ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

شەيتان ئازدۇرغان ئايال‹توي قىلغان ئاياللارغا

شەيتان ئازدۇرغان ئايال‹توي قىلغان ئاياللارغا

ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 2832 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

راستىمنى ئېيتسام ، ئېرىم بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئىشنى يۇشۇرماي ، ئىككى بالام ۋە كىچىككىنە ئائىلەم ئۈچۈن ئاياللىق ، ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن . ئېرىمنىڭ ئازغىنە مۇئاشى بىلەن ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ۋە باللىرىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشتىن باشقا قۇلىمىزدا قالدىغىنى چاغلىقلا بىر نەرسە . 
بىر ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى دەپ ئاتالغىنىم بىلەن بازار- ئۇچارلارغا ، توي- تۈكۈنلەرگە كىيىپ بارغۇدەك كىيمىمنىڭمۇ تاينى يوق . 
بىچارە بۇلۇپ سولتىيىپ تۇرغان قۇلاق ، بۇيۇن ، قول بارماقلىرىمدا باشقا قېز -ئاياللارنىكىدەك نەپىس زىننەت بۇيۇملىرىممۇ يوق . ئەمما تۇرمۇشۇم ئىنتايىن خاتىرجەم شۇغىنىسى ، ئۆز ۋاقتىدا مېنى قوغلۇشۇپ يۈرۈپ دېگۈدەك ئارلىشىپ ئۈتىدىغان دوسلىرىمنىڭ پالانچى خوجايىن ، پوستانچى ھاجىملار بىلەن توي قىلىپ ، بۇيۇن قۇلاقلىرىغا قوش - قوشلاپ زىببۇ زىننەتلەرنى ئېسىپ داڭلىق ماركىلىق كىيىم - كېچەكلەر ئىچىدە ئاياللىق سۆلىتىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ، ئۆزىچە ياراشمىغان ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا بىر ئەپلىك پالانچى خېنىم ، پۇستانچى خانىم دېگەندەك ھۆرمەت ئاتالغۇلىرىنى قېتىۋىلىپ مېنى ئەپسۇسلاندۇراتتى . بەزىدە مەندىمۇ پۇلدارراق بىرىگەتەككەن بولسام ، ئاشۇلاردەك راھەت ئىچىدە ياشاپ باققان بولسام ، دېگەندەك ئويلار پەيدا بۇلۇپ قالاتتى . لېكىن نېمە ئامال ؟ سايدا ئىچىلىپ قالغان يىگانە گۈلدەك تۇرمۇش غېمى ، يوقسۇزلۇق دەردىدە ئۈن - تىنسىز يۈرۈيمەن . تۇلۇق ئوتتۇرىنى تۈگۈتۈپلا ئاتا - ئانامنىڭ رازىلىقى بىلەن توي قىلدىم . شۇندىن ئېتىبارەن ھېچقاندەك ھالاۋەت كۆرمەي بالا تۇغۇش ، بېقىش ، ئېرىمنىڭ ئاش - تامىغىنى ئېتىپ ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇشتەك ئايىغى چېقماس ئائىلە ئىشلىرىغا بەنت بولدۇم . توۋا ، مېنىڭ باشقا ئاياللاردىن نەرىم كەم ؟ چىراي دېسە چىرايىم بار ، بوي - بەستىم يىتىپ ئاشقۇچە تۇرۇپتۇ . ئائىلەمگە سادىقلىغىمچۇ تېخى . شۇلارنى ئويلىساملا خۇرسىناتتىم . قېرىشقاندەك دوسلۇرۇم راھەت ئىچىدە يۈرگەننى ئاز دەپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرىشنىڭ ئورنىغا ؛ 
_ يائاللا ئاداش ، قاچانلا قارىسام ئېرىم ، بالام دەپلا يۈرەمسەن ، - دەپ زاڭلىق قىلاتتى .
_ نېمىشقىمۇ مېنى چۈشەنمەيدىغانسىلە ،_دېدىم بىر كۈنى ھېلىقى دوسلۇرۇمنىڭ بىرىگە ئۆكۈنۈش بىلەن .
