ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (12)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (12)

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 1855 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

_مەسچىت دېگەن ئاللاھنى ئۆيى ،مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىدىغان جاي تۇرسا نېمىشكە ئاياللار كىرسە بولمايدىكەن ؟ئاياللار رېستۇرانغا كىرپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئوينىسا بولىدۇ ،رەستىلەردە ئۆزىنى بازارغا سېلىپ يۈرسە بولىدۇ ،مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ ؟بۇ كىمنىڭ پەتىۋاسىكەن ؟!
مەن بۇ جاراڭلىق دانىمۇ-دانە سۆزلىگەن ئايالغا ئالدىراپ قارىدىم . قاشلىرى قارا كۆزلىرىدىن زىرەكلىكى چاقناپ تۇرىدىغان 33-34 لەردىكى ھىجاپلانغان چوكان ،ھېلىقى پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان چوكانغا مىقتەك قادىلىپ تۇراتتى .
_ۋاي مەن نەدىن بىلەي ،ئىشقىلىپ ئاياللار كىرسە بولمايدۇ ،يامان بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان !بەلكىم تاھارەتسىز ،ياغلىقسىز بولغاچقامىكىن …!
_گۇناھلىق بولىدىغان رېستۇرانغا كىرمەڭلار شەيتاننىڭ ئۇگىسى بارلىق ناشايان ئىشلار شۇ يەردە بولىدۇ ، دېسە ھەجەپ پەرۋا قىلماي كۈندە رېستۇراندىن كېلەلمەيمىز ،ئەجەپ مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ دەپ قويسا ئىتائەت قىلىپ كىرمەي كېتىدىكەنمىز ؟سىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن ياغلىق چىگىپ يۈرۈڭ ،تاھارەت بىلەن يۈرۈڭ ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم دەۋرىدە ئاياللار مەسچىتتا ئەرلەر بار تەرەپكە بىر پارچە رەخ توسۇپ قويۇپ ناماز ئوقۇيدىكەنتۇق ،تەبلىق ئاڭلايدىكەنتۇق . بىزچۇ ؟ شۇ تاھارەت ئېلىشتىن بېشىمىزگە ياغلىق چىگىشتىن قېچىپ مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدۇ ،دېگەن پەتىۋانى ئۆزۈمىزگە قالقان قىلىپ يۈرۈيمىز ، مانا بۈگۈنكى مۇشۇ ئۈچ ئايالمۇ ياغلىق چەگمىگەن ،ناماز ئوقۇمىغان ،مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ ،دەپ رېستۇرانغا كىرگەن ئەمدىچۇ ؟ئاللاھ جېنىنى ئالغانتى ئامالسىز يەنە مەسچىتكە كىرىپ ياتتى .ئەمدى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارسا نېمىمۇ دەر ؟! ئاللاھ مۇشۇ ئۆلۈم ئارقىلىق بىزنى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنى ئىبرەت ئالسۇن ،ھۇشىنى تېپىۋالسۇن دەۋاتىدۇ .بۇلارغا قىيامەن جېنى چىقىش بىلەن تەڭ باشلىنىپ كەتتى .ئىمان دېگەننىڭ جەۋھىرى ياخشىلىققا چاقىرىپ يامانلىقتىن توسۇش شۇڭا بۇ يەردە بىلگىنىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇش مېنىڭ مەجبۇريىتىم بولۇپ قالدى .چۈنكى قىيامەت كۈنى مەن مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغىنىمدىن جاۋاپ بېرىمەن .ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ ، گەپلىرىم قاتتىق كەتكەن بولسا توغرا چۈشىنەرسىلەر _دېدى ھىجاپلىق چوكان سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ .
_ۋاي بالام ياغدەك گەپ قىلدىلا رەھمەت ! دېدى ھېلىقى بۈۋۈم ھىجاپلىق چوكانغا ھەۋەس بىلەن قاراپ .بۇ تېتىملىق سۆزلەر توختاپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغان نۇرغۇن نېمە ئۈچۈنلەرنىڭ بىرەرسىنى بولسىمۇ ، سوراي دېگىچە مىيىتنىڭ نامىزىنى چۈشىرىدىكەن دەپ ھەممىسى ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ يىغا باشلىنىپ كەتتى.
