ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگەن ۋە يېتىلگەن؟

ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگەن ۋە يېتىلگەن؟

ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 3052 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ چىرايى ۋە بەدەن شەكلىدە پەرق بار، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئىچكى كۆپىيىش ئەزاسى، ماتكا، بالىياتقۇ بوينى، بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن ئۇرۇق يەتكۈزۈش نەيچىسى كۈنلۈك تەرىپىگىچە بولغان ئارىلىق قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئېغىزى قورساق بوشلۇقى تەرەپكە قارايدۇ، شۇڭا ئاياللارنىڭ قورساق بوشلۇقى بىلەن سىرت تەرەپ تۇتاش بولىدۇ؛ 
ماتكا بولسا ئىچكى تاشقى كۆپىيىش ئەزاسىنى ئۇلايدىغان ئاچقۇچلۇق ئىشىك. ماتكا مۇسكۇل ۋە شىللىق پەردىدىن تۈزۈلگەن يۇمشاق نەيچە، ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۈستىگە، بالىياتقۇ بوينىنىڭ تۆۋىنىگە، دوۋساقنىڭ ئارقا تەرىپىگە، تۈز ئۈچەينىڭ ئالدىغان جايلاشقان. ئۇچ تەرىپى بولسا قارىغۇ ئەگرى تۆشۈك شەكلىدە، بالىياتقۇ بوينىنىڭ تۆۋەنكى يېرىمى بۇ يەردىن سىرتقا قارايدۇ. ماتكا بوشلۇقىدا توغرا ئەگرى تۈۋرۈك بار، شىللىق پەردىسى سىيلىق ھەم سۇس قىزىل رەڭدە بولۇپ، مۈڭگۈزلەشمىگەن يالغان كۆپ قەۋەتلىك تۈكلۈك تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ بەز تەنچە يوق. 
ماتكىنىڭ رولى:
① بالىياتقۇنىڭ ئىچىدىكى ھەيز قان  ماتكا ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. 
② ماتكىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، نورمال ئېيىغا تولغان ھامىلە ماتكىدىن چىقىدۇ. 
③ماتكىدا قان تومۇر ناھايىتى مول، قاتلاش تەبىئىي ئېچىلىپ ماتكىنىڭ تۆۋەنكى 3/1 قىسىمىدا ناھايىتى يۇقىرى سەزگۈرلۈك بار، شۇڭا ماتكا ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەزاسىغا ئايلانغان. 
نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ قارىشىچە ھامىلە يېتىلىپ 9 ھەپتە بولغاندا 2 دانە ئۇيۇل ماددىلىق شارچە ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ ماتكا شارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ 
11-ھەپتىسىگە بارغاندا بوشلۇق ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ ماتكىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ تاكى 5 ئايلىق بولغۇچە پۈتكۈل ماتكا بوشلۇقى شەكىللىنىدۇ ھەم بار-بارا مۇكەممەل بولىدۇ. ھامىلە ئانا بەدىنىدىن ئايرىلىپ بۇ ئالەمگە كۆز ئاچقاندىن باشلاپ تاكى قېرىغىچە ئوخشاش بولمىغان فىزىئولوگىيەلىك باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماتكىمۇ بوۋاق مەزگىلى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى، تۇغۇت يېشى مەزگىلى، ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ھەم ياشانغان مەزگىللەردە يېتىلىش، پىشىش، ھامىلىدار بولۇش، يەڭگىش ھەم تارىيىش قاتارلىق ھەر قايسى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. 
ماتكىنىڭ تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ھەم ئىقتىدارىنى ئېنىق تونۇش ئاياللارنىڭ ساپاسى ۋە ساغلاملىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم مەسىلە ۋە كېسەللىكلەرنى توغرا تونۇپ توغرا پوزىتسىيەدە بولۇش، ئىلمىي بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئاشۇرۇش، بەختكە تولغان ئائىلە قۇرۇپ چىقىش ۋە ساغلام ئەقىللىق پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. 


ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى