ئوقۇغۇچىلاردا بالا چۇشۇرۇش ئېغىرلاشماقتا
-
ئوقۇغۇچىلاردا بالا چۇشۇرۇش ئېغىرلاشماقتا
ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 4088 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلاردا بالا چۇشۇرۇش ئېغىرلاشماقتا
شىنجاڭ تورىنىڭ 1-دېكابىر خەۋىرى: ھامىلدار بولغىنىغا يەتتە ھەپتىگە يېقىن بولغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شياۋۋېن 12-ئۆكتەبىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىگە كېلىپ سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولدى ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىداپەقەت ئالدىنقى ئايدىلا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىغان كىشىلەرنىڭ %10 ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى قېتىم سۈنئىي بالا چۈشۈرۈشئوپېراتىسيەسى قىلدۇرۇشى ئەمەس ئىكەن .
شۇ كۈنى كېسەل كۆرگەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىدىكى مەسئۇل ۋراچ جاۋ جۈندا كېسەل كۆرۈش ئۆيىنىڭ ئىشىكىدە ئۇياق-بۇياق مېڭىپ يۈرگەن شىياۋۋېننى كۆرگەندىن كېيىن، شىياۋۋېننى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ پاراڭلاشقان.
جاۋ جۈندانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى سۈنئىي بالاچۈشۈرىدىغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ، بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگودا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز مىليوندىن ئوشۇق سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدىكەن،قايتىدىن بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش نىسبىتى %55.9 كە يەتكەن، سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش بارغانسېرى نورماللىققا، ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئىككىلەمچى ھامىلدار بولالمىغان بىمارلارنىڭ ئىچىدە %88.2 ىنىڭ ئىلگىرى سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش تارىخى بار ئىكەن. ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق سۈنئىي بالاچۈشۈرگەن تۇنجى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يەڭگىگەن ۋاقتىدا بالا ھەمراھى نورمالسىزبولۇشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %44.2 كە يەتكەن بىر كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت سەككىزبولماستىلا ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىدىكى مۇئاۋىن مەسئۇل ۋراچ چېن يەنچۈن كېسەل كۆرگىلى كەلدى،ئۇ بىر كىچىك «بىمار» نى ساقلاۋاتاتتى. بۇ بىمار ئەمدى 17 ياشقا كىرگەن بولۇپ ھامىلدار بولغىلى 40 نەچچە كۈن بولغان، بىرىنچى قېتىم كەلگەن ۋاقتىدا مەكتەپ فورمىسى كىيىپ، سومكا ئېسىۋالغان. تۇغۇت بۆلۈمىدە 25 يىل خىزمەت قىلغان چېن يەنچۈن15 ياش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك تۇرۇپ سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىقىلدۇرغانلارنى كۆرۈپ باققان. چېن يەنچۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر كۈنى بۇدوختۇرخانىدا سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدۇرىدىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ بولغان ۋاقىتلىرىدا 60 قا يېتىدىكەن. 9-ئاينى مىسال ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بۆلۈم شۇ ئايدا جەمئىي 533 قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتىسيەسى قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچ سۈنئىي بالاچۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىغانلارنىڭ ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئومۇمىي سانلىق مەلۇماتىغا ۋەكىللىك قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىدىكى ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىگىلىشىچە نۇرغۇنلىغان قۇرمىغايەتمىگەنلەر، ئوقۇغۇچىلار توپى سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا باھاسى ئەرزان بولۇش، ئاسانلىقچە تونۇش-بىلىشلەرگە ئۇچراپ قالماسلىق دېگەن سەۋەبلەرتۈپەيلى كىچىك دوختۇرخانىلارغا بېرىشنى تېخىمۇ بەك خالايدىكەن.
مەنبە: تۇران سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بالىياتقۇ سۇلۇق ئىششىقى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-11-28 01:12:133126ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسىنى قانداق داۋا
2015-11-05 01:49:281882كىيىمدىكى ماي دېغىنى چىقىرىش ئۇسۇلى
2015-10-27 14:42:542981ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
2015-12-04 13:15:023646ئاياللار بۆلۈم ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكىنى قىسقىچ
2015-11-12 18:43:391485ئاياللار گۈزەللىكى ۋە يېمەكلىك
2015-08-09 20:07:042893ئايالىڭىز پەرىشتىمۇ ياكى ئالۋاستىمۇ؟
2015-10-23 16:37:331885بالىياتقۇغا ئەخلەت توشۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرە
2015-12-10 19:15:266317
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-