بۇلارنى تاقاپ ياتقىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنگە باراۋەر
-
بۇلارنى تاقاپ ياتقىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنگە باراۋەر
ۋاقتى: 2016-09-19 ئاۋاتلىقى: 3488 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۇيقۇ ئىنتايىن مۇھىم، ياخشى ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلىغان ۋاقىتتا بىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىمىز سالامەتلىكىمىزنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ ئادەتلەر قايسىلار؟
1. تېلېفوننى تۇتۇپ ئۇخلاش
تور تەزكىرىسى: تېلېفوننى تۇتۇپ ئۇخلاش ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق، تېلېفوننىڭ رادىئاتسىيەسى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئادەمنىڭ باش قىسمى ۋە كۆز ئالمىسىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپى: كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بېشىنى تۆۋەن سالىدىغانلارغا تەۋە، نۇرغۇن كىشىلەر ئاساسەن دېگۈدەك 24 سائەت تېلېفوننى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، ھەتتا ئۇخلىغان ۋاقىتتىمۇ ئۇنى يېنىغا ياكى ياستۇقى ئەتراپىغا قويۇپ ئۇخلايدۇ، ئەمەلىيەتتە تېلېفون رادىئاتسىيەسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ھەقىقەتەن چوڭ، كۈندۈزلىرى توختىماي تېلېفون ئويناۋاتقان كىشىلەر كەچتە ئۇخلىغاندا ئەڭ ياخشى تېلېفونىڭىزنى يىراقراق قويۇپ، تېلېفوننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىڭ!
تور تەزكىرىسى: كەچتە سائەت تاقاپ ئۇخلىغاندا سائەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى قىسقىراپلا قالماستىن، بەلكى سائەتنىڭ رادىئاتسىيەسى ئادەم بەدىنىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، سالامەتلىكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپى: كەچتە ئۇخلىغاندا سائەت تاقاپ ئۇخلاش سائەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ دېيىشنىڭ يېتەرلىك ئاساسى يوق، سائەت رادىئاتسىيەسىنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش نىسبىتىنىمۇ ئىنتايىن ئاز دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇخلىغاندا سائەت تاقاپ ئۇخلاش سالامەتلىكنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئادەملەرنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، سائەت تاقاپ ئۇخلاش ئادەم بەدىنىنى چۈشەپ قويغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ، كىشىگە ئەركىنلىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەچكە، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. يالغان چىش بىلەن ئۇخلاش
تور تەزكىرىسى: يالغان چىش تاقاپ ئۇخلىغاندا يالغان چىشنى يۇتۇۋېلىش خەتىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
مۇتەخەسسىسلەر پىكىرى: بۇنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار، ئادەم بەدىنى ئۇخلاش ھالىتىگە كىرگەندە، مۇسكۇللار بوشاشقان ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، يالغان چىشنىڭ ناھايىتى ئاسانلا گالغا تۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى كېلىپ چىقىدۇ.
4. گىرىم بىلەن ئۇخلاش
تور تەزكىرىسى: گىرىم بىلەن ئۇخلىغاندا تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ، دانىخورەك پەيدا بولۇپ، چىراي زەخمىگە ئۇچرايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر پىكىرى: گىرىم بۇيۇمىدا مەيلى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن بەزى خىمىيەلىك ماددىلار بولىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلسە تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇپ قويىدۇ، گىرىم بىلەن ئۇخلاش تەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى، ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا چىراي ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ.
5. چاچنى قۇرۇتماي تۇرۇپ ئۇخلاش
تور تەزكىرىسى: چاچنى قۇرۇتماي ئۇخلاش ناھايىتى ئاسانلا باش قېيىش كۆڭلى ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر پىكىرى: نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيقۇغا ئالدىرىغانلىق ياكى بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، چېچى تولۇق قۇرىماي تۇرۇپلا ئۇخلاپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك يەنىلا ھورۇنلۇق قىلماي، چوقۇم چاچنى تولۇق قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلىشى كېرەك.
6. ئىچ كىيىم بىلەن ئۇخلاش
تور تەزكىرىسى: باغىرداق بىلەن ئۇخلاش ناھايىتى ئاسانلا سۈت بېزى راكى پەيدا قىلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر پىكىرى: ئۇزۇن مەزگىل باغىرداق بىلەن ئۇخلاش كۆكرەك بوشلۇقىغا بېسىم پەيدا قىلىپ، قان ئايلىنىشنى ناچارلاشتۇرۇپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇخلىغان ۋاقىتتا باغىرداق كىيمەي، بەدەننى مۇۋاپىق مىقداردا بوشاشتۇرۇش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ئەڭ پايدىلىق.
7. يوشۇرۇن كۆزئەينەك (隐形眼镜) بىلەن ئۇخلاش
تور تەزكىرىسى: يوشۇرۇن كۆزئەينەك بىلەن ئۇخلاش كۆرۈش قابىلىيىتىنى يوقىتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر پىكىرى: .ئاندا ساندا يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاپ ئۇخلاشنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىۋېتىشى ناتايىن، ئەمما بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ناھايىتى چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى باكتېرىيە مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا كۆپچىلىك چوقۇم ئۇخلاشتىن بۇرۇن يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىشى كېرەك.
ئۇخلىغان ۋاقىتتا بەزى نەرسىلەر بىلەن بىللە ئۇخلاشقا ياكى ئۇلارنى تاقاپ ئۇخلاشقا بولمايدۇ، ئۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي سالامەتلىكىڭىزگىمۇ ئىنتايىن زىيانلىق.
-----------
مەنبە: نادىيا (nadiya) ئۈندىدار سالونى
ئاياللار يانبىلوگىدىكى سەرخىل مەزمۇنلار سىز گە روھى ئوزۇق ۋە تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى بولغۇسى.
ھەر خىل ئاياللار كىسەللىكى ھەققىدىكى ساۋاتلار،جىنسىيەت بىلىملىرى ۋە تۇرمۇش مەسلىلىرىگە قىزىقسىڭىز دائىم ئاياللار يانبىلوگىنىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن بەھېرلىنىڭ.
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ ھەمبەھېرلەشنى ئۇنۇتماڭ.
پىنھان تىۋېشلار يەنىلا ئاياللار يانبىلوگىدا :
ayallar.yanbilog.com
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ نەزىردىكى مۇھەببەت
2016-01-12 17:02:151799ساختا قىزلىقنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ؟
2015-12-12 11:46:2414020ئاق خۇن غەيرىلىكىنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئالامىتى
2016-01-06 16:30:182040ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى
2016-01-06 18:26:111232بالىياتقۇغا ئەخلەت توشۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرە
2015-12-10 19:15:266840ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﺗﯘﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨ
2016-01-06 13:45:171951نېمىشقا توي قىلمايسەن؟ بىرقىزنىڭ بۇسۇئالغا بەرگە
2015-12-02 17:47:255557زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (3)
2014-11-16 14:16:013602
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-