مىيىتلەرنىڭ نامىزى بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈلىشكە باشلىدى ، يىغا-زارە ئىچىدە ئۈچ تاۋۇت ئارقا-ئارقىدىن مەسچىت دەرۋازىسىدىن تۇپراق بېشىغا ئېلىپ مېڭىلدى … راست گەپنى قىلسام بۇ جەريانلارنى بىرمۇ -بىر تەسۋىرلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمنى ئاچچىق ياش توسۇۋېلىپ قەلىمىمنى قويۇپ كۆز ياشلىرىمنى ئېيتىپ يېنىك ئېسەداۋاتىمەن .يازساممۇ قايسى بىرىنى يېزىپ بولالايمەن ؟ نادىرەنىڭ ئانىسىنىڭ يىغلاپ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلغىنىنىمۇ ؟ زەيتۇنەنىڭ قىزىنىڭ نەچچە ئايلىنىپ نەچچە ھۇشىغا كەلگىنىنىمۇ ؟زەيتۇنەنىڭ پارالىچ بولۇپ قالغان ئانىسىنىڭ ئەمدى قىزسىز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا قالغىنىنىمۇ ؟!تاۋۇتنى ئېلىپ ماڭغاندا چوڭى 12 ياشتا كىچىكى 5 ياشتىكى بەش بالىنىڭ ئانا دەپ چۇقۇراشلىرىغا قانداق چىداي !ئاھ خۇدا يۈرەكلىرىم ئامبۇردا قىسقاندەك ئاغرىپ كەتتى ، ئاللاھقا ئامانەت ، دوستلۇرۇم ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرسۇن ! يۈرەكلىرىم شۇنداق نىدا قىلىۋاتقان بىلەن ئاغزىم گەپكە كېلىدىغاندەك ئەمەس، قەلبىمنى تەنھالىق ، ئەنسىزلىك ، قورقۇنۇش چۇلغۇۋالدى .يۈرۈكۈمنى مۇجۇۋاتقان پۇشايمان ،نېرۋىلىرىمنى تورمۇزلىۋالغان ئازاب كۆزلىرىمدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار بۇ ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك ئاچچىق ئازابلىقىغا گۇۋاھ ئىدى .قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تەكتىدىن ھەي چولپان !ئۆزۈڭنى گۇناھلىق ئىشلاردىن تارت ، مۇشۇ دوستلۇرىڭدەك ئاشۇ تاۋۇتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى دوزاقنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇز !دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى . ئاللاھ مېنى كەچۈر ،ئاللاھ مەن توۋا قىلىپ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغىچە ماڭا ئۆمۈر بەرگىن …!مەن نېمانچە نادان ،نېمانچە تۇزكور ئاللاھ ماڭا پۇرسەت بەرگىن يۈرۈكۈمدىن چىقىۋاتقان بۇ نادامەت ئوتلىرىدا قەلبىمنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن بۇرجەكلىرىمۇ پىژىلداپ كۆيۈۋاتاتتى …
تاۋۇتلار شۇنداق تېزلىكتە ئېلىپ كېتىلدى .دوستلىرىمىزنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن بىز بىر-بىرسىمىزگە ئېسىلىشىپ، بالىلىق دەۋرىمىزنى ئەسلەپ ، دوستلۇق مۇھەببىتىمىزنى تەرىپلەپ قوشاق قېتىپ يىغلاپ ئەتراپتىكى ھەممىنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىۋەتتۇق ،ئەمما دوستلىرىمىزنىڭ كەتكىنى كەتكەن بولدى ، «زەپمۇ زەپ ئۆلگەنگە زەپ »دېگەندەك ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ بىز بىلمەيتتۇق .پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھەشەم -دەرەم ئۆرپە-ئادەت قائىدە -يوسۇن ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى ئاۋارە قىلىش ھەلەكچىلىكىدە يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق .
مەرھۇم دوستلىرىمنىڭ ئۆلۈم نەزىر چىراقلىرىنى تۈگەتكىچە ھېرىپ -ھالىمدىن كەتتىم ،جىسمانى جەھەتتىن ھارسىغۇ نەچچە سائەت قېنىپ ئۇخلىۋالسا ھاردۇقى چىقىدىكەن ئەمما روھى جەھەتتىن چارچىسا ،رەھەڭىزغا تەسىر قىلغان شۇ تۈگۈن يېشىلمىگىچە ئادەم ئارام ئالالماي بەك قىينىلىدىكەن .مەن مانا شۇنداق روھى چارچاشنىڭ قىسماقلىرىدا قىسىلماقتىمەن .زەيتۇنە بىلەن نادىرەنىڭ نەزىر-چىراقلىرىغۇ ئۆزۈمىزنىڭ بۇرۇنتىن ئۆتكۈزىۋاتقان قائىدىلىرىمىز بويىچە تالاش-تارتىششسىزلا ئۆتۈپ كەتتى .ئەمما روشەننىڭ ھېلىقى ئۆلۈم كۈنىدىن باشلاپ مەھمۇت بىلەن روشەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تالاش-تارتىشى بىلەن نۇرغۇن خاپىلىقلار ئاخىرى ئىككىگە بۆلۈنۈش بىلەن ئاخىرلاشتى ،بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈن گەپنى مىيىتلەرنى ئۇزاتقان كۈنىىدىن باشلايمەن .بۈۋۈملەر نادىرە بىلەن زەيتۇنەنىڭ ئۆيىدە ئۇلارنىڭ تەھلىسىنى ئوقۇپ بولۇپ روشەننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ،مەھمۇت چىرايلىق ھۆزۈر بىلەن بۈۋۈملەرگە ئوقۇش بىدئەت ئىش ئىكەنلىكى ئۈچۈن تەھلىلىسىنى ئوقۇتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۈۋۈملەر ئۆيگىمۇ كىرمەستىن قايتىشتى .ئۆيدىكى بۈۋۈملەرنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقان ئاياللار سىرتتا بولغان ئىشنى ئاياللارغا خەۋەر قىلىپ كىرگەندە ،غولغۇلا يۇقۇرى پەلەككە چىقتى ،ئاۋۋال روشەننىڭ ھەدىسىرابىيە چۇقان كۆتۈردى .
_قانداق دېگەن ساراڭ نېمە ئاۋۇ !تەھلىلىنى ئوقۇش دېگەن مۇسۇلماننىڭ ئىشى تۇرسا نېمىشقا ئوقۇتمايدىكەنمىز ؟ گەپ قىلمىسا ھەددىدىن ئاشتىغۇ ئەمدى ،بولدى بۇ ئۇنىڭ ئۆيى بولسا ،مەن ئۆيۈمدە بولسىمۇ سىڭلىمنىڭ تەھلىسىنى ئوقۇتىمەن !جۈرۈڭلا !ۋاي قېرىندىشىم ،دەرتلىرىڭنى بىلمەپتىكەنمەن قېرىندىشىم ،ھەسرەتلىرىڭنى چۈشەنمەپتىكەنمەن قېرىندىشىم ،مۇشۇ ساراڭ ئەر بىلەن ياشىغىچە ئۆلگىنىڭمۇ ياخشى بوپتۇ قېرىندىشىم !… دەپ ھازا ئاچتى .
_ بالام سەۋرى قىل ، ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ سىڭلىڭنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى تۈگىتىپ كېتەيلى ،ئەل-جامائەت ئالدىدا ئويۇن قويمايلى بالام !-دېدى روشەننىڭ ئانىسى يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
_ۋاي ،ئانا قىزىڭنىڭ تەلىسىنى ئوقۇتمىغان ئادەم نەزىرسىنى قىلىپ بېرەمۇ ؟ئاچامنىڭ گېپىگە كىرىپ ئۆيۈمىزگە كېتىپ ،بىزمۇ تۆتنىڭ بىرى بولغاندىكىن ئاچامنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز !ۋاي ئاچام كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن ئاچام ! ئېرىڭ قىلمىسا مانا بىز بىر تۇققانلىرىڭ بار ئاچا ،دوست-دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا ۋاي نەزىرلىرىنى ئەجەپ ياخشى قىلدى دېگۈدەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز ئاچا !دەپ سىڭلىسى رىزۋان يىغلاشقا باشلىدى ،بۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قوشۇلغان قوشاقلارنى ئېسىمگە ئېلىپ ئۈلگۈرمىدىم ،ھەممىمىز بۇ ئۆلۈمگە ئېچىنىپ يىغلاپ كېتىپ باراتتۇق ،بۇ قېتىم مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى ،مەھمۇتنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىدۇ ؟ دەپ ئويلايتتىم .شۇ ئەسنادا مەھمۇت نەچچە ئەركىشى بىلەن ئۆيگە كىرىشتى .
رابىيە ھەدە مەھمۇتنى كۆرۈپلا :
_ئورنۇڭدىن تۇر ئانا ،تۇققانلار سىڭلىمىز تۈگەپلا بۇ ئۆيدە بىزنىڭ ھەققىمىز قالماپتۇ ،قوپۇڭلار بىزنى دەپ كەلگەنلەر ھازىنى چوڭ ئۆيگە يۆتكەيلى ،تەلىسىنى ،نەزىر-چىراقلىرىنى چىرايلىق ئۆتكۈزۈپ سىڭلىمىزنى ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ تېچ ياتقۇزايلى دېدى يىغلاپ تۇرۇپ .