_ نېمىنى چۈشەنمەپتىمىز ؟ _ دېدى ئۇ ماڭا ئىستىھزا بىلەن قاراپ .
_ ئائىلە شارائىتىمنىچۇ ؟ 
_ ۋىيەي ، بۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى ؟ ئائىلىدىكى قىيىنچىلىق دېگەن كېمدە يوق؟ ئەمما بىز سېنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك قىلدىم دەپ بەكلا ئاشۇرۋەتكىنىڭگە ، ھەتتا ئۆزۈڭنىمۇ تاشلىۋىتىپ مەتولىشىپ كەتكىنىڭگە ئىچىنىمىز شۇ . 
_ ئۇنداقتا قانداق قىلىمەن ؟ 
_ ھەي ئاداش ، ئازراق يالغان سۆزلەشنى ، پۇل يىغىپ ئۆزۈڭنى تۈزەشتۈرۈشنى ئۆگەن . ئەر كىشى دېگەنىچۇ قارا ئىچ قارنىڭنى تۈكۈپ بەرسەڭمۇ بەرىبىر سېنى چۈشەنمەيدۇ . ۋاختى كەلگەندە سېنىڭ ساداقىتىڭنى ئۇنتۇپ قايسى گۈل چىرايلىق بولسا شۇنىڭغا قۇنۇپ باققۇسى كېلىدۇ . 
_ بىراق ، ئېرىمنىڭ ئايدا تاپىدىغان بىرەر يېرىم مىڭ يۈەن پۇلنىڭ قايسىسىغا يالغان سۆزلەپ ، قايسىسىنى تىقىمەن ؟ قايسى بىر ئىشىپ كەتكەن ئىقتىسادىمغا ئۆزۈمنى تۈزەيمەن ؟ _ دوستۇم تۇمشىقىنى ئۇچلاپ سۆزلەپلا كەتتى ؛ 
_ ماڭا قارا ئاداش ، ھازىر بارغۇ ، قاپاقنى ئەمەس باراڭنى پۇلغا ئالىدىغان زامان بۇلۇپ كەتتى ، زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق دېگەن گەپ بار . بىزدەك دوسلىرىڭغا ئارلاش ، قاتار چاي ئوينا ، ئاچە مۇنچە خالى سورۇنلارغا بار . زامانغا لايىق مودا خىنىم بۇلۇپ ياشا . شۇندىلا كاللاڭ ئېچىلىدۇ . ئېرىڭگە زېرىكىپ قالىدىكەنمەن ، قىزلار بىلەن ئانچە - مۇنچە چاي ئويناي دېدىم ، دېسەڭ گەپ يېمەي قالارمۇ ؟ 
<< قازانغا يولۇقساڭ قارىسى >> دېگەندەك ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق يول كۆرسىتىشى ، تەنبىھلىرى مېنى قانداقتۇر خىياللارغا سېلىپ قۇياتتى . بارا - بارا قۇلۇم ئىشقا بارمايدىغان ، غورۇگۈل ئائىلەمدىن زېرىكىدىغان ، ئۆزۈمنى بەكمۇ شور پىشانە ، بىتەلەي ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . بىر كۈنى ھېلىقى دوسلۇرۇمنى دوراپ ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن گىرىم قىلدىم . ئۇلار ماڭا سوۋغا قىلغان كۆڭنەكلىرىمنى كىيىپ بەللىرىمنى تۇتۇپ ، ئېغىزلىرىمنى قورۇپ نازلىنىپ كۈلۈشنى مەشىق قىلىپ باقتىم . ئەمما ئەينەك ئىچىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان باشقىچە چىراي ، چاكىنا تەققى - تۇرۇق مېنى خېلىغىچە ئويغا سېلىپ قويدى . "ھەممىنى قېلغان ئېرىم دېگەن يارىماس . ئەگەر ئۇ مېنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇرۇپ خاتىرجەم قىلغان بولسا ، مەنمۇ بۇنداق ئۆز خارەكتېرىمگەماس كەلمەيدىغان ئۇيۇنلارنى ئوينىماس بولغىيدىم ؟ " بارغانچە ئېرىمگە بولغان ساداقىتىم سۇسلىشىپ ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغان دەرىجىگە يەتتىم . ئۇنىڭ مىڭ جاپادا تېپىپ كەلگەن پۇللىرىغىمۇ قاشلىرىمنى سۈزۈپ مەنسىتمەسلىك بىلەن قارايتتىم . دوسلىرىمنىڭ قوش - قوش زىبۇ-زىننەتلىرىنى، بارماقلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان تىزىق - تىزىق پۇللارنى خىيال قىلاتتىم . مەن راستىنلا سېپى ئۆزىدىن بىر مەتو خۇتۇن ئىكەنمەن . ھايات دېگەن ئاخىرلاشمايدىغان نەرسە ئەمەسقۇ ؟ چەكلىك ھاياتىمنى خوشال ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىنىمنىڭ نەرى يامان ؟ 
_ ئويلاپ باقسام دېگەنلىرىڭمۇ توغىرىكەن ،- دېدىم بىر كۈنى ھېلىقى دوستۇمغا ،_ لېكىن مەن ئۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ باقمىغان تۇرسام قانداق قىلارمەن ؟ 
_ ھېچقىسى يوق، _ دېدى ئۇ مېنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىپ ، _ ئاستا - ئاستا كۈنۈپ قالىسەن . ئەگەر پۇلى جىقىراق بىر خوجايىن بىلەن تۇنۇشىۋالساڭ قۇلۇڭ پۇل كۆرۈپ كۈنلىرىڭ باياشاتچىلىقتا ئۈتىدۇ . گەپ سېنىڭ ئاشۇ رولنى قانداق ئوينىشىڭدا ، - ئۇ بىر دەم توختۇۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، _ ئالدى بىلەن بىرەر قۇر ئۈسىتباش ئال ، ئاندىن بىرەر ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ ھۆسۈن تۈزەت ، سەن چوقۇم ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىسەن . 
ئۇ مېنىڭ لېۋىمنى چىشلەپ چىشلىگىنىمچە تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ؛ 
_ كېلەر شەنبە كۈنى بىر يىغىلىشىمىز بار بارالامسەن ؟ - دېدى .
_ بارسامغۇ بۇلاتتى ئۆيدىن قانداق چىقارمەن ؟ 
_ ۋاي - ۋۇي ، يەنە ئىتائەتمەنلىكىڭ يول قويمايۋاتىدۇ ھە ؟   _ قاش - قاپاقلىرىنى سوزۇپ رەنجىش ئاھاڭىدا سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ ، _ داۋاملىق ئېرىم نىمە دەركىن ، دەپلا تۇردىكەنسەن . نېمە دەيتى ، يامىنى كەلسە ئاجىرشىپ كېتەرسەن . << تۈشۈك مونچاق يەردە قالماپتۇ ، يەردە قالسىمۇ توپا باسماپتۇ >> دەپ ئوھۇش .... ئۇ قەلەندەر ئېرىڭدىن ياخشىراق ئەر چىقىدۇ ساڭا . 
ئۇ ماڭا خېلىلا كۆپ سۆزلىدى ۋە خوشلىشىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا چىكىپ دەسسەپ كېتىپ قالدى . << يامىنى كەلسە ئاجرىشارسەن >> دەمدا ؟ بۇ نىمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ھە   كۆز ئالدىمغا بىر - بىرىدىن ئۇماق ئىككى بالام كەلدى . ياق ... ياق ئۇلارنى يىتىم قىلىشقا ، بۇيۇن قىستۇرۇشقا كۆڭلۈم ھەرگىز ئۇنىمايدۇ . ئەمما دوستۇمنىڭ سۆزلىرىگە ئاچچىقلىنىشىمنىڭ ئاساسى يوق ئىدى . دېمىسىمۇ مىس - مىس ئېرىمنىڭ مەندەك چىرايلىق خۇتۇنىنى بۇيۇن قىستۇرۇپ كوچىغا چىقىرىپ قۇيۇۋاتقىنىمۇ ھەقىقەتقۇ . ۋاي - ۋۇي   ئۇ غوجاممۇ يوق - يوق دەپ قۇيۇپ ، سىرىتتا باشقا ياۋايى قۇشقاچلارنى دانلىتىپ يۈرەمدۇ تېخى . 
