ قىزدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىپ، پىروگراممىنى ئاخىرلاشتۇردى. بالىسى توققۇز ياشقا كىرگۈچە ئۆز ئانا تىلىدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىتەلمىگەن ئانا بالا تەربىيەسى ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىگە ئىگىمۇ؟ بۇ ئارقىلىق ئانىلارغا قىزىنى مۇشۇنداق تەربىيەلىگەن ئانا مۇنەۋۋەر ئانا بولىدۇ دېمەكچىمۇ؟ سەنئەتنىڭ رولى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈلۈپ، مۇبالىغە قىلىنىۋاتقان شارائىتىمىزدا، يەنە مۇشۇنداق كىچىك ئارتسىلارنى تەشۋىق قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ بىز نېمىشقا ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئىلىم-پەنگە، كىتابقا مۇھەببەت ئويغۇتۇشنىڭ ئورنىغا: «ھەئە، ناخشا-ئۇسۇل دېگەن ئادەمنى ئاشۇنداق مۇنبەرگە ئېلىپ چىقىپ مەشھۇر قىلىدىغان، جىمى ئادەمنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلىدىغان بۈيۈك ئىشكەن» دېگەننى سىڭدۈرۈمىز؟ بۇنداق ئۈلگە بىلەن بىز ئارزۇ قىلغان ئۇلۇغ ئانا، دىيانەتلىك ئايالنى تەربىيەلىگىلى بولمايدۇ.
بىزدىكى ئاياللار تەربىيەسى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە، شاكىلىغا ئېسىلىۋېلىپ، ماھىيەتكە كۆچەلمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇمۇ ياخشى ئۈلگە تىكلەشتىكى بىر توسالغۇ . قارىسىڭىز بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىدە چاچنى قانداق ياساش كېرەك؟ لەۋ سۇرۇخنى قانداق سۈرۈش كېرەك؟ قانداق رەڭلىك كوپتىغا قايسى رەڭلىك يوپكىنى كەيسە يارىشىدۇ؟ دېگەندەك سىياھ، قەغەزنى ئىسراپ قىلىدىغان مەزمۇنلار خېلى ئورۇن ئىگىلەيدۇ . قاراپ بېقىڭ، چاچ ياساش سالۇنلىرى، پەردازخانىلار قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى ئۈزۈلمەيدۇ، سودىسى ئاۋات. كوچىلار گىرىمنى بولۇشىغا قىلىپ، ئاچقىلى بولىدىغانلىكى يەرلىرىنى ئېچىپ، كۆز-كۆز قىلغۇچى قىز-ئاياللار بىلەن لىق تولغان. ئاياللارغا نىسبەتەن ياسىنىش-تارىنىش تىلغا ئالسا بولىدىغان نۇقتا. ئەمما بۈگۈنكىدەك ياسىنىش-تارىنىشتىن باشقا ئالى غايىسى ۋە قىزىقىشى بولمىغان ئاياللار كۆپىيىۋاتقان، تاشقى كۆرۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋىيىتىمىز قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتقان شارائىتتا، سىز يېزىپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بۇنى ئاياللىرىمىز ھەقدادىغا يەتكۈزۈۋېتىگلىك. بىزگە ئاياللارنىڭ روھىغا تەسىر قىلىدىغان، روھنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولالايدىغان ئەسەرلەر كېرەك. ئۇلۇغ ئانا، مەسئۇلىيەتچان ئايالنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، رادىيو ، تېلېۋىزور ۋە مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىمىزدە قېيىپ كەتكەن، ئېزىپ كەتكەن ئەمەس، دەل جايىغا چۈشكەن، ياخشى ئۈلگىنى توغرا بايقاپ، شۇنى كۆرسىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش كېرەك. گاھىدا ۋەز-تەبلىغدىن، مۇشۇنداق ماقالىدىن نەچچىنى يازغاندىن بىر ياخشى ئۈلگىنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ.