_مېنىڭ چۈشەنچە بېرىشىمگە كۆنسەڭلار مەن مەقسىدىمنى دەپ باقاي يەنە كۆنمىسەڭلار كەتسەڭلار مەيلى دېدى مەھمۇت سىلىق قىلىپ .
_ئوھۇي ئاكا چۈشەندۈرۈشىڭنى قويۇپ سۇئالىمغا جاۋاپ بېرە ،نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزەمسەن يوق ؟!رابىيە ھەدە مەھمۇتقا مىقتەك قادالدى .
_ئىسلام دىنىدا نەزىر ئۆتكۈزۈش يوق شۇڭا ئۆتكۈزمەيمەن -دېدى بوش ئاۋازدا
_ نېمە قىلىش بار؟
_سەدىقە قىلىش بار!
- ئۇ سەدىقىلىرىڭنى يۇرتتىكى قەلەندەر تۇققانلىرىڭغا بېرەرسەن !قۈرۈڭلار ئىش تۈگىدى دېگىنىچە رابىيە ھەدەم بىرىنچى بولۇپ سىرتقا ماڭدى ،شۇنىڭ بىلەن روشەننىڭ تۇققانلىرى يېقىنلىرى ھەممىسى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتى .
_چولپان بىز قانداق قىلىمىز؟_دەپ نوقۇدى ئايشەم
_بىز ئاۋۋال مەھمۇتنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ باقايلى ئاداش ،بېشىم قېيىپلا قالدىغۇ ،_دېدىم ئۈمچىيىپ يىغلاپ .بىز ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ئۆيگە كىرگىنىمىزدە مەھمۇتنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇققانلىرى يەنە ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە قېرىنداشلىرى ساقاللىق ئەرلەر بىلەن ،ئورانغان ئاياللار قالغان ئىدى .
_بالام ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ،روشەنگۈلنىڭ ئىشلىرىنى ئاشۇلارنىڭ دېگىنىچە ئۇزۇتۇپ بەرسەك ياخشى بولاتتى ،مانا ئىككىگە بۆلۈنۈپ ھەممىمىزگە كۆڭۈل ئاغرىقى بولدى ،جامائەت ئالدىدىمۇ سەت ئەمەسمۇ ؟!_دېدى مەھمۇتنىڭ ئانىسى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئېيتىپ تۇرۇپ .
_ئانا بىز مۇسۇلمان بولساق ئادەمدىن ئەمەس ئاللاھتىن قورقۇشىمىز كېرەك ، مەن شۇلارنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن قورقوپ تەلىسىنى ئوقۇتۇپ نەزىر قىلسام بولامتى ؟ قىيامەتتە ئاللاغا نېمە دەرمەن ؟!
_قېرىندىشىمىز مەھمۇتقا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،كاتتا ساۋاپلىق ئىش بولدى ،مەريەمخان ئانا سىلى رەنجىمىسىلە ،ئوغۇللىرى ئاللاھ خوش بولىدىغان ئىش قىلدى ،بەندىنىڭ رايىغا بارساق مەڭگەۈ رازى قىلالمايمىز دېدى ساقاللىق بىر ئەر تەمكىن ھالدا
._مەن ئەجەپ چۈشەنمىدىم ،بۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ تەلىسىنى ئوقۇتۇدىغان ئىش ئەزەلدىن بارتىغۇ ؟نېمىشكە ئوقۇسا بولمايدۇ ؟مەن قايىل بولغىدەك چۈشەندۈرمىسەڭلا ئا ئۆيگە كېتىپ نەزىرگە قاتنىشىمەن -دېدىم تېرىككەن ھالدا ھەممىسىگە قاراپ
_بىز ئاياللار ئايرىم ئۆيگە كىرىپ بىردەم پاراڭلاشساق بوپتىكەن _دېدى ئورۇنىۋالغان كۆزلىرى يوغان ھېلىقى مەسچىتتىكى ئايال ماڭا قاراپ .
بىز ياندىكى گىلەم يەكانداز سېلىپ قويغان كەڭ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇشتۇق
_بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇشۇ سورۇنغا يىغىلىپ قاپتۇق ،دەپ سۆز باشلىدى سېلىقى ئورانغان ئايال سۆزلىرىنى دانىمۇ -دانە قىلىپ ،
سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاللاغا دۇئا قىلىۋالايلى«بارلىق مەدىيلەشلەر ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاغا خاستۇر ،ئاقىۋەتتىكى غەلبە ،تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىگە ۋەئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىگە ھەم قىيامەتكۈنىگىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن ياخشى كىشىلەرگە بولسۇن ئامىن !دېۋىدى ھەممىسى ئامىن دەپ قول كۆتۈردى بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ تەڭ قول كۆتۈردۇق .دۇئادىن كېيىن مىڭەمنى قوچىۋەتكەن نېمە ئۈچۈنلەرگە ئاجايىپ بىر ناتىقلىق بىلەن چۈشەنچە بېرىشكە باشلىدى ._سىز ھېلى تەھلە ئوقۇش توغرىسىدا سۇئال سورىدىڭىز ،تەھلىلدە نېمە دەيدىغاننى بىلەمسىز _دەپ سۇئال قويدى ماڭا
_لئىلەھە ئىللەللاھ مۇھەممىدىن رەسۇلىللا دەيدىغا؟ بۇ ياخشى گەپ بولغاندىكىن دېسە نېمە بولىدۇ دەيمەندە ؟!
_دېگىنىڭىز توغرا ، ئەمما شۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەمسىز ؟لئىلاھە ئىللەللاھ دېگەن ئاللاھبىر ،دېگەن سۆز ،مۇھەممىدىن رەسۇلىللاھ دېگە مۇھەممەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى دېگەن سۆز بۇ ئىمان كەلىمىسى ئخمان ئېيتقاندا مۇشۇ سۆز بىلەن مۇسۇلمان بولىمىز ، سىزدىن سوراپ باقاي ،ئىمان دېگەننى تىرىك ئادەم دەپ مۇسۇلمان بولىشى كېرەكتۇ ؟
_شۇنداق تىرىك ئادەم دەپ مۇسۇلمان بولىدۇ _دېدىم
_ئۇنداقتا بۈگۈن روشەنگۈل ئۆلۈپ كەتتى .ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئىمانىنى يېڭىلىغىنى بولارمۇ ؟ئۇ ئۆزى ھاياتلىقىدا دېمىسە ،ياكى ئاغزىدا دېگەن بىلەن ئەمەل قىلمىسا .ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلار ئوقۇپ قويسا مۇسۇلمان بولارمۇ ،!… يەنە چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن مۇنداق مىسال ئالايلۇق روشەنگۈل لەغمەنگە ئامراق ئىدى ،ئەمما ييەممەي ئۆلۈپ كەتتى سىز ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭئۈچۈن لەغمەن يەپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ بەدىنىگە قۇۋۋەت بولارمۇ ؟
_ياق ، بۇ مۈمكىن ئەمەس، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا ئەمدى ئۇنىڭغا … دەپلا يىغلىۋەتتىم .كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز شۇڭغىچە ئۆزۈمىز ئىمان ئېيتىپ ئەمەل قىلمىساق بۇ دۇنيادىكىدەك پۇلىمىزغا ۋە باشقا ئىمتىيازلىرىمىزغا ئىشىنىدىغان ئارقا ئىشىك يوق_دېدى .
_ئەمدى بالام پايدىسى بولمىسىمۇ زىيىنى بولماس مۇشۇنداق خاپىلىق تەرگەندىن ئوقۇپ قويسا نېمە بولىدۇ ؟_دېدى ياشقا چوڭراق ئايال
_توغرا كۇرۈنىشتە زىيىنى يوق دەيسىز ئەمەليەتتە زىيىنى كۆپ ،قانداق دېگەندە بىزنىڭ ئۇغۇر مۇسۇلمانلىرىمىز ھاياتلىقىدا تەلىسىنى ئوقۇش ئەمەس ھەتتا نامازمۇ ئوقۇمايدىغانلار نىڭ ئۆلۈپ كەتسە بالا-چاقىلىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئابايقىدەك چۇقان كۆتۈرۈپ تەلىسىنى ئوقۇتۇپ ،نەزىرسىنى قىلىپ ،نەچچە قارىمنى چاقىرىپ قۇرئانىنى ئوقۇتۇپ جەننەتكە يولغا سالغاندەك خاتىرجەم ئولتۇرىشىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەپ-چۆرىسىدىكى شۇ مەرھۇمغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ پۇللىرىغا ،بالىلىرىغا ئىشىنىپ شۇنداق كېتىۋېرىدۇ ئاخىرىدا دوۋزاققا يول ئالىدۇ . ئەگەر تەھلە ئوقۇشنىڭ خاتا پايدىسىزلىقىنى ئېنىق بىلسە ،ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ ،بدشقىلارغا يۆلۈنىۋېلىشتەك نادانلىقتىن قۇتۇلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
مەنبە: http://bbs.xabnam.com/read.php?t … toread–page-6.html
داۋامى بارمۇ-يوق بۇنىسى نامەلۇم
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى