ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

خوتۇننى نېمە قىلغىلى ئالىدۇ؟

خوتۇننى نېمە قىلغىلى ئالىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 4834 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خوتۇننى نېمە قىلغىلى ئالىدۇ؟

تۇرمۇشتا، ئاز بولمىغان ئاياللار ئائىلىسىدە ئورۇن مەسلىسى ھەققىدە دەتالاش قىلىشىدۇ. يېقىندا بىر تورداش ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكى ھېكايىلەرنى چىقارغان، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئائىلىدىكى يۇقىرى ئورنى مۇنداق كەلگەن ئىكەن، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن كۆڭلىڭىز ئېچىلىپلا قالىدۇ.

ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىدا ئەر بولغۇچىنىڭ مەيدانى ئىنتايىن مۇھىم
ئاپام شىمالدىن كەلگەن ئاددى بىر يېزىلىق ئايال، ئۇنىڭ ئىنچىكە كەلگەن ئۇستىخان شەكلى، نازاكەتلىك چىرايى، سىپتا كىيىنىشلىرى جەنۇبدىكى يېزا ئاياللىرىدىن پەرقلىنىپلا تۇرىدۇ. ئاپام دادامغا تىگىپ، يېزىغا كەلگەن چېغىدا، ئىككى ھاممام چوڭ ئاپامنىڭ قېشىغا كېلىپ، داۋاملىق ئاپامنىڭ تىنى ياخشى ئەمەس، چوقۇم بالا تۇغالمايدۇ دەيتى. ئەمما دادام بۇنى ئاڭلاپلا قالسا غەزەپلىنىپ، ئىككى ئاچىسىنى تىللايتى:«مەن ئۇ شۇنداق نازۇك بولغاچقا ئالغان، مەن ئامراق، ئوقۇغان ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدۇ! ئەگەر سىمىز كۆتەكتەك بولسا ئېتىزلىقتىلا ئىش قىلىشقا يارالغان بولمامدۇ؟ سىلەرنىڭ نېمە كارىڭلار!» دەيتى.
ئەينى ۋاقىتتا دادام يېزىدا ئۇچىغا چىققان قۇلاق كەستى بولغاچقا،مومامنىڭ قارىشىچە ئاپامنىڭ ئۇنىڭغا تىگىشى دادامنىڭ تەلىيى ئىدى، دادام ئاپامغا ئات، كالا بولۇپ ئىش قىلىپ بەرسىمۇ بولاتتى.

نەتىجىدە بىر كۈنى دادام ھاراق ئىچىۋېلىپ مەست بولۇپ قېلىپ، نۇرغۇن كىشلەر ئارىسىدا مۇنداق دەپتۇ:« مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە ئەڭ مەغرۇرلىنىدىغان ئىشىم، مۇشۇنداق مەدەنىيەتلىك، ساپالىق ھەم چىرايلىق خوتۇننى ئەمرىمگە ئېلىش، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئالماقچى بولغانلار نۇرغۇن ئىدى، ھەممىسى مەندىن پۇلدار، ئەمەلدارلار، ئەمما ئۇ يەنىلا ماڭا ئەگىشىپ مۇشۇ يېزىغا كەلدى، كاللام كەتسىمۇ ئۇنى خاپا قىلىدىغان ئىشنى قىلسام بولمايدۇ، ئاپامدىن باشقا كىشى ئۇنىڭغا ئازراقلا ئازار بەرسە، مەن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق ھېسابلىشىمەن!» كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شۇ جايىدا ھەيرانلىقتا قېتىپ قالغان ئىدى، گەرچە دادام مومامغا ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگىنى بىلەن، ئاپامغا قانداقمۇ ئازار بىرەلىسۇن دەيسىز؟ دادام شۇ چاغدا راستلا مەستمىدۇ؟


