بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار ئۇچۇق كىيىنسە ئەرلەرنى بۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ
-
ئاياللار ئۇچۇق كىيىنسە ئەرلەرنى بۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ
ۋاقتى: 2016-10-02 ئاۋاتلىقى: 12287 قېتىمشىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:يانفوندا كۆرۈش
ئاياللار ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ، گۈزەللىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ خىل كىيىنىشى ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
1. ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ئەرلەر يېرىم يالىڭاچ كىيىنىۋالغان ئاياللارنى كۆرگەندە يۈرەك سوقۇشى پەۋقۇلاددە تېزلىشىپ كېتىدۇ، ناۋادا بۇخىل ئەھۋال داۋاملاشسا، يۈرەك تېز سوقۇش ھالىتىدە تۇرۇۋەرگەچكە، ئاجىزلىشىپ قالىدۇ، بۇ ئاخىرىدا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
2. يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەرلەر ئوچۇق كىيىم كىيىۋالغان ئايالنى كۆرگەندە يۈرەك سوقۇشى تېزلەشكەندىن باشقا، يەنە قان ئايلىنىشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ -دە، يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ، يۈرەك مۇسكۇلى زەخىملىنىدۇ.
3. ئىچكى ئاجراتما كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەرلەر ئوچۇق كىيىم كىيىۋالغان ئايالنى كۆرگەندە مەلۇم ھورمۇن كۆپلەپ ئاجرىلىپ كېتىدۇ، ناۋادا بۇ ھورمۇن زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقسا، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ بېسىمى ئارتىپ، ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، كېسەل پەيدا بولىدۇ.
يەنى ئەرلەر يېرىم يالىڭاچ ئايالنى كۆرگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى ئېشىپ، يېگىنى تېزلا ھەزىم بولۇپ كېتىدۇ. ئىنسانلار تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن يەرلەرنى ئېچىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، كۆپلىگەن مال چارۋا بېقىش ئۈچۈن، يايلاقلارنى ۋەيران قىلىدۇ، ياۋايى ھايۋاناتلارنى خالىغانچە ئوۋلاپ، نەسلىنى قۇرۇتىدۇ.
5. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەدەن شەكلى ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ، يەنىلا ئوچۇق كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارنى كۆرگەن ئەرلەرنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرۇپ بىئارام بولىدۇ. بۇنداق ئاياللارنى كۆپ كۆرگەنسېرى تولا ياندۇرۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىن چاتاق چىقىدۇ.
6. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ.
ئەرلەر يېرىم يالىڭاچ ئايالنى كۆرگەندە، كۆزىنى چىمچىقلىتىش قېتىم سانى بىردىنلا كۆپىيىپ كېتىدۇ. كۆزنى كۆپ چىمچىقلاتقاندا، كۆز پەردىسىنى تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسى يېتىشمەي، تۈرلۈك كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
7. نېرۋا سىستېمىسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.
ئىرادىسى ئاجىز ئەرلەر يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرگەندىن كېيىن خام خىيالنى تولا سۈرگەچكە، نېرۋا سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ، بىنورمال ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
8. يەرشارى كېلىماتىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
ئەرلەر يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرگەندە نەپىسى تېزلەپ، بەدەن ھارارىتى ئۆرلەپ كەتكەچكە، ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئېشىپ كېتىپ، ھاۋانىڭ ئىسسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. سۇ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەرلەر بۇنداق كىيىنگەن ئاياللارنى كۆرگەندە بەدىنى زىيادە قىزىپ كەتكەچكە، كۆپ تەرلەيدۇ، بەدىنى كۆپ تەرلىگەچكە، تولا ئۇسسايدۇ، ئۇسسىغانسېرى سۇنى كۆپ ئىچىدۇ، كۆپ يۇيۇنىدۇ. نەتىجىدە، سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
شارپا ئورايدىغان خانىم-قىزلار دىققەت چوڭ چاتاق چ
2015-12-15 18:03:264610بالىياتقۇ بوينى راكى قانچە خىل بولىدۇ؟
2015-12-09 20:44:152862ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنى ئۆلچەپ بىقىڭ
2015-12-15 18:32:303102ئاياللار جىنسى ھېسياتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى
2016-01-01 17:56:004888مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2015-08-06 01:39:071312بالىياتقۇ سۇۋۇپ كەتكەندە...
2015-08-17 10:28:088750بالىياتقۇ زىدىسى
2015-10-22 18:21:433081ئەرلەرنى سىرتقا قاراتماسلىق ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشل
2015-12-19 16:39:016895
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-