دېلىغۇللۇق ، ئىككىلىنىش ئىچىدە كۈتكەن شەنبە ئاخىرى يېتىپ كەلدى . ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغان ئېرىمگە ؛ << بۈگۈن كەچ بىر دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن، بېرىپ قارىشىپ بېرەي >> دەپ يالغان ئېيتىپ قويدۇم . 
شەھەرنىڭ داڭلىق رېستۇرانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئايرىمخانا ئەر - ئاياللارنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى بىلەن تولغانىدى . ئەرلەرنىڭ شەھۋەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى نەچچە مىڭ خىل خۇلۇق ، ناز - كەرەشمە قىلىپ ئولتۇرغان ئاياللارغا تىكىلگەنىدى . سول تەرەپتىكى بۇلۇڭغا قۇيۇلغان ئورۇندۇقتا دوستۇمغا چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇرمەن . ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىمنىڭ شۇنچە يېڭىلىقىغا قارىماي مېنى تەر بېسىپ كىتىۋاتاتتى . يائاللا ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يالغاندىن ھىجىيىپ ئولتۇرۇشتىمۇ قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك . ئۆزۈمنى شۇنچە ئەركىن تۇتۇپ ئولتۇراي دېسەممۇ خىجىللىقتىن ئوت ئىلىپ كىتىۋاتقان يۈزۈم ، توختىماي تىترەۋاتقان پۇت - قوللۇرىم ، چىگىشلىشىپ كېتىۋاتقان خىياللىرىم مېنى ئارامىغا قويمايتى . 
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن . بىرىنىڭ قۇلىقىم تۈۋىدە شىۋىرلىغىنى ئاڭلاندى . ئۆرۈلۈپ قارىسام ئاق يۈز ، بادام قاپاق ، بەستلىك بىر ئەر مېنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى . دوستۇمنى كۆز ئىشارىتى بىلەن ئككىنلەنمەيلا ئورنۇمدىن تۇردۇم . 
_ ئىسمىڭىزنى سورىسام بۇلامدىكىن ؟ _ دېدى ھېلىقى ئەر ياسالما سىپايىلىق بىلەن سىرلىق ھېجىيىپ .
_ رىسالەت .
_ رىسالەت ؟ پاھ ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىق ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ 
ئۇ بارغانچە ماڭا يېقىنلىشىپ بەللىرىمنى سىلاپ ، قوللىرىمنى سىقىشقا باشلىدى . بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ جىددىلىشىپ كەتتىم . ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كالۋالاشقان پۇتلىرىم بىلەن ھېلىقى ئەرنىڭ مايلاپ پارقىتىۋەتكەن ئاياقلىرىغا نەچچە قېتىم دەسسىۋلدىم . موزىكىنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئۈمرۈمدە ئېرىمدىن باشقا ئەر كىشى بىلەن بۇنداق يېقىن تۇرۇشۇم مۇشۇ ئىدى . تەلىيىمگە موزىكا ئاخىرلىشىپ جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم . كۆزۈمگە شىرە ئۈستىدىكى تۈرلۈك قورۇما ، ئىچىملىكلەر ئالا - بۇلىماچ بۇلۇپ كۆرۈنەتتى . شۇ پەيتتە كىمدۇ بىرى قۇلۇمغا ئىچىملىك قۇيۇلغان رومكىنى تۇتقۇزدى .دوسلىرىمنىڭ ، ھېلىقى ئەپەندىلەرنىڭ ؛ << قېنى خوشە ، گۈپلا قىلىپ كۈتۈرۋېتىڭ >> دېگەن زورلاشلىرى بىلەن ئىلاجىسىز كەينى - كەينىدىن سۇنۇلغان بىر نەچچە رومكىنى قۇرۇقداپ قويدۇم . كانىيىمنى ئىچىشتۇرغىنچە كىرگەن سۈزۈك ئىچىملىك ئۆز كارامىتىنى كۆرسۈتۈشكە باشلىدى . ئىچىم قىزىپ كاللامدىكى گادىرماچ خىياللار نەلەرگىدۇر يوقالدى . بارغانچە تارتىنىش ، تەمتىرەشلەرنى ئۇنتۇدۇم . ئەتراپىمدىكى كىشىلەر خۇددى كونا تۇنۇشلىرىمدەك ئۇلارغا قاراپ كۈلەتتىم . سۇئاللىرىغا قىزغىنلىك بىلەن جاۋاپ بېرەتتىم . بىر چاغدا بىشىم قايغاندەك بولدى - دە ، ئۈستەل ئۈستىگە چاپلىشىپ قالدىم . ئۆزۈمنى چوڭقۇر ھاڭ ئىچىگە چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم . 
_ خۇداغا شۈكرى ، ھەممىسى كېتىشتى ،_ خۇددى يېنىمدا بومبا پارتلىغاندەك ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن سەل ئىسىمگە كەلگەندەك بولدۇم _ دە ئېغىرلاشقان بىشىمنى ئاستا كۈتۈردۇم . ھېلىقى بادام قاپاق ئەر يېنىمغا كېلپلا ئولتۇردى. ئۇ خۇددى مېنى ھازىرلا يەۋىتىدىغاندەك كۆزۈمنى ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . 
_ ئېيتقىنە جىنىم ، نەگە بارساق بۇلار ؟ 
شۇ چاغدىلا بۇ ئايرىمخانىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم قالمىغانلىقىنى دېققەت قىلدىم .
_ ئۇلار قېنى ؟ 
_ ئۇلار جۈپ - جۈپ بۇلۇپ كېتىشتى جېنىم . شۇ تاپتا ئۇلار .....
_ ئۇنداقتا بىزمۇ قايتايلى .
_ نەگە ياتاققىما ؟ 
_ ياق ، ياق ، ئەلۋەتتە ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتىمىز _ دە.
_ نىمىلەرنى دەيدىغانسىز جېنىم ، _ دېدى ھېلىقى ئەر ماڭا مىقتەك قادىلىپ ، _ ئاران قولغا كەلگەن ئالتۇندەك پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋىتىمىزما ؟ ئازادە يورۇق مېھمانخانىدا بىر كېچە پەيزى قىلىپ كەلمەيمىزمۇ ؟ 
- نىمە ؟ مەن دېگەن ئېرى بار ، بالىلىرى بار ئايالمەن ، قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ ، ھېلىمۇ ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپتۇ .
گېپىم تۈگۈمەيلا ئۇنىڭ كۆزلىرى دەھشەت بىلەن چەكچەيدى ، ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتىم . ئۇنىڭ بايىقى مۇلايىملىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى ؛ 
_ خېنىم   _ دېدى ئۇ ماڭا مەنىستمەسلىك بىلەن باشتىن _ ئاخىرى سەپ سېلىپ ،_ ئېرى ، بالىلىرى بار ئايالغا نىمە بار بۇ يەردە؟ بىكارغا يەپ ئىچىپ قاچىدىغان گەپ يوققۇ جاھاندا ؟ 
_ كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، مېنى توغرا چۈشۈنىڭ ،_ دېدىم دۇدۇقلاپ .
