ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار

ۋاقتى: 2016-06-30 ئاۋاتلىقى: 2336 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار


ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىدا نۇرغۇن مەشھۇر قەھرىمان قىز-ئاياللار، شائىرەلەر، مائارىپچىلار ئۆتكەن. بىز ئۇلارنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.


1.جىۋا (324-؟)
كۈسەنلىك، بۇددا دىنى بىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن، تېببىي ئىلىمنىمۇ پىششىق ئىگىللىگەن بىلىملىك ئايال. ئۇ مەشھۇر تەرجىمە ئۇستازى كومراجىۋانىڭ ئانىسى.
ئۇ كۈسەن خاننىڭ سىڭلىسى، ئەقىللىق ھەم گۈزەل مەلىكە ئىدى. ئۇ ھىندىستانلىق ۋەزىرنىڭ ئوغلى كومراتانغا ياتلىق بولغان. توي قىلىپ، ئىككى بالىلىق بولغاندىن كېيىن، راھىبە بولغان ھەم ئېرىدىن سانسكرىت تىلىنى ئۆگىنىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن بۇددىزىمغا بېرىلگەن. كېيىن ئۇ 9 ياشلىق ئوغلى كومراجىۋانى ئېلىپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپ ھىندىستانغا بېرىپ ئوقىغان. ئۇ يەردە ھىنايانا مەزھىپى تەلىماتلىرىنى ئۆگەنگەن. جىۋا ئوغلى كومراجىۋانى ھىندىستاندا ئوقۇتۇپ، داڭلىق بۇددى دىنى ئالىمى ۋە تەرجىمە مۇتەخەسسىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئۆزىمۇ شۇ دەۋىرلەردىكى ئىجتىمائىي توسالغۇلارغا قارىماي ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تىرىشچان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماس روھىنى نامايان قىلغان.
ئۇ يەنە تىبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ كېسەل كۆرۈش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ «جىۋا ئىچىكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتاب يېزىپ، ئىچكى بەش ئەزانىڭ فۇنكىسىيىسى، ھەر خىل كېسەللىكلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن.


2. ئورخۇن خاتۇن
ئۇ، Ⅶ ئەسىردىكى تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بوساتنىڭ ئانىسى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا يازما خاتىرىلەر يوق. ئۇ ھەقىقەتەن داڭلىق سىياسىيون بولۇشقا مۇناسىپ، «كونا تاڭنامە» ۋە «يېڭى تاڭنامە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئورخۇن خاتۇن پەن-پاراسەتلىك، تەدبىرلىك ئايال بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا يۈز بەرگەن ئەرز-دەۋالارنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ئوغلىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ ۋە بىۋاسىتە ئارىلىشىپ، سىياسىيونلارغا خاس ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى. ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ ھاكىمىيەتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى بىلەن ئەينى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر رايونى گۈللەنگەنىدى.
ئورخۇن خاتۇن ئەينى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇھتەھكەملەشكە تۆھپە قوشۇپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.


3. داڭلىق سەنئەتكار پېيى مەلىكە (690-؟)
ئۇ ئەسلى قەشقەرلىك سەنئەتكار بولۇپ، تارىخي خاتىرىلەردە ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى يېزىلمىغان. پەقەتلا، قەشقەرخان جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پېيى (裴) فامىلىسى بىلەن تىلغا ئېلىنغان. ئۇ، قەشقەردە خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ھەم بۇددا دىنى ئىلىملىرى، سەنئەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، تالانتلىق سەنئەتكار بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئۇ 715-يىللىرى ئەتراپىدا چاڭئەنگە بېرىپ، شۇ يەردىكى ئوقۇتۇش مەركىزىدە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە سەنئەت تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. غەربىي يۇرت سەنئىتىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تونۇتقان ھەم تارقاتقان. ئۇ نۇرغۇن ناخشا، مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.