5. ئاياللار يىغلىمىسۇن
يەر يۈزىدە ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئالى ئۆرنىكىنى كۆرسەتكۈچى، ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، خالىس، بېغىشلاش روھى بىلەن ئائىلە ۋە پەرزەنت ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قۇربانلىق بەرگۈچى پىداكار ئىنسان پەقەت ئايالدۇر. قايسىبىر كىتابتا: ئوغۇل بالىنىڭ ھاياتى تۇغۇلغانكۈندىن باشلىنىدۇ، قىز بالىنىڭ ھاياتى توي قىلغان كۈنىدىن باشلىنىدۇ، دېگەن سۆزنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئائىلە بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان كۈندىن باشلاپ، ئايالنىڭ ھېچ تاماسىز، مېھنەتلىك ئەمگىكى باشلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئەمگەك بىر-ئىككى يىللىق مۇددەتتە ئاياغلىشىدىغان بولماستىن، ئايالنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر مىنۇت، ھەر نەپەستە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. ئائىلىسىنىڭ بەختى، پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ياشلىقىنى، ئەقىل-پاراسىتىنى، ھاياتىنى پىدا قىلىپ، شامدەك ئېرىپ تۈگەيدىغان بۇ قەدەر ھېچ غەرەزسىز پىداكارلىقنى پەقەت ئاياللارلا قىلالايدۇ. ئەجەبا مۇشۇ پىداكارلىقى بىلەن، ئايال ئەرنىڭ مۇھەببىتىگە، قەدىرلىشىگە، ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە لايىق ئەمەسمۇ؟ بۇ قەدەر خالىس مۇھەببەت ۋە مېھنەت ئۈچۈن ئەرنىڭ ئاسرىشىغا ۋە كۆيۈنۈشىگە ھەقلىق ئەمەسمۇ؟
ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسال سېلىشتۇرمىدا ئەرلەردىن ئاجىزلىقى بىر رېئاللىق. ئەر مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ۋە قارار بېرىشتە ئەقىلگە مايىللىقى، يىراقنى كۆرەرلىكى، كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭ، ئەپۇچانلىقى، جىسمانىي قۇۋۋەتتە كۈچلۈك، روھىيەتتە ھەم ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق يارىتىلغانلىقى بىلەن ئاياللارنىڭ ھامىلىرى ھېسابلىنىدۇ. رېئاللىقىمىزدا ئەرلەر ئۆزلىرىگە پەرز قىلىنغان بۇ ھامىيلىقنى قانچىلىك ئادا قىلىۋاتىدۇ؟
بىر ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان ئەنگلىيەلىك ئايال ئۆتكەن يىلى ئېرىنىڭ جەنۇبتىكى يۇرتىغا توغقان يوقلاشقا كېلىپ، قايتىشىدا ئۈرۈمچىدە ئۆز تەسىراتىنى سۆزلىگەن. ئۆزىگە يېڭىلىق تويۇلغان بەزى ئىشلارنى دەپ كېلىپ: مەن ئۇ يەردە خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئۇچراشتىم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ ئاياللار تولا يىغلايدىكەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى نېمىشقا يىغلايدۇ؟ دېگەن.
«ئۇيغۇر ئاياللىرى نېمىشقا يىغلايدۇ؟» دېگەن بۇ سوئال نەچچە كۈنگىچە كاللامدا ئەكس ئېتىپ تۇردى. زېممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، زامان كۈلپەتلىرىدىن قىز ئاياللىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا قوشلاپ تۇرمۇش كۈلپىتى بىلەن ئايالىنى قەدىرسىز قىلغان ئەرلەر كۆپ يەردە ئاياللارنىڭ كۆزى ياشلىق، دىلى غەملىك، بالىلارنىڭ روھى سۇنغان، بەختى كەمتۈك بولىدۇ. «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئەھلى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىدۇر» دېگەن تەلىماتنى ئۇنتۇپ كەتكەن، كۆزى دۇنيادىن باشقىنى كۆرمەيدىغان ئەرلەر كۆپ يەردە ئايالنىڭ يىغىسى كۆپ بولىدۇ. 
مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان، سۆھبەتلەشكەن ئاياللار ئارىسىدا ئېرى ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆينى بۇزغان، بالىلىرىغا ئاتىلىق مېھىر ۋە تەربىيەنى ئەمەس، بىر تىيىن بەرمەي 4~5 بالىنى بېقىشنى خوتۇنىغا ئارتىپ قويۇپلا، يېڭى خوتۇن بىلەن شېرىنتۇرمۇشنى باشلىۋالغان، ئانا قۇشتەك بالىلىرىنى پاناھىغا ئېلىپ، ھەم ئانا، ھەم يوقنى بار قىلىدىغان دادا بولۇپ ياشاۋاتقان ئاياللار خېلى كۆپ. ئۆزىنىڭ «كۆڭلى» ئۈچۈن ئايالى ۋە بالىلىرىنى ھاياتنىڭ گۈزەل نىسىۋىلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، موھتاجلىق كوچىسىغا سالغان ئەر لەنەت ئوقلىرىغا كۆمۈلۈشكە لايىق. ئايالى ئۈچۈن تەربىيەسىز قالغان بالىلىرى ئۈچۈن ياراتقۇچى ئالدىدا، ۋەتەن ئالدىدا جاۋابكاردۇر. بىر كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تالاق قىلىمەن»، دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«ئايالىڭنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ نىكاھقا ۋاپا، ئائىلىگە رىئايە قىلىش، مەسئۇل بولۇش دېگەنلەر يوقمۇ؟ يوق بولسا، دۇنيادىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچى مۇھەببەت بىلەن تولغانمۇ؟» دېگەن. «ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھەمشىرىلىرىدۇر، ئايالنى ھۆرمەتلىگەن ئەر ئەسلى ئۆزى ھۆرمەتلىك ئەردۇر. ئايالنى خارلىغان ئەر ئەسلى تېگى پەس ئەردۇر.»
