تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى
-
تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى
ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 1851 قېتىميانفوندا كۆرۈش
.1تۇغۇتتىن كېيىنكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش زىيادەئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىن، ئاياللار سۈت كەلتۈرۈش ئۈچۈن،ئادەتتە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوي گۆشى، توخۇ گۆشى،تۇخۇم، مېۋە –چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش چىقىمنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنداق ئوزۇقلىنىش سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.
ئوزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ كەتسە سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.سېمىزلىك بەدەندە شېكەر ۋە ياغ مېتابولىزمىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، ھەر خىلكېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلەردە تاجىسىمانئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەردىن ئۈچ – تۆت ھەسسە، قەنت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بەش ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.
تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇقى زىيادە مول بولسا، سۈتىدىكى ياغنىڭ مىقدارى ئېشىپ، بوۋاقلارنىڭ ئاسانلا سەمرىپ كېتىشىنى، يىسىتاپان(تۆگىتاپان)قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولسا، ياغلىق ئىچ سۈرۈش، ئوزاق مۇددەتلىك سوزۇلما ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ.
.2تۇغۇتتىن كېيىن يېمەكلىكنى دەرھالچەكلىمەسلىك كېرەك. ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئايال تۇغۇتتىن بۇرۇنقى زىلۋا ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۇغۇتتىن كېيىندەرھال يېمەكلىكنى چەكلەيدۇ. بۇنداق قىلىش زىيانلىق. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يېمەكلىكنى چەكلىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ئوزۇقلىنىش پرىنسىپى بويىچە ئانا ۋە بوۋاقنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، تۇغۇتتىن كېيىن ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتىش كېرەك. تاماقتاللىماسلىق، توخۇ، ئۆردەك گۆشى، بېلىق، قوي، كالا گۆشى، تۇخۇملارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش، سۈت، كۆكتات، مېۋىلەرنى، ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، تاتلىق يېمەكلىكلەر، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، سېمىز گۆش،ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز يېيىش كېرەك.
.3تۇغۇتلۇق ئاياللار قاراشېكەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ئېلىمىزدە ئاياللارغا تۇغۇتتىن كېيىن قاراشېكەريېگۈزىدىغان ئادەت بار. ئاياللار تۇغۇتتا ئەقلى، جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق چارچايدۇ، زور ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە تۆمۈر ماددىسى بولمىسا بولمايدۇ. قارا شېكەر ھەم قان تولۇقلايدۇ، ھەم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما بەزى تۇغۇتلۇق ئاياللار قاراشېكەرنى ئۇزاق ۋاقىت ھەتتا بىرەر ئايغىچە ئىستېمال قىلىدۇ. قاراشېكەر ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. تۇغۇپ ئون كۈندىن كېيىن لىپاس خۇنى تەدرىجىيئازىيىپ، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىمۇ نورماللىشىشقا باشلايدۇ. ئەگەر قاراشېكەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلغاندا قاراشېكەرنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش رولى لىپاس خۇنىنى كۆپەيتىۋېتىپ، تۇغۇتتىن كېيىن داۋاملىق قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن قاراشېكەرنى ھەپتە – ئون كۈن ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق.
.4تۇغۇتتىن كېيىن تۇخۇمنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بەخىتلىك قىزلار مۇنداق قىلىدۇ
2016-01-23 14:14:262293ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار
2015-12-30 17:10:102374نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈل
2015-08-12 16:53:044546چۈنكى بىز ئايال
2015-12-12 12:17:491965ئاياللار ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلىشنى ئارزۇ
2015-08-12 16:50:50720ئەرلەر ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندن كېيىن مۇ
2015-12-26 12:26:453555ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ ئورنى ۋە ئىقتىدارى
2015-12-06 13:59:144359ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغىنى
2015-08-12 16:55:082748
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-