بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگەن ۋە يېتىلگەن؟
-
ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگەن ۋە يېتىلگەن؟
ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 3052 قېتىمقۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ چىرايى ۋە بەدەن شەكلىدە پەرق بار، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئىچكى كۆپىيىش ئەزاسى، ماتكا، بالىياتقۇ بوينى، بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن ئۇرۇق يەتكۈزۈش نەيچىسى كۈنلۈك تەرىپىگىچە بولغان ئارىلىق قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئېغىزى قورساق بوشلۇقى تەرەپكە قارايدۇ، شۇڭا ئاياللارنىڭ قورساق بوشلۇقى بىلەن سىرت تەرەپ تۇتاش بولىدۇ؛يانفوندا كۆرۈش
ماتكا بولسا ئىچكى تاشقى كۆپىيىش ئەزاسىنى ئۇلايدىغان ئاچقۇچلۇق ئىشىك. ماتكا مۇسكۇل ۋە شىللىق پەردىدىن تۈزۈلگەن يۇمشاق نەيچە، ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۈستىگە، بالىياتقۇ بوينىنىڭ تۆۋىنىگە، دوۋساقنىڭ ئارقا تەرىپىگە، تۈز ئۈچەينىڭ ئالدىغان جايلاشقان. ئۇچ تەرىپى بولسا قارىغۇ ئەگرى تۆشۈك شەكلىدە، بالىياتقۇ بوينىنىڭ تۆۋەنكى يېرىمى بۇ يەردىن سىرتقا قارايدۇ. ماتكا بوشلۇقىدا توغرا ئەگرى تۈۋرۈك بار، شىللىق پەردىسى سىيلىق ھەم سۇس قىزىل رەڭدە بولۇپ، مۈڭگۈزلەشمىگەن يالغان كۆپ قەۋەتلىك تۈكلۈك تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ بەز تەنچە يوق.
ماتكىنىڭ رولى:
① بالىياتقۇنىڭ ئىچىدىكى ھەيز قان ماتكا ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
② ماتكىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، نورمال ئېيىغا تولغان ھامىلە ماتكىدىن چىقىدۇ.
③ماتكىدا قان تومۇر ناھايىتى مول، قاتلاش تەبىئىي ئېچىلىپ ماتكىنىڭ تۆۋەنكى 3/1 قىسىمىدا ناھايىتى يۇقىرى سەزگۈرلۈك بار، شۇڭا ماتكا ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەزاسىغا ئايلانغان.
نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ قارىشىچە ھامىلە يېتىلىپ 9 ھەپتە بولغاندا 2 دانە ئۇيۇل ماددىلىق شارچە ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ ماتكا شارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛
11-ھەپتىسىگە بارغاندا بوشلۇق ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ ماتكىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ تاكى 5 ئايلىق بولغۇچە پۈتكۈل ماتكا بوشلۇقى شەكىللىنىدۇ ھەم بار-بارا مۇكەممەل بولىدۇ. ھامىلە ئانا بەدىنىدىن ئايرىلىپ بۇ ئالەمگە كۆز ئاچقاندىن باشلاپ تاكى قېرىغىچە ئوخشاش بولمىغان فىزىئولوگىيەلىك باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماتكىمۇ بوۋاق مەزگىلى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى، تۇغۇت يېشى مەزگىلى، ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ھەم ياشانغان مەزگىللەردە يېتىلىش، پىشىش، ھامىلىدار بولۇش، يەڭگىش ھەم تارىيىش قاتارلىق ھەر قايسى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.
ماتكىنىڭ تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ھەم ئىقتىدارىنى ئېنىق تونۇش ئاياللارنىڭ ساپاسى ۋە ساغلاملىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم مەسىلە ۋە كېسەللىكلەرنى توغرا تونۇپ توغرا پوزىتسىيەدە بولۇش، ئىلمىي بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئاشۇرۇش، بەختكە تولغان ئائىلە قۇرۇپ چىقىش ۋە ساغلام ئەقىللىق پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھەيىز مەزگىلىدە دىققەت قىلىڭ! تۇغماسلىق مۇشۇنداق
2016-01-30 19:05:364157قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 5-سان
2016-03-19 20:24:413964ئاياللار: جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
2016-01-25 16:24:495494ئوقۇغۇچىلاردا بالا چۇشۇرۇش ئېغىرلاشماقتا
2015-12-16 12:37:534061بۇلارنى تاقاپ ياتقىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە ئىتتى
2015-08-15 19:34:593127ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر قايسى ئەگەشم
2015-11-28 01:30:481988قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
2015-12-23 14:37:307413ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ 10 چوڭ سىرى
2015-08-18 12:35:316358
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-