بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىم ئېلىشى
-
ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىم ئېلىشى
ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 2163 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىم ئېلىشى
ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىم ئېلىشنىڭ 8 چوڭ ئوخشاشلىقى
ئەرلەر چىرايلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاياللارمۇ چىرايلىق كىيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان
1. پەقەت ئىقتىسادى مۇھىت يول قويسىلا، ئەرلەر دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنىمۇ ئەمرىگە ئالالايدۇ. يەنىلا ئىقتىسادى شارائىت يار بەرسە ئاياللارمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ كىيەلەيدۇ.
2. ياش ئەرلەر خوتۇن ئېلىشتا چىرايلىق بولسىلا بولدى دەپ ئويلايدۇ، ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر خوتۇن ئالغاندا سالاپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىگە ماس كېلىشىنى تاللايدۇ، ياشانغان ئەرلەر خوتۇن ئېلىشتا ئۆزىگە كۆڭۈل بولسىلا بولدى دەپ قارايدۇ. ياش قىزلار كىيىم سېتىۋالغاندا پاسون ۋە مودا قوغلىشىدۇ، ئوتتۇرا ياش ئاياللار ماركىسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياشانغان ئاياللار راھەت بولسىلا بولدى دەپ ئويلايدۇ.
3. ھەرقانداق بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىرى ئەقىللىك ھە چىرايلىق بولسا، سورۇنلارغا باشلاپ بارالىسا، ئۆزىنى چىرايلىق خوتۇنۇم بار دەپ كۆز كۆز قىلالىسا يۈزۈم يورۇق بولسا، يەنە بىر خوتۇن ئىشچان، ئىقتىسادچىل بولسا كۈندە ئۆيدە تاماق ئېتىپ، كىر قات يۇيسا، ئۆزى خاتىرجەم سىرتلاردا يۈرەلىسەم دەپ ئويلايدۇ.
ھەرقانداق ئايال ئۆزىنىڭ ھېچبولمىغاندا ئىككى قۇر كىيىمى بولسا، بىر قۇر چوڭ سۈپەت كىيىم بولسا، خىزمەتكە چىققاندا، دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىققاندا كىيسەم، باشقىلارغا ئۆزۈمنىڭ چىرايىنى نامايان قىلسام دەيدۇ. يەنە بىر قۇر كىيىم راھەت ئۇخلاش كىيىمى بولسا، ئۆي ئىچىدە خالىغانچە كىيەلىسە، ئۆزىگە ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلىيالىسا دەپ ئويلايدۇ.
4. ئەرلەر دائىم يېنىدا ئۆزىگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان، ئۆزىگە تەۋە ئايالنىڭ كەملىكىدىن ئۇھ سۇنىدۇ. ئاياللار مەڭگۈ كىيىم ئىشكاپىدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيىمىنىڭ يوقلۇقىدىن ئازابلىنىدۇ.
5. ئىشى يوق پىيادە مېڭىپ كوچا ئايلىنىۋاتقاندا ئەتراپىدىكى ھەممە قىزلار كۆزىگە ئوماق تۇيۇلىدۇ. ئاياللار ئىچى پۇشۇپ بازار ئايلىنىۋاتقاندا ۋاقىتتا ئېسىقلىق ھەممە كىيىم شۇنچە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
6. ئەرلەر يول بۇيىدا گۈزەل قىزلارنى كۆرگەندە ئىختىيارسىز يۈرەكلىرى ئويناپ كېتىدۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ كېتىدۇ. ئاياللار سودا سارىيىدا چىرايلىق كىيىملەرنى كۆرگەندە كۆزلىرى چاقناپ كېتىدۇ، شۇ كىيىمگە قاراپ ئورنىدىن مىدىرلىماي تۇرىدۇ، گەرچە ئۆيىگە ئېلىپ كېتەلمىسىمۇ شۇ كىيىمنى بىر تۇتۇۋالسىلا شۇنىڭغا رازى بولىدۇ.
7. ئەرلەر بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن توي قىلىپ ئۆيگە ئەكىرىشتىن بورۇن بىللە تۇرۇپ توي ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى ئويلايدۇ. ئاياللار ئۆزى ئېلىشنى ئويلىغان بىر كىيىمنى ئالدى بىلەن كىيىپ ئەينەككە قاراپ سىناپ باقىدۇ.
8. ئەرلەر بىر ئايالنى ئەمرىگە ئېلىپ ئۆيگە ئەكەلگەندىن كېيىن، ھەقىقىي ئوماق، ئۆزى ئالالىغان، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئاياللارنىڭ ھەقىقەتەن ئازلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئاياللار بىر كىيىمنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭغاندا، تېخىمۇ چىرايلىق، ئۆزى سېتىۋالالايدىغان، ئۆزىگە ياراشقان كىيىملەرنىڭ ناھايىتى ئازلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.
مەنبە: تور دۇنياسىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇ
2015-10-25 11:49:321937ئەر-خوتۇنلار كۆڭۈل سىرلىرىنى قانداق ئېيتىشى كېرە
2015-12-11 12:48:262789نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىمىز؟
2015-10-07 12:46:113022تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى
2015-08-18 12:11:491837گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
2016-01-20 14:26:332027شارپىنى ھەرخىل ئارتىش ئۇسۇللىرى، مودا قىزلار ئۆگ
2016-01-21 16:51:202650بەدەن يۇيۇش سۇپۇنى ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پ
2015-11-27 23:27:582716بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان
2015-12-21 16:28:241777
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-