ئاياللارنى قېرىتىدىغان بەش سىگنال
-
ئاياللارنى قېرىتىدىغان بەش سىگنال
ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 3124 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۈچەينىڭ راۋان بولماسلىقى. ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشى ئەڭ ئاۋۋال ئۈچەيدىن باشلىنىدىكەن. ئۈچەي قېرىشنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى قەۋزىيەتتىن ئىبارەت ئىكەن. كۆپ مىقداردىكى چوڭ تەرەت ئۈچەيگە يىغىلىۋېلىپ، توكسىننى پەيدا قىلىدىكەن. ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەر ۋاقتىدا چىقىرىلمىغاچقا، تېرىدە داغ، دانىخورەك پەيدا بولۇش، ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرساق قىسمىدا ناھايىتى كۆپ بولغان كېرەكسىز ماي توپلىنىپ، قورساق يوغىنايدىكەن.
ئومۇرتقىنىڭ دوك بولۇپ قېلىشى. ئومۇرتقىنىڭ ئېگىلىپ قېلىشى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولىدىكەن. ئاياللار ئارىسىدا ئومۇرتقىسى ئېگىلىپ قالغانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنداق ئاياللارنىڭ تېنى ئاجىز بولۇپ، ئازراق بىر نەرسە كۆتۈرسىلا خېلى ئۇزاق يېتىپ، ئارام ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى يەنە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
چىشنىڭ ئۇزىرىشى. چىش بۇرۇنقىدىن ئۇزارغان بولسا، بۇ چىشنىڭ ئۆسكەنلىكى ئەمەس، بەلكى چىش مىلكىنىڭ يىگىلىشىدىن ئىبارەت ، ھەتتا بىر قىسىم چىش يىلتىزلىرى سىرتقا كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. ئۇدۇل چىشنىڭ تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى 10-12 مىللېمىتىر بولۇش كېرەك ئىكەن، چىش مىلكنىڭ يىگىلىشى بىلەن چىش يىلتىزى كۆرۈنۈپ ، چىشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15-17 مىللېمىتىرغىچە بولىدىكەن. بەدەندىكى فۇنكىسىيەلەرنىڭ بارغانسېرى قېرىشى بىلەن تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىمۇ يوقايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن چىش مىلكىمۇ بوشاپ كېتىدىكەن.
بۇرۇننىڭ ئولتۇرۇشۇپ قېلىشى. بۇرۇن گۈزەللىكىمۇ چەكلىك بولىدىكەن. بۇرۇننىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋاقتى 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان مەزگىل ئىكەن. 40 ياشتىن كېيىن، بۇرۇن تۆشۈكلىرى تۆۋەنگە قاراپ ، بۇرۇننىڭ شەكلى ئۆزگىرىدىكەن، قاڭشارمۇ تۆۋەنلەيدىكەن، چۈنكى بۇرۇنمۇ باشقا يۇمشاق توقۇلمىلاردەك يىگىلەيدىكەن.
چاچنىڭ بارغانسېرى شالاڭلىشىشى. نورمال ئەھۋالدا، كىشىلەرنىڭ كۈندە چېچى چۈشىدىكەن. ئەگەر چاچ شالاڭلىسا ياكى چاچ چۈشكەن دائىرە بارغانسېرى چوڭايسا، ئادەم قېرىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدىكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار: جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
2016-01-25 16:24:495521خانىم-قىزلار ئۈچۈن 13 خىل مودا شارپا ئوراش ئۇسۇل
2015-12-13 18:21:048972تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق كېسەللىكىن
2015-11-12 15:00:325364ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئادەتلەر
2015-08-18 12:30:466665ئەقىللىق ئايالنىڭ 6چوڭ ئالاھىدىلىكى
2015-12-26 17:24:018841قىزلارغا 100 نەسىھەت: بەشىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:59:451386ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە د
2015-08-19 12:00:574876سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى ھەرگىز ئالدىماڭ!
2015-12-18 19:48:452624
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-