يامانلىق توسمىلىرى ئېچىۋېتىلگەن، پىتنە-پاسات كۆپەيگەن زاماندا ئايال خاتالاشسا، ئېزىپ كەتسە، ئۇنى مېھر-مۇھەببەت ۋە توغرا تەربىيە بىلەن ئائىلىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغىنى ئەر بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئەر __ ئۇ شەپقەتلىك دادا. چۈنكى ئەر __ ئۇ كۆيۈمچان ئاكا ۋە ئۇكا. چۈنكى ئەر __ ئۇ مەرھەمەتلىك تاغا. چۈنكى ئەر __ ئۇ ئۇلۇغ نىكاھ بىلەن بۇ ئامانەتنى ھالاللاپ ئالغۇچى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ.
ئەرەپلەردە مۇنداق بىر ھېكمەت بار. ئايال ئەرگە يوغانچىلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ باش سۆڭىكىدىن يارىتىلمىغان، شۇنداقلا خار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەرنىڭ پۇت سۆڭىكىدىنمۇ يارىتىلمىغان. بەلكى ئەرنىڭ قانىتى ئاستىدا تۇرۇشى، قەلبىگە يېقىن تۇرۇشى ئۈچۈن قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان. ئەرنىڭ مۇھەببىتى ئۇ يالغۇز ئايالغىلا بىرىلگەن مۇھەببەت ئەمەس. ئايالنى ھىمايىسىگە ئالغان، تەربىيەلىگەن، ھۆرمەتلىگەن ئەر ئۈممەت سائادىتى بىلەن باغلانغان دىيانەتلىك ئايالنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بابىدا ۋەتەننى سۆيگەن بولىدۇ. كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان قىز پەرزەنتلىرىنى ئاتىلىق مۇھەببەت ھەم مەسئۇلىيەت بىلەن ياخشى تەربىيەلىگەن ئەر ۋەتىنى ئۈچۈن ئۇلۇغ بىر خىزمەت تەقدىم ئەتكەن بولىدۇ. ئۆز ئەھلى ئايالىنى ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئىككى دۇنيالىق بەختنى قولدىن بەرمىگەن ئائىلىنى بەرپا قىلغان ئەر ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بەختى ئېچىلىدىغان ۋەتەننىڭ بەختىگە ھەسسە قوشقان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى ئارىسىدا ئايالغا بولغان مۇھەببەتنى، پەرزەنت ۋە ئائىلىگە بولغان بۇرچىنى ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈ ۋە مەسئۇلىيەتكە باغلاپ چۈشىنىدىغان ئەرلەر قانچىلىك چىقار؟
تەلەپنى، ئۆلچەمنى ئاياللارغا قويدۇق. ئەمما شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئۆزىگە پەرز قىلىنغان ئاتىلىق مەجبۇرىيەتنى تونۇغان ۋە ئەڭ ياخشى ئادا قىلغان ئەرلەر بولمىسا، بىز روھى توق، ئانا بولۇش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ساپالىق قىز بولالمايمىز. ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئايالىنى سۆيگەن، قەدىرلىگەن، ئاسرىغان ۋە قوغدىغان ئەرلەر بولمىسا، بىز ئۇلۇغ ئانا ۋە ياراملىق ئايال بولالمايمىز.
ھەق ئاتا قىلغان زامان، ماكان نېسىۋىمىز بىلەن شۇنداق بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. رىقابەت ۋە خىرىس ھەممىنى ۋەھىمىگە سالغان، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان، ئەخلاق ۋە ئەنئەنە قورغانلىرى يىمىرىلىۋاتقان، ماددىي راھەت-پاراغەت ھاياتنىڭ غايىسى قىلىنغان. بۇلار بىزگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، بىزنى غىدىقلىماقتا. ئاياللار بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. قىز-ئاياللار تەربىيەسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر شەخس، ھەر بىر ئائىلە، پۈتكۈل جەمئىيەت جىددىي ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. چۈنكى ئىزىمىزنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلىيالايدىغان، ئىككى دۇنيالىق بەختنى قولدىن بەرمەيدىغان ئەۋلاد ئانىلىق شەرىپىنى چۈشەنگەن، ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلانغان، دىيانەتلىك ئايالسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. بىز موھتاج بولۇۋاتقان مۇكەممەل ئائىلە ئاياللىق ۋە ئانىلىق ھەقلىرىنى جايىدا ئادا قىلغان تەربىيەلىك ئايالسىز بەرپا بولمايدۇ. يۈكسەلگەن دۆلەت، پەزىلەتلىك جەمئىيەت شەخسى غەم-قايغۇ ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ۋەتەن غېمى ۋە ئىستىقبالىغا باغلىيالىغان ئاقىل ئايالسىز بارلىققا كەلمەيدۇ.
قىسمەتلىرىمىز ئايالسىز يېزىلماس، يوللىرىمىز ئايالسىز تۈزەلمەس، ئستەكلىرىمىز ئايالسىز چېچەكلىمەس.
تىرىشقانلارغا يەنىلا پۇرسەت ۋە ئۈمىد بار. تارىختىن قالغان ئاچچىق ساۋاق شۇكى، پاجىئەنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مىدىرلىمىغانلارنىڭ بېشىدا پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆگىلىگىنى چۆگىلىگەن.
مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى