بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللارنىڭ سەتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى
-
ئاياللارنىڭ سەتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى
ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 1902 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللارنىڭ سەتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى
مېنىڭ بىر چىرايلىق دوستۇم بولىدىغان، نەچچە يىل كۆرۈشمىدۇق، قايتا كۆرۈشكەندە، مەن شۇنچىلىك چۆچۈپ كەتتىم. دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇ قارىماققا ناھايىتى تىنچ بولۇپ، ماڭا:« قېرىپ كەتتىم، شۇنداقمۇ؟» دېدى، مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، مەنمۇ قېرىپ كەتتىمغۇ، دېدىم. ھەممىمىز قېرىدۇق، يىللار ھېچكىمنى ساق قويمىدى! ئۇ ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ دېدى، مەن قېرىپلا كەتمىدىم، يەنە سەتلىشىپ كەتتىم، شۇنداقمۇ؟بۇنداق سەزگۈر ۋە ئۆتكۈر ئايال ئالدىدا، سىز ھېچنېمىنى يوشۇرالمايسىز. مەن، سەتمۇ ئەمەس، پەقەت سىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايلا قاپسىز، باشقا بىر ئادەمنى ئالماشتۇرۇۋەتكەندەكلا.مېنىڭ نىكاھىم شۇنچىلىك بەختسىز، سىز بىلمەمسىز؟ دېدى ئۇ.ئازراق بىلىمەن.
مەن سىزگە بىر گەپنى دەپ بېرەي، بىر بەختسىز ئايالنىڭ چىرايىدىن بىلگىلى بولىدۇ. بىز ھەمىشە، بەزى ئاياللارنى بىچارە قىياپەتتە دەيمىز. ئەمەلىيەتتە سىز توي قىلمىغان قىزلارغا قاراپ بېقىڭ، ئۇلار بۇنداق مىسكىن كەلمەيدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ھەممە ئاياللار سەبىي ۋە غەمسىز كېلىدۇ. لېكىن سىز ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا قاراپ بېقىڭ، ئۇنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.تۇرمۇش بىر ئادەمنىڭ چىرايىنى ياساپ چىقىدۇ، بۇنى مەن بىلىمەن. لېكىن سىز دېگەندەك بۇنداق مۇتلەق ئەمەستۇ؟
ئىشەنمىسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ يېنىغا بارسىڭىز، پەرق تېخىمۇ زور. ئاساسلىقى ئىككى خىل: بىرى مېھرى ئىسسىق، يەنە بىرخىلى بەتبەشىرە كېلىدۇ. مەن ئىككىنچىسىگە چۈشىمەن.مەن گەپنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلمىدىم، ئاغزىمغا كەلگەنچىلا، بىز رەسىملەردە كۆرگەن مومايلارنىڭ ھەممىسى شۇنچە مېھرى ئىسسىق.توغرا، دېدى ئۇ، ھېلىقى مېھرى ئىسسىق ئەمەسلەر ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. مەسىلەن مەن، بەلكىم بالدۇرلا ئۇ دۇنياغا كېتىشىم مۇمكىن.گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن گەپ قاچۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى قالمىدى. مەن سورىدىم، ئۇنداقتا چىرايىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ئۆزىڭىز قانداق قارايسىز؟
مېنىڭ سىزگە بۇ گەپلەرنى دېيىشىم، ئۆزەمدىن يەكۈنلىگەن قارارىم. چۈنكى مېنىڭ نىكاھىم بەختلىك ئەمەس، مەن يا ئاجرىشالمايمەن، شۇڭلاشقا كۈندە ئەپسۇسلۇق ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە كۈنلەرنى ئۆتكۈزىمەن. ئەينەكتىكى ئۆزەمگە قارىسام، مەن بارغانسىرى ئۆزەمنىڭ زەھەرخەندە ۋە بەتبەشىرە بولۇپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇ بىر كۈندە يۈز بەرگەن ئەمەس، باشقىلار ھېس قىلىپ بولالمايدۇ، لېكىن مەن ئۆزەم بىلىمەن. مەن ئۆزەم يەكۈنلىگەن تەجرىبىلەر بىلەن باشقىلارغا قارىسام، دەرۋەقە يۈز پىرسەنت توغرا چىقىدىكەن.مەن ئۇنىڭغا قاراپ گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدىم. بۇنداق سوغۇققان پاراسەتنىڭ ئالدىدا، سىز پەقەت سۈكۈتلا قىلالايسىز.
مەن ھەر قېتىم ئۇنى ئويلىغىنىمدا، قەلبىمگە يىڭنە سانجىلغاندەك ئاغرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتى، خۇددى مۇز دەريادىكى بىر قىزىل تانىغا ئوخشاش، روشەن ھالدا ئۇ يەردە توڭلاپ تۇرىدۇ، لېكىن ھېچقانداق نەرسىنى باغلاپ ئېلىپ قالالمايدۇ.ئاياللار پىسخىكىسى ساغلام بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەتلىشىپ كېتەمدۇ بۇنى مەن بىلمەيمەن. لېكىن پىسخىكىسى ساغلام بولمىغانلىقى ئۈچۈن كېسەل چىرمىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەقىقەتەن راست.كېسەل بولماسلىق، سەتلىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش كېرەك.
مەنبە: ئۇيغۇر ساغلاملىق تورى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-10-27 15:26:102587ئاياللار كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ كەسپىي ھەم ئۈنۈملۈك
2015-10-04 23:17:042897بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
2016-02-05 18:18:493469ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىم ئ
2016-01-25 18:36:372162ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ «قارا ئىككىلەمچى ساغل
2015-12-06 13:58:4211706دادىسى باققان بالا بىلەن ئانىسى باققان بالىنىڭ پ
2015-12-02 05:25:483623ئاياللارنىڭ تېرىسى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە
2015-12-06 13:58:506655ئاياللار مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىرنەچچە خىل ئەر
2016-01-13 13:58:344071
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-