4. سىلىغ تېگىن
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن راھىبە، شائىرە. ئۇ 6 كۇبلىت، 27 مىسىرالىق بىر شېئىرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەنمۇ ياكى بىر پارچىلا شېئىر يازغانمۇ؟ بۇ ھازىرچە بىزگە نامەلۇم. بىراق ئۇنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ تارىخي قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى دىنىي ئېتىقاد، ئەدەبىيات، ئاياللارنىڭ دۇنيا قارىشى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقات ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


5. شياۋ گۇەنيىن
شائىرە، سازەندە، ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەۋلادى. دادىسى شياۋخۇي قىتان خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. شياۋ گۇەنيىن قىتان خانى ياللۇغ خۇڭجىغا خانىش بولغان. ئەينى ۋاقىتتا قىتانلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان بولغاچقا، شياۋ گۇەنيىنمۇ خەنزۇچە ئىسىم قوللانغان ھەم شېئىرلىرىنىمۇ خەنزۇچە يازغان. ئۇنىڭ «يۈخۇالىندا پەرمان بىلەن يېزىلغان شېئىرلار»، «كۆڭۈل ئوردىسىغا قايتىش»، «نامدىن جۇدا بولۇش»، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش» قاتارلىق شېئىرلىرى بار.


6. شياۋسېسې (؟-1121)
شياۋ سېسې شياۋگۈەنيىن بىلەن بىر جەمەتتىن بولۇپ، ئۇمۇ قىتان خانلىقىدا خانىش بولغان. قىتان خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرلىرىدە ياشىغان. «ھەجۋىيات»، «تارىخنى كۈيلەش» تىن ئىبارەت 2 پارچە شېئىرى بار.


7. ئاممانىساخان (1534-1567)
ئاتاقلىق مۇقامشۇناس، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2-خانى ئابدۇرېشىتخاننىڭ خانىشى. ئۇ مەھمۇت ئىسىملىك ئوتۇنچىنىڭ قىزى بولۇپ، دادىسى ئۇنى كىچىكىدىن ئەقىللىق ھەم بىلىملىك قىلىپ
تەربىيىلىگەنىدى. ئۇ شائىر، سازەندە ھەم خەتتات ئىدى. 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان. ئاماننىساخان مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «دىۋان نەفىسە»، «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق)، «شۇرۇھۇلقۇلۇپ» (قەلىبلەر شەرھى) قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. ئۇ يەنە «ئىشرەت ئەنگىز» (شاتلىق قوزغىغۇچى) ناملىق مۇقامنىمۇ ئىجاد قىلغان. ئۇ ئوردىدا 12 مۇقامنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىشىنى ئاماننىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.


8. زىبۇننىسا (1639-1709)
شائىرە، دېھلىدا تۇغۇلغان. ئۇ ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بابۇر مىرزىنىڭ چەۋرىسى ئەبۇزەپەر مۇھىددىن ئەۋرەڭزىب ئالەمگىرىنىڭ قىزى. ئۇ ئوردىدا مەشھۇر ئالىملاردىن ئەتراپلىق تەلىم ئېلىپ، شائىرە ھەم سازەندە بولۇپ يېتىشتى. ئۇ ئۆمۈر بويى توي قىلماي ئۆتكەن. ئۇ گەرچە ئوردا مەلىكىسى بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ قايغۇسىنى ۋە شادلىقىنى كۈيلەيدىغان، ئەركىن مۇھەببەتنى، ئاياللار ئازادلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى «زىبۇننىسا» (گۈزەل، چىرايلىق) تەخەللۇسىدا، ئۆز دەۋرىنىڭ ئادىتى بويىچە ئەرەپ، پارس تىللىرىدا يازغان. پارس تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى 1940-يىلى تاجىكىستاندا «مەجمۇئەيى شېئىرھا» دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە تۈرك تىلىدا يېزىلغان بىر قانچە پارچە شېئىرىمۇ بار.


