بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
-
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
ۋاقتى: 2016-06-30 ئاۋاتلىقى: 3777 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئامېرىكىدا غەمكىنلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەر 19 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ئىكەن. تۇغما غەمكىنلىك ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا ئېغىر بولىدىكەن، ئاياللار بىر ئىشنى ئىچىگە بەك ئېلىپ كېتىپ، ھەر قانداق ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى بەكرەك ئويلاپ غەمكىن، گۇمانخور بولۇپ قالىدىكەن. ئاياللاردا بۇنداق خاراكتېرنىڭ يېتىلىپ قېلىشىدا ئۇلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئالامەت ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن. ئۇلاردا ئەندىشە كۆرۈلگەندە، چوڭ مېڭىسىنىڭ ھېسسىياتنى باشقۇرىدىغان قىسمى ئانچە ئىشلىمەي، تىل ۋە ئابىستراكت تەپەككۇر قىلىشنى باشقۇرىدىغان قىسمى جانلىنىپ كېتىدىكەن. چوڭ مېڭىسى ھېسسىياتىنىڭ پەرقىنى ئانچە پەرق ئېتەلمەيدىكەن. چوڭ مېڭىسى ھېسسىياتىغا ھۆكۈم قىلالمىغاندا، غەمكىنلىك تېشىغا تېپىپ، ئىچكى ئەزالىرىدا غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك قوشۇمچە ئىنكاس كۆرۈلىدىكەن، يەنى ئىچكى ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن جىددىيلىشىشكە باشلاپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈچىيىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، غەمكىنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال قايتىلىنىۋەرسە، ئاياللارنىڭ غەمكىنلىكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدىكەن.
پسىخولوگلار ئاياللاردىكى غەمكىنلىكنى تۈگىتىشنىڭ مۇنداق ئىككى ئامالىنى تونۇشتۇردى: بىرىنچى، كۈندىلىك خاتىرە تۇتۇش. ئاياللار ئۆزى غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەر كۈنى خاتىرە دەپتىرىگە يېزىپ قويۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يېزىپ قويغانلىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن–دە، غەمدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى، روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتنى چوڭ بىلمەي، ئەندىشىگە سالغان مەسىلىنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىنى كۆرۈپ، ۋەسۋەسىدىن نېرى تۇرۇپ، كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
مەنبە: تور دۇنياسى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنى بىزار قىلمايدۇ
2015-11-10 02:28:412533سىز زىنا قىپ باققانمۇ؟ زىنا قىلسا قانداق بولىدۇ؟
2016-01-22 17:59:368195ئاياللار قايسى خىل جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەڭ ئىنتىلى
2016-01-23 14:03:588150گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
2016-01-20 14:26:332025ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىم ئ
2016-01-25 18:36:372159كۆز گىرىمىدا كۆزنى ئىككى ھەسسە چوڭ كۆرسىتىشنىڭ م
2016-01-18 18:39:243600قىش پەسلىدىكى ئاياللار جىنسىيەت ساقلىقىغا زىيانل
2015-12-09 14:16:283611ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە
2015-12-28 15:09:583475
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-