بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار  لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ! 
	ئەر-خوتۇنلار كۆڭۈل سىرلىرىنى قانداق ئېيتىشى كېرەك؟
- 
	
ئەر-خوتۇنلار كۆڭۈل سىرلىرىنى قانداق ئېيتىشى كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-10-19 ئاۋاتلىقى: 2993 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەر-خوتۇنلار كۆڭۈل سىرلىرىنى قانداق ئېيتىشى كېرەك؟
نىكاھ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئەر–خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى بەزى مەخپىيەتلىكلەر تامامەن ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشى ياكى قىزىقىشى بولۇپ ، بىر–بىرىدىن سىر ساقلاشقا تامامەن ھوقۇقلۇق . ئەمما يەنە ھەر ئىكى تەرەپ ئەر–خوتۇنلۇق تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىش ھەرىكەتنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق . مەسلەن، قەرز، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ياكى ھېسيات تەرەپتىكى مەسىلىلەر، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تاللاش ، زىددىيەتلىك مەسلىلەر قاتارلىقلار.
مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقىمۇ ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك . مۇبادا ئۇسۇل توغرا بولمىسا، ئەكىسچە ئۈنۈم بېرىپ قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئەر–خوتۇنلارنى كۆڭۈل سىرلىرىنى ئېيتىشقاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
1. كۆڭۈل سىرلىرىنى توساتتىن ئاشكارىلاپ قارشى تەرەپنى چۆچۈتىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە ئەسكەرتىش بېرىش ، مۇۋاپىق پەيتتە كۆڭلىدىكىنى ئاستا–ئاستا ئېيتىش كېرەك.
2. كۆڭۈل سىرىنى ئاشكارىلايدىغان سورۇننى ياخشى تاللاش كېرەك. ياخشى، بىخەتەر، ئازادە، كۆڭۈللۈك جاي ياكى جىمجىت باغچە بولۇشى، ھەتتا بالىۋاقىلىرىمۇ بولماسلىقى كېرەك.
3. ئالدىن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ، كەچۈرۈم سوراشقا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇش كېرەك. ئالدى بىلەن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراپ، ئاندىن قارشى تەرەپكە بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا ئېيتماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما خىجىللىق ھېس قىلىپ ئېيتالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، قارشى تەرەپنىڭ ئەپۇسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
4 . كۆڭۈل سىرىنى ئاشكارىلىغاندا، بەك ئىنچىكە ھالقىلارنى ئېيتىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. بولمىسا قارشى تەرەپنىڭ كاللىسىغا بەزى ئىشلار چوڭقۇر ئورناپ، ھېسياتقا تەسىر يېتىدۇ ، مۇھەببىتىگە دەز كېتىدۇ ،
مەنبە ؛ توردۇنياسى
Tags: پىكىر ئالماشتۇرۇشتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا
2016-01-07 01:55:564095
ئېرىڭىز ئەتراپىدىكى ئايال
2015-12-21 17:05:562160
قانداق ئاياللارنىڭ ئوغۇل تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقى
2016-01-25 16:22:226301
ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2016-01-30 18:45:294264
قىزلار نېمە ئۈچۈن تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالمايدۇ؟
2015-12-08 12:10:536096
ئەقىللىق ئايالنىڭ 6چوڭ ئالاھىدىلىكى
2015-12-26 17:24:019915
شاكىلات ئاياللارنىڭ جىنسى تۇرمۇش ساپاسىنى ياخشىل
2015-08-10 00:40:409501
قانداق ئەرلەر ئاياللارغا ئەڭ بەك كۆيۈنىدۇ؟
2015-12-06 23:29:241893
 
- باھالار
 - 
		
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
 - 
		
 
 





