9. چىن مودەن (1740-1760)
قۇمۇلنىڭ باغداش يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسى ۋاڭنىڭ چارۋىچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى شەرۋانەم، ئوردىدىكىلەر ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى مودەنگۈلگە ئوخشىتىپ «چىن مودەن» دەپ ئاتاشقان. قومۇل ۋاڭى يۈسۈپ ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئوردىغا ئالدۇرماقچى بولغان. ئوردىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ سۆيگەن يىگىتى بىلەن قېچىپ كەتكەن، ئوردا لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئېلىشىش جەريانىدا قىرىپ تاشلىغان. شۇنداق قىلىپ، چىن مودەن ئەركىن مۇھەببەت، ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىپ قۇربان بولغان.


10. مايسىخان
خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى. 1765-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلمىغا قارشى ئۇچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى (جىگدە يېغىلىقى) پارتىلىدى. قوزغىلاڭغا رەخمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن باشچىلىق قىلدى. مايسىخان شۇ ئىككەيلەننىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ، قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشتى. قوزغىلاڭ 8-ئايدا پاجىئەلىك مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، چىڭ قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلارنى دەھشەتلىك تۈردە قىرغان ۋە ئىلىغا سۈرگۈن قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن مايسىخان چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن قىلچە قورقۇپ قالماي، 100 دىن ئارتۇق ئەر-ئايالنى تەشكىللەپ، تاغ-تۇرا، ئورمان، جاڭگاللاردا يوشۇرۇنۇپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى 3 ئاي داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا مايسىخان باشلىق 7 ئايال قوزغىلاڭچى قورشاۋدا قېلىپ، دۈشمەنگە باش ئەگمەي، تاغدىن سەكرەپ قۇربان بولغان. قوزغىلاڭنىڭ داۋامى بولغان بۇ جەڭ «مايسىخان جېڭى» دەپ ئاتالغان. ئۇچتۇرپان خەلقى مايسىخان باشلىق 7 قەھرىمان قىزغا ئۇلار قۇربان بولغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىسى باغرىدا ھەيۋەتلىك قەبرە ياساپ، ئۇنى «يەتتە قىزلىرىم» دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمان قىزلىرىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە.


11. نۇزۇگۇم (1808-1827)
نۇزۇگۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ھەم ماھىر قوشاقچىسى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. موللا بىلال نازىمىنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا، ئۇ ئوقىغان، بىلىملىك قىز بولۇپ، بۇغداي ئۆڭلۈك قاراكۆز، قاراقاشلىق، نازۇك بەدەن بولغاچقا، قەشقەر خەلقى ئۇنى نۇزۇگۇم دەپ ئاتىغان.
نۇزۇگۇم 1826-يىلىدىكى مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئىلىدا موڭغۇل ئەمەلدارى ئۇنى مەجبۇرلاپ خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا، نۇزۇگۇم توي كېچىسى ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ، قېچىپ كەتكەن. قۇمۇشلۇقتا 6 ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. 3 ئاي زىنداندا ياتقاندىن كېيىن، قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
نۇزۇگۇم ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، قايغۇسى، مۇھەببەت-نەپرىتى ۋە ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىنى ئىپادىلەپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان. خەلق ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى تا بۈگۈنگىچە ئوقۇپ كەلمەكتە.


12. مايمىخان (1812-1830)
غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دادامتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەقىللىق، ناخشا خۇمار قوشاقچى قىز ئىدى. ئۇ، زالىملارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى، ئەكسىيەتچىل ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان ھەم خەلق يىغىلغان سورۇنلاردا ناخشا قىلىپ ئېيىتقان. خەلق مايمىخاننىڭ قوشاقلىرىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ يۈرگەن. زالىم يۈز بېشى ھامۇتبەگ بۇنى ئاڭلاپ، شەنگەنگە يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن مايمىخان يامۇلغا سولىنىپ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ۋەھشىلەرچە قىيناپ سوراق قىلىنغان. ئەمما، مايمىخان پىسەنتمۇ قىلماي مۇستەبىت ھۆكۈمەت، زالىم ئەمەلدارلارغا قارشى قوشاقلارنى توختاتمىغان. ئۇ يامۇلغا سولىنىپ، بىر يىلدىن كېيىن 1830-يىلى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.


13. مېھرىبانۇ
Ⅸ Ⅹ ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدىكى قومۇل ۋاڭى، ئۇ ئەسلى ئىلىلىق بولۇپ، قومۇل ۋاڭى بىشىرغا ياتلىق بولۇپ كەلگەن. 1869-يىلى بىشىرۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن خوتۇنى مېھىربانۇ قومۇلغا ۋاڭ بولغان.
ئۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتاتتى. بەييەنخۇ يېغىلىقى يۈز بېرىپ، بىشىرۋاڭ ئۆلتۈرۈپ، مېھىرىبانۇ بەييەنخۇ تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كورلىدا بىر مەزگىل تۇرغان. بەييەنخۇ يېغىلىقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مېھىرىبانۇ قومۇلغا قايتىپ كېلىپ، ئېرىنىڭ ئورنىغا ۋاڭ بولۇپ، يېغىلىقتا خاراب بولغان قومۇل شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا كىرىشكەن. خەلققە پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى خېلى ياخشىلىغان. ئۇ يەنە ئىلىم-مەرىپەت ئىشىلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەپ، مەدرىس، كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى، مۇئەسسە ھەم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. 1882-يىلى ئۇ ۋاڭلىق ئورنىنى كۈيئوغلى شاھ مەخسۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.


14. راھىلە
شىنجاڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى. ئۇ 1860-يىلى ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى مۇھەممەت سۇلتان خەلپىتىم ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك كىشى بولغاچقا، قىزىنى ياخشى تەربىيىلىگەن.
راھىلە دىنىي ھەم پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىللىگەن. مەرىپەتپەرۋەر ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلار 1885-يىلى ئاتۇش ئېكساقتا قۇرغان يېڭى مەكتەپ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» نىڭ قىزلار سىنىپىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. فىئودالىزىم دەۋرىدە قىز-ئاياللارنىڭ پەن-بىلىملەرنى ئىگىلىشى ھەم ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، راھىلە مائارىپ سېپىدە 32 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بىردىنبىر ئايال سەركەردىسىگە ئايلاندى ھەم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.


15. ئايخان ئانا
ئۇ، مەرىپەتپەرۋەر ئانا، يېڭى زامان تارىخىمىزدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، 1888-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدا پەننىي ۋە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1933-1934-يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتىنى سەرپ قىلىپ، غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يېتىم بالىلار ئۈچۈم مەخسۇس مەكتەپ سالدۇردى. بۇ مەكتەپ «غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى» دەپ ئاتالدى. لېكىن جامائەتچىلىك بۇ مەكتەپكە كېيىن «ئايخان ئانا مەكتىپى» دەپ نام بەردى. ئوقۇغۇچى سانى بارا-بارا 300 گە يەتتى. بالىلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتىنى ئايخان ئانا ئۈستىگە ئالدى. ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزدى، بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە 50 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باتۇرلۇق، ئەرك سۆيەرلىك ۋە قەھرىمانلىقىنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ قىز-ئاياللارنىڭ مەيلى ئەسەرلىرىدە بولسۇن ياكى ئىش پائالىيەتلىرىدە بولسۇن، ئومۇمەن، مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ۋە زالىم ئەمەلدارلارنىڭ زۇلۇمىدىن شىكايەت قىلىش، ئەركىن مۇھەببەتكە، ئىنسانىي ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ۋە زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش روھى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆز دەۋرلىرىدىكى ئىلغارلىققا، ئەركىن ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
مەنبە: كۆكلەن سالونى



بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى