بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەرلەر مەڭگۈ ئەسلەيدىغان ئاياللار مۇنداق بولىدۇ
-
ئەرلەر مەڭگۈ ئەسلەيدىغان ئاياللار مۇنداق بولىدۇ
ۋاقتى: 2016-03-04 ئاۋاتلىقى: 5416 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەرلەر مەڭگۈ ئەسلەيدىغان ئاياللار مۇنداق بولىدۇ
1. مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان، تۈز كۆڭۈل خۇشال يۈرىدىغان ئايال
ئۇنىڭ تەبئىي، ساددا خاراكتېرى ئەتراپىدىكى ھەربىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، تارتىنمايدىغان، خىيالىغا كەلگەننى قىلىدىغان، بىغەم بىر قىز. ئۇ مەنىسىز ۋە ساختا قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان ئىشلارغا ناھايىتى ئۆچ، ئۇنىڭ مەستانە، جاھىل مىجەزىنى ئۆزگەرتمىكى ناھايىتى تەس.
2. ئۇ ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر مەنزىرە
ئۇ ھەشەمەتلىك، شاد-خۇراملىققا تولغان تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ چولپانلارغا ئوخشاش سېھىرى كۈچى ھەرۋاقىت ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بەزى ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ تۇرمۇشتىن باشقا نەرسىلەر بىلەن كارى بولمايدۇ.
3. تىپىك ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە كىرىدىغان ئاياللار
ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئاددىي، تەبىئىي، ئىچكى دۇنياسى شۇنداق رومانتىك، خەق بىلەن ھېچنېمە تالاشمايدىغان، خاسلىقنى تەكىتلەيدىغان لېكىن جار سالمايدىغان ئايال. پەقەت ئۇنىڭ قەلبىدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالغان ئادەملا ئۇنى چۈشىنەلەيدۇ ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھۇزۇرلىنالايدۇ، ئۇنىڭ سالاپىتى ۋە تەربىيە كۆرگەنلىكى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
4. ئارزۇيىڭىزدىكى ۋاپادار خوتۇن، كۆيۈمچان ئانا
ئۇ مۇلايىم، باشقىلارنى چۈشىنىشكە ماھىر، خاتىرجەم، سالماق، نازۇك، تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرغىمۇ دىققەت قىلىدۇ، بالىلار ياخشى كۆرىدۇ، ئائىلە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى، تەربىيە كۆرگەنلىكى ۋە ئىقتىسادى شارائىتىنىڭ ياخشىلىقى ئۇنى باشقا ئەرلەرگە ۋە كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئاياللارغا ھەۋەس قىلمايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرگەن.
5. ئۇ خۇددى كۆندۈرۈش تەس بولغان ياۋا ئات
ئۇ سىزنى قىزغىن ۋە خۇشاللىققا تولغان تۇرمۇش بىلەن باغلايدۇ، ئۇنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى، كەسكىنلىكى كىچىككىنە ئارىسالدى بولۇشنى سىغدۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى كۆكسى ئىنتايىن كەڭ، شۇڭا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا پەرۋا قىلىپمۇ كەتمەيدۇ.
6. ئۇ بىر خىل ئىدراكلىق ئايال
ئۇنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم، بىرنى بىر دەيدۇ ھەرگىز ئىككى دېمەيدۇ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئامراق، ئەقىل بىلەن كاللا ئىشلىتىشكە ئۇستا، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرمەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمغانلىقىتىن خاتا ئىش قىلمايدۇ. ئۇ مۇستەقىل كەسىپتە مۇۋۋەپىپەقىيەت قازانغان، ئەرلەرگە ئوخشاش ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىشنى بىلىدۇ.
7. ئۇ ئاسانلا قانائەت قىلىدىغان ئاياللار تىپىغا كىرىدۇ:
ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئەركىن-ئازادە،خۇشال ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بېسىم ۋە بوران چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
مەنبە: نادىيە سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يېڭى توي قىلغاندەك تۇيغۇغا قايتا ئېرىشىش نېمەدېگ
2016-01-07 16:34:409775ئاياللار ئۇچۇق كىيىنسە ئەرلەرنى بۇنداق ئاقىۋەتكە
2015-11-01 00:51:5111266تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىكى ئاساسل
2015-10-23 12:29:443673خوتۇننى نېمە قىلغىلى ئالىدۇ؟
2016-01-09 17:01:024838قىزلار جىنسىي خام خىيالغا بېرىلىپ كەتكەندە
2016-01-25 18:27:245127بالىياتقۇدىكى قالدۇق ئەخلەتلەرنى تازىلاشتىكى ياخ
2015-10-04 23:05:254410بىر بەختلىك ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببەت كېلىشىمى
2016-01-18 16:59:421508ئاياللار بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتمەڭ ، باشقىلار بو
2016-01-12 17:14:323614
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-