ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاق خۇن غەيرىلىكىنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئالامىتى

ئاق خۇن غەيرىلىكىنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئالامىتى

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 1797 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاق خۇن غەيرىلىكىنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئالامىتى

ئاق خۇن جىنسىي يول سۇيۇقلۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ئاياللىق ھورمونى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئاق خۇن بولسا ئاياللار جىنسىي ئەزا ساغلاملىقىنىڭ كۆرسەتكۈچىسىدۇر. ئاق خۇنننىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشتە مىقدارى، رەڭگى، سۈپىتى پۇرۇقى قاتارلىق تەرەپلەردىن كۆزىتىش كېرەك.
بەزى ئاياللار ئاق خۇن غەيرىيىلىكىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، ياكى ئۆز ئالدىغا بىر قىسىم تازىلاش دورىلىرىنى سېتىۋېلىپلا جىنسىي يولنى تازىلايدۇ. بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھىچقايسىسىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. يامان سۈپەتلىك ئاياللار كېسەللىكلىرى ئۆسمىگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپتە بىزگە بېرىدىغان سىگنالى دەل ئاق خۇن غەيرىلىكىدۇر. ئاياللار كېسىلى مۇتەخەسسىسى تەكىتلەپ ئەگەر ئاق خۇن غەيرىيلىكى يۈز بەرسىلا ھەرگىز خىجىل بولۇپ دوختۇرغا كۆرۈنمەيدىغان ئىشنى قىلماڭ بولمىسا ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قويىسىز.

ئاق خۇن غەيرىيلىكىنىڭ ئىپادىسى نىمە؟
نورمال بولغان ئاق خۇننىڭ رەڭگى ئاق شىلىمسىمان ياكى تۇخۇم ئېقىغا ئوخشايدىغان بۇلۇپ، يۇقۇرى دەرىجىدە شىلىمشىق بولىدۇ، غەيرى پۇراق بولمايدۇ، مىقدارى ئاز بۇلۇپ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا زىياننىڭ تەسىرى بولمايدۇ. ھەر كىمنىڭ نئاق خۇنغا قارىتا سەزگۈرلۈكى ئوخشاش بولمايدىغان بۇلۇپ، بەزى كىشلەر ئاق خۇن ناھايتى كۆپ بولسىمۇ قىلچە بىئارامچىلىق ھىس قىلمايدۇ. بەزىلەر ئاق خۇن نورمال ھەم سەل كۆپرەك بولسىمۇ ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ، ئاق خۇننىڭ رەڭگىدە ، مىقدارىدا غەيرى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ يۈز بىرىشى ئاق خۇن نورمالسىزلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇيۇق ئاق خۇن
رەڭگى سېرىق ۋە ئاچ سارغۇچ يېشىل بۇلۇپ بەدبۇي پۇراق بىرگە كرلىدىغان بۇلۇپ دائىم باكتىريىلەرنىڭ يۇقۇمىدىن پەيدا بولىدۇ. سىزنىڭ جىنسى يولىڭىزدا ئاستا خارەكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى جىنسى يول ئۆسمىسى ياكى بالياتقۇ راكى ھەم يۇقۇملىنىش ، بالياتقۇغا يىرىڭ يىغىلىپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ كۈرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

سۇ سىمان ئاق خۇن:مىقدارى كۆپ بۇلۇپ خۇددى گۈرۈچ سۈيىگە ئوخشايدۇ، بەزىدە سېسىق پۇراق بىرگە كېلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بالياتقۇ نەيچە كېسەللىكى، تۇخۇمدان نەيچىسى راكى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ئېھتىيات قىلىش لازىم، بۇخىل كېسەللىك بالياتقۇ بوينى قىرغۇچى ياكى تۆۋەنكى قورساقنى بىچاۋ ئاپراتىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈلىدۇ، بۇندىن باشقا سۇسىمان ئاق خۇندا بىر قىسىم ئاستا خارەكتىرلىك ياللۇغلارمۇ كۈرۈلىدۇ، مەسلەن بالياتقۇ شىلىمشىق ئاستىنقى مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسەللىكى يۇقۇملۇنىش بىلەن بىرگە كېلىدۇ، يەنە ئاستا خارەكتىرلىك تۇخۇمدان نەيچىسى ياللۇغى، بالياتقۇ نەيچىسى يالۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر.

قان ئارلاشقان ئاق خۇن:ھەيىز مەزگىلدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا روشەن ھالدا ياللۇغ ۋە يارا ئەھۋالى بولمىغانلاردا، ئەگەر قان تالالىرى ئارلاشقان ئاق خۇن ئەھۋالى كۈرۈلسە، بۇلۇپمۇ جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنلەردە، ئىلگىرى ئېغىر ھالدىكى بالياتقۇ شەلۋەرەش ئەھۋالى كۈرۈلگەن بىمارلار بالياتقۇ بوينى راكىدىن ئېھتىيات قىلىشى ۋاقتىدا كېسەللىك پاتولوگىيەسى پىرېپاراتلىرىغا قارىتا ئىنىق دىئاگىنوز قويدۇرىشى لازىم.
سۈزۈك شىلىمشىق ئاق خۇن:تاشقى كۈرۈنىشى تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىش مەزگىلدىكى نورمال ئاق خۇن بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما مىقدارى روشەن كۆپىيىپ كېتىدىغان بۇلۇپ تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىنى ياكى بالياتقۇ بويۇن بەز راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىش زۈرۈر.

سۈتسىمان قاتىق ياكى دۇفۇ ئۇۋۇقىسىمان ئاق خۇن:كۆپنچە ئېچىتقۇچى باكتىرىيىلەردىن بولغان جىنسى يول يالۇغىدىن بىشارەت بېرىدۇ، ئېغىر ھالدىكى تاشقى جىنسى يول قىچىشىش ياكى كۈيۈشۈپ ئېچىشىش بىللە كېلىدۇ.
چار رەڭلىك غەيرى پۇراقلىق ئاق خۇن:كۆپىنچە باكتىريىلىك جىنسى يول ياللۇغىنىڭ بىشارىتىدۇر، غەيرى پۇرىقى بار بۇلۇپ تاشقى جىنسى يول قىچىشىش بىرگە كېلىدۇ.
نورمال ئەھۋال ئاستىدا جىنسى يول ئىچى قىسمىدا تاياقچە باكتىرىيە ئۈستۈنلىكنى ئېگەللەيدىغان بۇلۇپ يەنە ئاز مىقداردا ئانايروبىك باكتىرىيىسى، مىكوپىلازما، تەسۋىسىمان باكتىرىيە قاتارلىق باكتىرىيە توپى بىرخىل نورمال ئېكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقتا بۇلىدۇ، . ئەمما ئادەم بەدىنىڭ ئىمونىتىت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەندە ھورمونلارنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىدا ئۆزگۈرۈش بولىدۇ ياكى تاشقى ئامىل مەسلەن تۇقۇلمىلارنىڭ زەخمىلنىشى، جىنسى مۇناسىۋەت جىنسى يولنىڭئىكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغان ۋاقىتتا بۇ يەردىكى باكتىرىيىلەر توپى كېسەللىككە ئۆزگۈرۈپ جىنسى يولغا بېسىپ كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر ساغلاملىق سالونى
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى