بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ، ئەرنى خاتا تاللىسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ
-
كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ، ئەرنى خاتا تاللىسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ
ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 2306 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ، ئەرنى خاتا تاللىسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ
توغرا ئادەمنى تاپسىڭىز، سىزگە بىر ئۆمۈر كۆيۈنىدۇ. خاتا ئادەمنى تاپسىڭىز، ھەممىنى ئۇتتۇرىسىز.
بۇرۇن،
ئۇ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمىسىڭىز مەيلى، مەن خوتۇن ئالىمەن، ئائىلە خىزمەتچىسى ئەمەس دېگەن.
كېيىن،
سىز ھېچنىمە قىلىشنى بىلمىسىڭىز مەن سىزنى ئېلىپ ئۆيگە ئەكىلىپ نېمە قىلىمەن دېدى.
بۇرۇن،
ئۇ، خىزمەت قىلغۇڭىز كەلمىسە ئۆيدە بولۇڭ، مەن سىزنى باقىمەن دېگەن.
كېيىن،
سىز مېنىڭكىنى يەپ، مېنىڭكىنى ئىچىپ، يەنە نېمىشقا مەن بىلەن ئۇرۇشىسىز دېدى.
بۇرۇن،
ئوينىغۇڭىز كەلسە ئويناڭ، بىر كۈنلەردە ھېرىپ قالسىڭىز ئارقىڭىزغا قاراڭ، مەن يەنە ئورنۇمدا سىزنى ساقلاپ تۇرىمەن دېدى.
كېيىن،
قىز ئەسلى ئورنىدا، يىگىت كۆرۈنمەيتتى.
بۇرۇن،
ئۇ مەن سىزگە بىر ئائىلە بېرىمەن دېدى.
كېيىن،
ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بولدى، قىز يىگىتنى كۈندە شۇ يەردە ساقلايتتى.
بۇرۇن،
يىگىت، مەن سىزگە مەنسۇپ دەيتتى.
كېيىن،
ئەر ھېلىقى ئايالغا، سىزگە يەنە مەن بار دېدى.
بۇرۇن،
ئۇ يىغلىسا، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالاتتى.
كېيىن،
ئۇ يىغلىسا، ئۇ دۈمبىسىنى قىلىۋالدى. كېيىن، بىر شاپىلاق بىلەن ئايالىنى يىقىتىپ قويدى.
بۇرۇن،
ئۇ قىزنى قوزام، تاتلىقىم دەپ چاقىراتتى.
كېيىن،
ئەر ئايالىنى، ھەي، دەپ چاقىراتتى.
بۇرۇن،
ئۇ نەچچە كۈن ئۆيدىن ئايرىلسا، ئۇ توختىماي تېلفۇن ئۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەل دەيتتى.
كېيىن،
ئايال، مەن قاچان قايتىمەن دەپ سورايدىغان بولدى.
بۇرۇن،
ئۇ قىزنى ئىشتىن ئالغىلى باراتتى، قار-شىۋىرغانلاردىمۇ
كېيىن،
تومۇز ئىسسىقتىمۇ، ئۇ ئۆزى مېڭىپ كېتەتتى.
يىگىت ئۇنۇتتى، قىزنىڭ بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن تىرىشقانلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى.
ئۇنىڭ ھازىر كۆرگىنى كۆز ئالدىدىكى بۇ گەپ چۈشەنمەيدىغان ئايال.
ئۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ، بىزار بولىدۇ، ئۇ ئەينى يىللاردا قانداق قىلىپ بۇ ئايالنى سۆيۈپ قالغاندىمەن دەپ ئويلاپ كېتىدۇ.
ئۇ ھەتتا، كىم بۇ ئوماق قىزچاقنى شۇنداق بىر ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويغىنىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ.
بەزىلەر مۇھەببەتنى بېلىق تۇتۇشقا ئوخشىتىدۇ،
قارماققا ئىلەنگەندىن كېيىن، يەمچۈكنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايدۇ.
بۇ دۇنيادا ھېچكىم ئايرىلغانغا ئۆلۈپ قالمايدۇ،
مۇھەببەت ئۈچۈن تارتىشىدۇ.
باشقىلارنىڭ مۇھەببىتنى باھانە قىلىۋالماڭ،
ئۇنىڭ سىزدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن بىرلا نىيەت كېتىدۇ.
مەنبە: پىسخىكا سالونىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
2016-01-26 19:55:433042ئاياللارنىڭ سەتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋە
2015-12-29 17:42:261892ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلىشقا سەل قارىما
2015-12-10 19:35:253141ھامىلىدار ئاياللار يېشىل مۇھىتتا كۈتۈنسە بالىسى
8778سائەت ئىلگىرى1597ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى
2015-08-18 12:21:202191دادىسى باققان بالا بىلەن ئانىسى باققان بالىنىڭ پ
2015-12-02 05:25:483610دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-10 03:13:541484كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ، ئەرنى خاتا تاللىسىڭىز تۈگەش
2016-01-18 17:11:392306
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-