ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنى ئۆلچەپ بىقىڭ
-
ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنى ئۆلچەپ بىقىڭ
ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 2948 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنى ئۆلچەپ بىقىڭ
بىر ئايالنىڭ ئېرى كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپتۇ ، شۇڭا ئۇ ناھايىتى مەغرۇرلىنىپ كېتىپتۇ . بىر كۈنى ئايال ئېرىنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقىنى ، يەنە كېلىپ پەقەت بىرلا ئەمەسلىكىنى بايقاپ قاپتۇ . ئېرى ئايالىغا :« مەن بۇ ئائىلىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن ، يەنە بىر ئۆمۈر سىزنىڭ ھالىڭىزدىنمۇ خەۋەر ئالىمەن ،بىراق مەندىكى بېسىم ناھايىتى چوڭ ،سىز يا ياردەم قىلالمايسىز ، شۇڭا مەن بىر نەچچە ئايال بىلەن ئارلىشىپ بېسىمىمنى يەڭگىللەتىم » دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ . ئەر ئوچۇقتىن – ئوچۇق نومۇس قىلماي كۆڭلىدىكىنى ئەينەن ئېيتقان تۇرسا ، ئايال قانداق ئويلىشى مۇمكىن ؟ ئايال ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمايدۇ ئەلۋەتتە .
بىر ئايال بارلىق ۋاقتى ھەم زېھنىنى ئائىلىگە سەرىپ قىلغاندا ، ئەڭ مۇھىم بىر نەرسىسىنى يوقاتقان بولىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ئېرىنىڭ ئايالىغا بولغان ھۆرمىتى .نۇرغۇنلىغان نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىنى پۈتۈنلەي ئەرلەرنىڭ خاتالىقى دىيىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئاياللار پىششىپ يېتىلشنى ئۆگەنمىگەن ، شۇڭا ھۆرمەتلىنىش دەسمايىسىدىن مەھرۇم قالغان . بىر ئايال ھۆرمەتتىن مەھرۇم قالسا نېمىگە ئىگە بولالايدۇ ؟
تۆۋەندىكى بىر نەچچە مەسىلە ئارقىلىق ، سىزنىڭ ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنىڭ بار يوقلۇقىنى ئۆلچەپ بېقىڭ .
1 . سىز ئۆزىڭىزنىڭ سۈپىتىڭىزگە ياخشى ئەھمىيەت بېرەلىدىڭىزمۇ ؟
2 . ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى تىلغا ئالغاندا سىزدىن پەخرلىنەمدۇ ؟
3 . پەرزەنتىڭىز ھەر قانداق مەسىلىدە سىز بىلەن پىكىرلىشىشنى خالامدۇ ؟
4 . ئېرىڭىز ئىقتىسادى ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ، سىز ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ياردەم قىلامسىز ؟
5 . ئېرىڭىز خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا بىرەر مەسىلىگە يۇلۇقسا ، بىرىنچى بولۇپ سىز بىلەن ئورتاقلىشامدۇ ؟
6 . سىز ناھايىتى ياخشى بولغان ئوبرازغا ئىگىمۇ ؟
ئەگەر بىر ئايال يۇقارقى نوقتىلارنى قىلالىسا ، چوقۇم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھۆمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ .ئايال چوقۇم ئۆزى ئۈچۈن دەسمايە چىقىرىشقا چىدىشى كېرەك ، بىر ئايالدا چىرايلىق رۇخسار بولغاندىن باشقا يەنە ، بايلىق يارىتالايدىغان ئىقتىدار ۋە ئەقىل بولغاندا ، تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ . بىر ئايال ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولسا ، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك . ئەگەر ئۆزى ئۆزگەرمىسە ، ھاياتى مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ .
بەزىلەر دەيدۇ ، ئاياللار ئىشلەپ جاپا تارتىپ نېمە قىلىدۇ ، ئىشلىگەندىن ئەرگە تەگكىنى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ بىراق مېنىڭچە بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمايدىغانلار كۆپ . سىز قانداق قارايسىز ؟مەنبە:
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئايالى ئاجراشماقچى بولغاندا، ئېرى مۇنداق دېدى
2016-01-05 16:22:403652ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ ئورنى ۋە ئىقتىدارى
2015-12-06 13:59:144334[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:21:4210462شارپا ئورايدىغان خانىم-قىزلار دىققەت چوڭ چاتاق چ
2015-12-15 18:03:264356قىزلارغا 100 نەسىھەت: تۆتىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:58:591131يېڭى توي قىلغاندەك تۇيغۇغا قايتا ئېرىشىش نېمەدېگ
2016-01-07 16:34:409804مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن قىزلامانامۇنداق تەييارلىق قىل
2016-01-23 14:30:288266كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق ر
2016-01-18 17:14:221707
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-