مۇشۇنداق قىلىپ بىرىنچى قېتىملىق بەلگىلىمە تىكلەندى، كېيىنكى ئاۋارىچىلىكلەرمۇ ئاز بولدى. شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئائىلىمىزدىكى زىددىيەتلەر تولىمۇ ئاز. ئۆيدىكىلەر بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىلا بولسا، سىرتتىكىلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ دەيسىز؟ ئۇلار دېگىنى بىلەنمۇ، ئاڭلىماسقا سېلىپ كېتىۋېتىمىز، دادام ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئۆيىمىزدىكىلەر توغرىسىدا ئۇنى بۇنى دېيىشىگە يول قويمايتى. ئۇ ۋاپادار، ئەمما گەپ ئاڭلىمايدىغان ئوغۇل بولۇپ، مومامغا يەيدىغان، ئىچىدىغان، كىيىدىغاننىڭ ياخشىسىنى بىرەتتى، ئەمما چوڭلارنىڭ گىپىنى مۇقەددەس نىزامنامە قىلىۋالمايتى، ئۇ ناھايىتىمۇ ئۇچۇق قىلىپ: «ئۇ ئادىشىپ قالسا، سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاداشسىڭىز بولمايدۇ –دە! » دەيتى. ئۇنىڭ مەيدانى ھەقىقەتتەنمۇ بەك مۇھىم، ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن مەسلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، ھەل قىلالمايدىغىنى يوق ئىدى.

ئايالىنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلگەندىلا، باشقىلارمۇ ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ.
دادام تۇغقانلارنىڭ تەلىپىنى ھەمىشە قاندۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ تاماكا چەكمەيتى، ھاراق ئىچمەيتى، تۇرمۇشتا ئاددى- ساددا بولۇپ، نەۋرە ئىنىمنىڭ ئوقۇتتى، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن ئاپام ۋە بىزدىن تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ باشقىلارغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا گەپ قىلىپ باقمىدى. ھاممام ئاپامنىڭ بىر تال چاپىنىنىڭ پۇلىسى ئۇلارنىڭ بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ نەچچە ئاي يىيىشىگە يىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋايسىغىنىدا، دادام ئاپامنى بۇ چاپاننى ئالماسلىقى، پۇلنى ھاممامغا بېرىشى كېرەك دەپ قارىمىدى، ئەكسىچە:« سېنىڭ كېيىدىغىنىڭ، يەيدىغىنىڭ تۇرسا، بالاڭنىڭ ئوقۇش پۇلىسىنىمۇ مەن چىقارسام، سەن تېخى يەڭگەڭنىڭ نېمە كىيىشىنى باشقۇرامتىڭ؟»دېدى.


بۇ يېزىمىزنىڭ قائىدىسىدە ئاياللار تولىمۇ كەمسىتىلىدىغان بولۇپ، رەسمىي سورۇندا ئاياللار ۋە بالىلار ئەرلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشكە بولمايتى، پەقەت ئاشخانا ئۆيدىلا تاماق يىسە بولاتتى. ئەمما ئاپام دائىم ئاپامنى ئېلىپ تۇغقانلارنى يوقلاپ بارغىنىدا، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاپامنى ئۆزىنىڭ قېشىغا، تۆرىگە باشلايتى. تۇغقانلىرىمىز بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىمۇ، ئاپامنى ئۈستەلگە ئولتۇرغۇزۇپلا قالماي، تېخى ئاپام تاماقنى ئىتىپ بولۇپ، پەشتامىسىنى يىشىپ ئۈستەلنىڭ قېشىغا كەلمىگۈچە تاماققا ئېغىز تەككۈزگىلى قويمايتى، دادامنىڭ قارىشىچە، بۇ ئائىلە خوجايىنىغا بولغان ئەڭ ئەقەللىي ھۈرمەت ئىدى.
مانا بۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ قائىدىسى، ھاممام باشتا كۈنەلمىگەن بولۇپ، دادام:« ئەگەر سەن ئاشخانىدا تاماق يىيىشنى ياخشى كۆرسەڭ، شۇ يەردە يەۋەرگىن، ھېچكىم سېنى توسمايدۇ، ئائىلىمىزدە ھەممىمىز ناھايىتى ئەركىن، ئەگەر ئاشخانىغا كىرىشنى خالىمىساڭ، يۇۋاشلىق بىلەن بۇ يەردە تامىقىڭنى يىگىن » دېدى.
شۇڭلاشقا مەن قىيىن ئانا، ھامما دېگەنلەر بىلەن بىرگە ئۆتمەك تەس، ئىشى كۆپ دېيىشلەردىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيمەن، ھەممىسى ئۆگىتىپ قويغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان كىمكى ئاپامدىن قۇسۇر ئىزدەيدىكەن، دادام بىر ئېغىز گىپى بىلەنلا ئۇجۇقتۇرۋېتىدۇ.

