كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق رولى
-
كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق رولى
ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 1707 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق رولى
كۆك چاينىڭ ئاياللارنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغانلىقى شۈبھىسىز. چۈنكى كۆك چايدا ۋىتامىنc مول، ئۇنىڭدىكى فلاۋونوئىد ۋىتامىنc نىڭ ئوكسىدلىنىشتىن ساقلاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، فلاۋونوئىد ئېسىل ئوزۇقلۇق – ھەرە يىلىمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدۇر، شۇڭا ئۇنىڭ تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ياشارتىش ئۈنۈمى ئالاھىدە.
كۆك چاي تالقىنىنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى
كۆك چاي تالقىنىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۆپ، ئۇنى چاي دەملەپ ھەر كۈنى ئىچىشكىمۇ، يۈز مەلھىمى قىلىپ يۈزگە يېقىشقىمۇ بولىدۇ. يەنە كۆك چاي تالقىنىنى چىش پاستىسىغا مىلەپ چىش چوتكىلىسا، چىشىنى ئاسراپلا قالماي، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ.
ئادەتتە يۈزنى يۇيۇپ بولۇپ، ئالقانغا ئازراق كۆك چاي تالقىنى ئېلىپ نەمدەپ، يۈزگە يېنىك شاپىلاقلاپ ياقسا، كۆك چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسىنىڭ تېرىنى تارتىش – يىغىش رولى بولغاچقا، تېرىنى چىڭىتىپ ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كۆك چاي تالقىنىنى ئازراق سۇغا چىلاپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزنى شاپىلاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن، ئۈستىدىن ئېمولسىيە سۈرسە، قارا داغ، سەپكۈننى ئازايتىپ، يۈزىنى ئاقارتقىلى بولىدۇ.
تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە ھەر كۈنى ئەتىگەن – ئاخشامدا ئىككى ئىستاكان كۆك چاي تالقىنى چېيى ئىچىپ، يۈزىگە كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى ياقسا، تېرە ياخشىلىنىدۇ، دانىخورەك يوقايدۇ.
كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تېرىنى ياخشىلايدۇ، دانىخورەك يوقىتىدۇ
تەركىبىدە ۋىتامىن مول كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى ناھايىتى ئوبدان يۈزنى ئاقارتىش رولىغا ئىگە. كۆك چاي تالقىنى تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى تېرىنى تارتىش – يىغىش رولىغا ئىگە بولغاچقا، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، تېرىنى سىلىقلايدۇ، يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈپ، تېرىدىكى دانىخورەكنىڭ يىرىڭلىشىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تەييارلاش ئۇسۇلى: كۆك چاي تالقىنىدىن بىر قوشۇق، تۇخۇم سېرىقىدىن بىر دانە، ئۇندىن ئىككى قوشۇق ئېلىپ، ئۇنغا تۇخۇم سېرىقىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، كۆك چاي تالقىنى قوشۇلىدۇ.
تەييارلانغان كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى يۈزگە مىلىنىپ، ئۈستىدىن سەل نەمدەلگەن قەغەز يېپىلىدۇ، تەخمىنەن 10 – 15 مىنىۇت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىلىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان خۇرۇچلاردىن تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئورنىغا ھەسەل ياكى ئالوي (ئىككى قوشۇق)نى ئالماشتۇرۇپ كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تەييارلاپ يۈزگە سۈرتسە، تېرىنى تارتىش – يىغىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، تېرىگە كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى سۈرگەندىن كېيىن، تېرە تولىمۇ سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا شۇئانلا گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. گىرىم قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ، نېپىز بىر قەۋەت گىرىم سۇيۇقلۇقى ياكى ئېمۇلسىيە سۈرۈش كېرەك.
مەنبە: ئاي خىنىم سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 4-سان
2016-03-19 20:24:101885ئەر كىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق ب
2015-12-24 12:53:313829ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
2015-12-04 13:15:023628ئەگەر سىز توي قىلمىغان خانىم بولسىڭىز
2015-12-06 14:00:388101نېمىشقا توي قىلمايسەن؟ بىرقىزنىڭ بۇسۇئالغا بەرگە
2015-12-02 17:47:255195ھۆرمەتلىنىش دەسمايىڭىزنى ئۆلچەپ بىقىڭ
2015-12-15 18:32:302947قىزلار جىنسىي خام خىيالغا بېرىلىپ كەتكەندە
2016-01-25 18:27:245139ياخشى ئەر ئەسكى ئايالنى ياخشى قىلدۇ، ئەسكى ئەر ي
2016-02-03 18:33:114399
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-