بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا بولغان تەسىرى
-
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا بولغان تەسىرى
ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 3782 قېتىمتۇغۇت ئۆزى يەڭگىش بىلەن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئادەتتە ھامىلدارلارنىڭ بويى 150 سانتىمېتىردىن تۆۋەن، ھامىلە چوڭ؛ ئانىنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى، ھامىلىگە ئوكسېگىن يېتىشمىگەن، باش سۈيى يېرىلىپ كەتكەن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىدا ئەگەشمە كېسەللىكلەر بولغان ئەھۋاللاردا ھامىلدار ئاياللار ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىيدۇ. ھازىر كۆپىنچە ياش ئانىلار تولغاقتىن، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يەڭگىيەلەيدىغان شارائىتتىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا بولغان تەسىرىنى ئويلاشمايۋاتىدۇ.يانفوندا كۆرۈش
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسى ئائىلىلەشكەن تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ئاينىسا ئىمىندىن ئىگىللىشىچە، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا، ئانىنىڭ بەدىنى زەخمىلىنىدىكەن، ئۈچەي بىلەن بالىياتقۇ، بالىياتقۇ بىلەن قورساق پەردىسى چاپلىشىۋېلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەمدە ئىككىنچى قېتىم ھامىلدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بالىياتقۇ مۇسكۇل تالالىرى زەخمىلىنىپ، بالىياتقۇنىڭ نورمال قىسقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۈچەي ھەرىكىتى ناچارلىشىپ، ئۈچەيلەر تولغىشىپ، چوڭ تەرەت راۋان بولماي، قايتا جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا سەۋەب بولىدىكەن. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلار، بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولىدىكەن. ئاسانلا زىققا كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى ناركوز ھامىلىنىڭ نەپەسلىنىشىگە تەسىر قىلىپ، ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىقى يۇقىرى ئىكەن. («قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن)
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىمىز؟
2015-10-07 12:46:113022
ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش
2016-02-05 19:18:1714010
بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-10-27 15:59:582574
خوتۇننى نېمە قىلغىلى ئالىدۇ؟
2016-01-09 17:01:024846
ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﯜﺭﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ
2015-12-17 12:57:101228
قىزلارغا 100 نەسىھەت: بەشىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:59:451389
ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇ
2015-08-06 01:45:563760
تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىكى ئاساسل
2015-10-23 12:29:443682
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-




