يۈز دېگەننى ئۆزىمىز تاپىمىز، ئاياللار بەرگەن ئەمەس
بەزى ئەرلەر خىجىل بولماي ئۆز ئايالىغا:«تالادا ۋە ئۆيۈمدىكىلەر ئالدىدا چوقۇم مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلايسەن، جېقراق ئىش قىلىپ، يۈزۈمنى يورۇق قىلىسەن» دەيدۇ. دادام بۇنداق كىشلەرنى پەقەتلا كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇ :« يۈز دىگەننى ئۆزىمىز تاپىمىز، ئايالىنى بوزەك قىلىپ تاپقان يۈز يۈز بولامدۇ؟» دەيدۇ.
دېمىسىمۇ، ئەرلەر يۈزىنى پۇل تېپىپ، خىزمەت قىلىپ تاپىدۇ، مەيلى قانداقلا قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇكى، ئەمما ئۆيىڭىزگە كىرىۋېلىپ يۈز تاپىمەن دېيىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.


دادام بىر ئۆمۈر تىرىشتى، سىرتتا يەتكۈچە يۈز تاپتى، ئەمما مەن ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئۆيدە يۈز ئابروي قوغلاشقىنىنى كۆرمىدىم، ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ، ئۇنىڭ گىپىچە بولغاندا، پەقەت ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمىسىلا، پىرىنسىپ دېگەننى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇغۇ؟ ھەممىمىز بەزىلەرنىڭ دادامنىڭ كەينىدىن«خوتۇنىدىن قورقىدۇ» دېيىشىدىغىنىنى بىلىمىز. ئەمما ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ دادام بۇنداق گەپلەرنى قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تومپايلار دەيدۇ، ئۇ شۇنداق قىلىشقا ئامراق تۇرسا، كىم ئۇنى باشقۇرالىسۇن؟

شۇڭلاشقا دەيمەن، بەزى ئاياللار دوستلىرىغا ئېرى ۋە ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقىدىن قاقشىشىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئېرى سىزنى ھۆرمەتلەشنى بىلمىگەچكە، باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىزنى دەسسەيدۇ، خارلايدۇ ئەمەسمۇ؟!

خوتۇننى نېمىگە ئالىدۇ؟ جاۋابى پەقەتلا بىر
ئەگەر ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئايالىغا كۆيۈنۈشنى، ھۆرمەتلەشنى بىلسە، ئائىلىنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مېنىڭ قېيىنئاتام بەكمۇ ئەسكى ئادەم ئەمەس، ئەمما مىجەزى شۇنچە قوپال، قېيىنئانام بولسا ئاجىز، ئاقكۆڭۈل بىر ئايال، ئۇ قېيىنئاتامدىن ئاز ئازار يىمىدى. ئېرىم بۇ ئىككىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە ئۇمۇملاشتۇرۋالغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ئائىلىسىدىكى كەيپىياتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇ بىرىنچى قېتىم ئۆيىمىزگە كەلگەندە ھەيرانلىقتا قالغان، ئەسلىدە دۇنيادا يەنە مۇشۇنداقمۇ بىر خىل تۇرمۇش بولىدىكەن! ئەر- ئاياللار مۇشۇنداقمۇ ياخشى ئۆتەلەيدىكەن، ھەم تۇرمۇشمۇ ئۇنچە ئاددى، تەمسىز بولمايدىكەن، ئىككى ئادەم نېمىلا قىلسا تەڭ قىلىشىدىكەن!

ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئاپام ئەتكەن تاماقنىڭ تەمسىزلىكىدىن ئاغرىنىمىز، بىراق دادامدىن دائىملا تىل ئىشتىمىز، ئۇ :«ئاپاڭلار سىلەرنىڭ ئائىلە خىزمەتچىڭلار ئەمەس، يىگىلى تاماق بەرگىنىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش! ياقتۇرمىساڭلار ئۆزۈڭلار ئىتىپ يەڭلار!» دادام تاماق ئىتىشنى بىلمەيدۇ، بىرەر قېتىممۇ ئاشخانىغا كىرىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ پەقەتلا ئاغرىنىپ باقمايدۇ، ئاپام نېمە ئىتىپ بەرسە شۇنى يەيدۇ. ئاكام ئىككىمىز رازى بولمىغاچقا، ئۆزىمىز قالايمىقان قىلىپ يۈرۈپ ئاز بولمىغان تاماق ئىتىشنى ئۆگىنىۋالدۇق، شۇڭلاشقا ئىككىلىمىزلا تاماقنى يامان ئەمەس ئىتىمىز. ئائىلىمىزدە ناھايىتى بۇرۇنلا ئائىلە خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلىۋالغان، چۈنكى دادام ئۆزى تاماق ئىتەلمەيدۇ، ئەمما ئاپامنىڭ يالغۇز جاپا تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭلاشقا مەن :«سەن تاماقمۇ ئىتەلمىسەڭ، كىيىمنىمۇ پاكىزرەك يۇيالمىساڭ، سېنى قانداقىسىگە خوتۇنلۇققا ئېلىپ قالغان بولغىيدىم؟!» دېگەندەك گەپلەرگە تولىمۇ ئۆچ، بىزنىڭ ئۆيدە «خوتۇنننى نېمىگە ئالغان؟»دېگەننىڭ بىرلا جاۋابى بار، ئۇ بولسىمۇ:«ياخشى كۆرۈشكە، سۆيۈشكە، ئاسراشقا!»

مەن ئەتكەن تاماقلار بىر قەدەر ئوخشايدۇ، ئەمما بۇ مېنىڭ چوقۇم تاماق ئىتىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر مەن تاماق ئەتمىسەم، ئېرىم خوشاللىق بىلەن كىرىپ ئىتىدۇ، ياكى بولمىسا بىز بىرلىكتە خوشاللىق بىلەن قەيەردە ئوخشىغايدىغان ئاشپۇزۇل بولسا شۇ يەردىن ھوزۇرلانغىلى يۈگۈرەيمىز.
بەزى ئەرلەر ئۆيىگە كېلىپلا ئايالىنىڭ تاماق ئەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ چېچىلىدىكەن، تېخى:«بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ ئاران قايتىپ كەلسەم، ئىسسىقىدا تاماقمۇ بەرمەمسەن؟» دېيىشىدىكەن، مەن تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلىمەن، كىممۇ بىر كۈن ئىشلەپ ھارمايدۇ؟

ئائىلە مۇناسىۋىتىدە ، ئەرلەر پەقەت ئايالىنى ئازراقلا قوغداشقا تىرىشسا، ئۇنداقتا راھەت، كۆڭۈللۈك ئائىلە مۇھىتى چوقۇم بەرپا بولالايدۇ. ھەقىقىي راھەت، كۆڭۈللۈك ئائىلە مۇھىتىلا ياخشى نىكاھنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىدۇر.
مەنبە: پىسخىكا سالونى


بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى