ئەقىللىق ئاياللار ھەرگىز ئاشنا بولمايدۇ
-
ئەقىللىق ئاياللار ھەرگىز ئاشنا بولمايدۇ
ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 4130 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەقىللىق ئاياللار ھەرگىز ئاشنا بولمايدۇ
ئاياللار، ھەرگىز ئاشنا بولماڭلار. ئاياللار ئۆزىنى ياخشى سۆيۈشى كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىدا قوشۇمچە رول ئالماسلىقى، ئۆزىنىڭ ھاياتىدا باش پېرسوناژ بولۇشى كېرەك.
1، ئاشنىنى ئەرلەر زېرىكىپ قالغاندىلا ئەسكە ئالىدۇ.
ئاشنا پەقەت تۇرمۇشتىكى تەم تەڭشىگۈچ خالاس، ئاشنا پەقەت يەپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋەتسە بولىدىغان نەرسە، ئاشنا بولغاندا ئەڭ ئازابلىدىغىنى يەنىلا ئاياللارنىڭ ئۆزى.
2، ئاشنىنىڭ ئورنى پەقەت ئۈچىنچى شەخس بولۇش خالاس
ئاياللار ئاشنىسىنى ئېرىدىن بەكرەك چوڭ بىلىدۇ، لېكىن ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى مەيلى قانچىلىك جەلىبكار، چىرايلىق بولۇپ كەتسۇن، مائاشىنى يەنىلا ئايالىغا تاپشۇرىدۇ، ئەرلەر ئاشنا ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئايالىغا ئەڭ ئىشىنىدۇ، ئەرلەرنىڭ لۇغىتىدە، ئاشنا تالانىڭ ئادىمى، ئايال ئۆينىڭ ئادىمى.
3. يولدىن چىققان ئەرلەرنىڭ قەلبىدە، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئايالى
ئايالى بىلەن ئاشنىسى ئوتتۇرىسىدا، ئايالى يەنىلا ئاشنىدىن مۇھىم، ئەگەر ئاشنا بىلەن ئايالى تەڭ ئاغرىپ قالسا، ئەرلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى كىم؟ جاۋابى چوقۇم نىكاھنىڭ سىرتىدىكى ئاياللارنى ئازابلايدۇ، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئايالى.
4. ئەرلەر پەقەت ئويۇننى ياخشى كۆرىدۇ خالاس.
ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاشنىنى ھەمىشە ئالماشتۇرسا بولىدۇ، لېكىن ئايالنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئايال پەقەت بىرلا، لېكىن ئاشنا نەچچە بولسا بولۇۋېرىدۇ. ھەقىقىي سۆيگەن ئادەم ئۆيدە، بولمىسا ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئەرلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئويلايدۇ، ئاشنىسىنى ئەمەس، ئۇ ئاشنىسىنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ، ئەرلەر ئايالى ئۈچۈن ئاشنىسىغا ئازار بېرەلەيدۇ، ئاشنا بولۇش يولىنىڭ چېكى يوقتۇر، ئۇ مەڭگۈ مەنزىلگە يېتەلمەيدۇ.
5. ئاياللار ئاشىنىسغا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلايدۇ.
ئەرلەر ئاشنىسىغا خۇددى پەيگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاشنىنىڭ مۇھەببىتىنى ئۇلۇغ لېكىن ئورنى يوق، پەقەت ياخشى كۆرەلەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تويۇپ قالىدۇ، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شەخسىيەتچى كېلىدۇ، نىكاھنىڭ سىرتىدىكى مۇھەببەتنىڭ چوقۇم بىر كۈنلەردە ۋاقتى توشىدۇ، ئاخىرىدا مەيلى ئاشنىسى بىلەن قانداق بولۇپ كەتسۇن، ئاشنا ئېقىۋاتقان سۇ، ئايال بولسا سۈكۈتتىكى قۇدۇق.
سۆيۈملۈك ئاچا-سىڭىللار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاشناڭلار بولسا دەرھال ئايرىلىپ كېتىڭلار، ئۆزەڭلارنى ياخشى ئاسراڭلار، ئەگەر ئۇ سىلەرنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە چوقۇم ئەمرىگە ئالغان بولاتتى، بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇھەببىتى ئۇنىڭغا بىر ئائىلە بېرىش، ئۆزىنىڭ بويتاقلىقىدىن ۋاز كېچىش، كۈندە زېھنىنى ئايالغا سەرپ قىلىش.
بىر ھەقىقىي سىزنى سۆيىدىغان، قەدىرلەيدىغان، كۆيۈنىدىغان ، بىر ئۆمۈر مەسئۇل بولۇشنى خالايدىغان ئەر سىزنى ئۇنىڭ ئاشنىسى قىلمايدۇ، بەلكى ئايالى قىلىدۇ.مەنبە: پىسخىكا سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-10-27 15:59:582573يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟
2016-01-07 01:42:283206ئالىي مەكتەپ ئوغۇل قىزلىرىغا نىكاھسىز كارۋاتقا چ
2016-02-12 18:33:528408ئاياللار ھەققىدە ھىكمەتلەر
2016-01-29 13:28:181740ياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى تۇغر
2016-01-16 14:36:462013زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (12)
2014-11-16 14:29:461836بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان
2015-12-21 16:28:241779تۇغماسلىق ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-11-28 01:03:393154
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-