ئەگەر سىز توي قىلمىغان خانىم بولسىڭىز
-
ئەگەر سىز توي قىلمىغان خانىم بولسىڭىز
ۋاقتى: 2016-09-01 ئاۋاتلىقى: 8612 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەگەر سىز توي قىلمىغان خانىم بولسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرنى ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ:
1. توي قىلىپ بولغان ئەرلەر بىلەن ئىلگىرى ئۇ سىزنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ قالايمىقان چاقچاقلاشماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ھېچ بولمىغاندا ھازىر سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس.
2. سىز بىر بىكارچىدەك، سىزگە ئۇچۇر قايتۇرمايدىغان ياكى زورلىنىپ تۇرۇپ ئاران ئۇچۇر قايتۇرىدىغانلارغا ئۇچۇر يوللاپ يۈرمەڭ.
3. يېقىن دوستلىرىڭىزنىڭ ئەرلىرىگە باھا بەرمەڭ، ئۇنىڭ ئېرى مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، ئۇنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بەلكىم دوستىڭىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا زورلىنىپ تۇرۇپ سىزگە جاۋاب قايتۇرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ كۆڭلىدە سىزنى ئاللىبۇرۇن نومۇسسىزلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن بولىدۇ.
4. ئىشىڭىز بولمىسا سىزگە كۆڭلى بار ئەمما سىز رەت قىلغان ئادەمگە قاش ئاتماڭ.
5. ئۆزىڭىزنىڭ تەنھالىقىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ، بىر جۈپلەرگە ھەۋەسلىنىپ يۈرمەڭ، بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارغا بىرەر ئىشتىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىسىز، شۇنداقلا كەچلىك بەزمىخانىلاردا چۆرگىلەپ يۈرمەڭ.
6. ۋاقتىڭىز يەتسە ئۆيىڭىزدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، بەكلا زېرىكىپ كەتسىڭىز، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، يېقىن دوستىڭىزنى تېپىپ ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىڭ.
7. بۇرۇنقى يىگىتىڭىز ئاكتىپلىق بىلەن سىزنى ئىزدەپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئاۋارە قىلماڭ، چۈنكى ئۇنىڭ سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى قالمىدى، شۇنداق ئىكەن ئۆزىڭىزنى ئالداپ يۈرىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟!
سىز توي قىلىپ بولغان ئايال بولسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ:
1. بىر قىز لايىق ياكى ئايال قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىڭ، كۈندە ئالىجوقىدەك باشقا ئەرلەر بىلەن چاقچاقلىشىپ يۈرمەستىن، يېنىڭىزدىكى ئەر ئۈچۈن كۆپرەك ئويلاپ بېقىڭ.
2. ئىشىڭىز بولمىسا بازار چۆرگىلەپ ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلىمەڭ، كۆڭلىڭىزدە ئائىلە كىشىلىرىڭىز ۋە خىزمەت ياكى ئۆگىنىش ئىشلىرى بولسۇن، بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز باشقىلارغا يۈك ياكى ئاۋارىچىلىق بولۇش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايسىز.
3. كەچلىك بەزمىخانىلارغا بارماڭ، ئۇنداق تەنناز كىيىنىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، قانداقلا بولمىسۇن، بۇنىڭغا تايىنىپ يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلىدىغان ھالدا ئەمەسسىز.
4. مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈشكە تېگىشلىك ئادەم بىلەن قەتئىي مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈڭ، چ چ دىكى، ئۈندىداردىكى مۇناسىۋىتىڭىز مۈجىمەل بولغان كىشىلەرنى ئۆچۈرۋېتىڭ، بولمىسا ئۆزىنى تۇتالمايدىغان قىزلارغا ئوخشاپ قالىسىز.
5. ئۆزىڭىزنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، قانداقلا بولمىسۇن بۇ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نەچچە 10 يىلدا يۈزلىنىدىغان مەسىلىڭىز. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا باردى-كەلدى قىلىۋاتقان بولسىڭىز بۇ باشقا گەپ.
6. ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەخمەق دەپ قالماڭ، يۈزىڭىزگە سالمىغان بىلەن سىزنىڭ كىچىك ئويۇنلىرىڭىزنى ئۇ بىلمەي قالمايدۇ، پەقەت سىز بىلەن بۇ ئىشلارنى ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.
7. يولدىشىڭىز ۋە ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن، بولۇپمۇ يات جىنسلىقلار بىلەن مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاڭ، ھەر ۋاقىت باشقىلارغا سىزنىڭ ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى، چىشىڭىزغا تېگىشكە بولمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا سىزنىڭمۇ باشقىلارنىڭ چىشىغا تەگمەيدىغان ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
8. ئەرلەر ئابرويپەرەس كېلىدۇ، سىرتتا ئۇنىڭغا يېتەرلىك بولۇش ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بېرىپ، ئابرويىنى قىلىڭ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
ئەي ئايال:
سىز باشقىلارنىڭ ئارزۇلىشىغا ئامراق، سىز يالغان سۆزگە ئامراق، پەقەت ئاشۇنداق يالغان گەپلەرلا سىزگە بەك ياقىدۇ. ھەر دائىم يەرشارى سىز ئۈچۈنلا چۆرگىلەۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالدەك، ھېچكىم سىزگە يېتەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىسىز. چۈنكى سىز ئايال، ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولۇش ھوقۇقىڭىز بار.
سىز قاراڭغۇلۇقتىن قورقىسىز، تەنھالىقتىن قورقىسىز، ھەمراھ بولغۇدەك بىرەيلەننىڭ بولماسلىقىدىن قورقىسىز. كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈپ يىغلايسىز، ئازابلىق ناخشىلارنى ئاڭلىسىڭىز مەيۈسلىنىسىز، سىز ھېسسىي تۇيغۇغا باي شۇنداقلا تەنناز. باشقىلار ئالدىدا قابىل ئايال بولسىڭىزمۇ، قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرگەندە، كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ. چۈنكى سىز ئايال، ئازابلىنىشقا ھوقۇقلىقسىز.
ئۇنى سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ دەپ ئويلايسىز، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىسىز، ھەر ۋاقىت جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىشىنىسىز. سىز سەزگۈرلىشىسىز، گۇمانلىنىسىز، قورقىسىز، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراش بىلەنلا بۇلارنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ، ھوشيارلىقىڭىزنى يوقىتىسىز. چۈنكى سىز ئايال، بەختلىك بولۇش ھوقۇقىڭىز بار.
ئەمەلىيەتتە سىز سىرتقى قىياپىتىڭىزدىكىدەك ئۇنداق قەيسەر ئەمەس، سىز تەنھامۇ ناھايىتى ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ، دەيسىز. ئەمما سىزنىڭ ھالىڭىز خاراپ، ناھايىتى خاراپ. توك توختاپ قالغاندا قورقۇپ ۋارقىراپ كېتىسىز. كومپىيوتېرىڭىزغا ۋىرۇس يۇقۇپ قالسا ئامالسىز تېلېۋىزورنى ئاچىسىز. يالغۇز تاماق يىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئىشتىھاڭىز تۇتۇلۇپ قالىدۇ. باشقىلارنىڭ جۈپ-جۈپ بولۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئاچچىق كۈلىسىز، ئۇ ئەرلەر شۇنداق ياخشى بولسىمۇ، سىزگە مەنسۇپ ئەمەس.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ؟
2016-03-08 14:06:455175قىزلاردا زادى نىمە گۇناھ_ چوقۇم كۆرۈڭ
2016-01-26 13:40:343463ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
2016-02-05 18:55:474416بىر ئەركەك نىڭ ئاجراشقاندىن كىيىنكى ھەسرىتى
2015-12-10 17:51:212446ساھىبجامال قىزلارنىڭ گىرىم قىلىش ئالدى كەينىدىكى
2015-12-23 14:23:546370ياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى تۇغر
2016-01-16 14:36:462414[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:21:4211259بالىياتقۇغا ئەخلەت توشۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرە
2015-12-10 19:15:266581
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-