بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
-
قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 3060 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرى. ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقماي تۇرۇپلا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىدىغان قىزلار تېز كۆپىيىۋاتىدۇ. ياشلىق مەزگىلى ئەسلىدە بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن كۆرۈلەتتى، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بەزى قىزلار ھېچقانداق تەييارلىقسىز ئەھۋالدا بۇ يېتىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇۋاتىدۇ.
بالدۇر يېتىلىش يېمەك-ئىچمەك تەرتىپى قالايمىقانلىشىش، جىمىغۇرلۇق، قالايمىقان دورا ئىشلىتىش، بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، سۈت بېزى راكى قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزىلەر: ئىستېمال قىلىۋاتقان گۆش ۋە پۇرچاق تەركىبىدىكى ھورمون قىزلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بىز دائىم سەل قارايدىغان سېمىزلىك ۋە ئائىلە بېسىمىدىن ئىبارەت. خىمىيەلىك ماددىلار قىزلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. لېكىن كىشىلەرنىڭ بۇ ساھەدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس.
جىنسىي ئىقتىدار بالدۇر يېتىلىش ھادىسىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز بەزى خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە 2005-يىلىدىن باشلاپ 1200 قىزنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردۇق. بالاغەتكە ئادەتتە ئون ياكى 11 ياشتا يېتىدۇ. لېكىن بىز قارا تەنلىك ئەۋلادىدىن بولغان %23 قىز، لاتىن ئامېرىكىلىق ئەۋلادىدىن بولغان %15 قىز ھەم ئاق تەنلىك ئەۋلادىدىن بولغان %10 قىزنىڭ يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشكە باشلىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىز قىزلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىدىكەن، بەدەندىكى ماي ئاياللىق ھورمۇننى ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. بۇنداق ھورمۇن ئادەتتە ياشلىق مەزگىلىدە تۇخۇمداندىن قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي ئانىلىق ھورمۇننىڭ يەنە بىر كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدە سۈت بېزى بالدۇر يېتىلىدىكەن.
ھازىرقى بالىلار تەركىبىدە شېكەر ماددىسى كۆپ بولغان تاتلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچكەچكە سېمىز. ئەمەلىيەتتە بەزى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، 1997-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، تاتلىق ئىچىملىك ئىچىش سەۋەبىدىن، بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى يەنە %20 ئېشىپ كەتكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، گازلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىدىغان قىزلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىدىكەن.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بەزى دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىغاندا، ئائىلە كەيپىياتىدىكى بېسىممۇ قىزلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. قىزلار جېدەل- ماجىرا ئۈزۈلمەيدىغان، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولغان ئائىلىدە چوڭ بولسا، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىدىكەن. ئۆز ئاتىسى باققان قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئاتىسى باقمىغان قىزلاردا 12 ياشتىن بۇرۇن ئادەت كېلىش ئېھتىماللىقى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياخشى ئەر گاس بولۇۋالىدۇ، ياخشى ئايال گاچا بولۇۋ
2016-01-21 11:36:093600ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگ
2015-10-04 23:28:393054ئاياللار بۆلۈمىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ن
2015-11-22 01:13:361211ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار
2015-12-30 17:10:102330بوۋاقلارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ۋە ماتكىسىنىڭ ق
2015-10-07 12:53:262653شۇنچە كۆيۈمچان ئايالى تۇرۇپ يەنە سىرتقا قارىغانن
2015-12-08 13:35:183393ئاياللارنىڭ بەدىنىدە \"ئالتۇن نۇقتا\" بار
2016-01-07 16:36:4413645ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئۇچلۇق نەم مېڭى دېگە
2015-11-22 01:19:184597
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-