_ مېنى چۈشۈنىڭ ؟ نېمىنى چۈشۈنىمەن ؟ ، _ دېدى ئۇ ھورپىيىپ ،_ ساڭا دەپ قۇياي ، سىنىڭدەك كوچا خوتۇنلىرىنى كۆپ كۆرگەنمەن ، ئۆزۈڭچە يالغاندىن ھايالىق بۇلۇۋېلىپ مېنى ئالدىماقچىمىدىڭ ؟ قورىنىۋاتامسەن ؟ خاتىرجەم بول مەن ساڭا دېگىنىڭدەك پۇل بېرەلەيمەن . پۇلنى دەپ كەلگەن بولغىيتىڭ تايىنلىق ، _ ئۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق گەپلىرىدىن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ يۈرۈگۈم ئىچىشىپ كەتتى . تۇرۇپلا ئەسلىمگە يېنىپ ئاچچىق بىر سېزىم ھېس قىلدىم . شۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتىم ،. ئازراقلا كىچىككەن بولسام مەڭگۈلۈك ۋېجدان ئازابىغە دۇچار بۇلاتتىم . دوستلۇرۇمنىڭ قېلىقلىرى ئەمدى ماڭا يىرگىنىشلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى . بىھۇدە ئاۋارە بۇلۇپ يۈرگىنىمنى ھېس قىلىپ ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتىم . ھېلىمۇ ياخشى پۈتۈن كېچىدە بۇ شۆھرەت پەرەس ئەرلەر بىلەن ئاپپاق - چاپاق بۇلۇشۇپ ئولتۇرغىنىمنى بىرەر تۇنۇش بىلىشلەر كۆرۈپ قالمىدى . كۆرگەن بولسا نىمە دەپ ئويلاپ قالار ئىدى - ھە ؟ شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم . ئەتتىگەن ئېھتىيات ئۈچۈن يانچۇقۇمغا سېلىۋالغان ئەللىك يۈەن پۇلنى شارتتىدە چىقىرىپ ھېلىقى ئەرنىڭ يۈزىگە قارىتىپ ئاتتىم ۋە ئۇ نېمە ئىش ئىكەنلىگىنى ئاڭقىراپ بولغىچە يۈگۈرگىنىمچە سىرتقا چىقىپ كەتتىم . شۇ ئىشتىن بىر نەچچە كۈنگىچە خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بۇلۇپ يۈردۈم . ۋېجدانىمغا خىلاپ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ بىر چۈش بۇلۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئىچىمگە كىرۋالغان بۇ ۋەسۋەسە مېنى نەقەدەر ئەخمىق قىلغان ھە ؟ 
ئۆيدە كىر يۇيۇپ ئولتۇراتتىم ئىشىك تۇيۇقسىز ئىچىلىپ ئېرىم قايتىپ كەلدى ، ئۇ ئادەتتە ئىشتىن بۇنداق بالدۇر قايتمايتى .
_ رىسالەت ، بۇ ياققا كىرە ، _ دېدى ئۇ ، نىمىشقىدۇر بەدىنىمگە تىترەك ئولۇشۇپ كەتتى . نىمە ؟ ئۇ مېنىڭ بىرەر ئىشىمنى بىلىپ قالمىغاندۇ _ ھە ؟ قوللىرىمنى ئېرتقىنىمچە ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا قارىدىم . 
_ زاۋۇتتىن ئىشچىلارغا ئىشتىن قېلىش سوممىسى تارقىتىپتىكەن ، قېنى ئالغىن ، _ ئۇ گىزىتكە ئورالغان بىر بولاقنى ماڭا سۇنغاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ، _ سېنىڭ بىر ئۆي ئېلىش ئارزۇيۇڭ بار ئىدىغۇ ؟ ئاخىرى مىرادىڭغا يېتىدىغان بولدۇڭ . بۇنىڭ يېرىمىنى ئالدىن تۆلەپ قالغىنىغا قەرز ئالساق بۇلىدۇ . ئاندىن ئۆزۈڭگە كېيىم- كېچەك زىبۇزىننەت ئىلىۋالارسەن . ھېلىمۇ ساڭا مۇشۇ كەمگىچە تۈزۈكرەك بىر نەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم . 
_ يائاللا ، ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئىشىپتۇ ، _ دە ؟ دېدىم مەن ھاياجان ھەم ھودۇقۇش ئىچىدە . ئېرىم ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرغان شۇ پەيتتە ئۆزۈمنى يىغلىۋىتىشتىن ئاران - ئاران تۇتىۋالدىم . ئۈكۈنۈشتىن ئېزىلىپ كىتىۋاتقان يۈرۈگىمدىن : << مېنى كەچۈرۈڭ >> دېگەن نىدا كېلەتتى. خېلىدىن بېرى ئارزۇ قىۋاتقان بۇ ئىشتىن خوش بۇلۇپ ، ھاياجانلىنىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى . لېكىن قانداقتۇ بىر ئازاپ مېنى بىئارام قىلاتتى . ئېرىمدىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرگىنىمگە ، بىھۇدە باسقان ئەرزىمەس قەدەملىرىمگە قاتتىق ئۈكۈندۈم . مەن راستىنلا شەيتان ئازدۇرغان ئايال .
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى