بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز
-
ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز
ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 3480 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز
كونىلاردا:" يىمەكلىكنى قالايمىقان يەپ قويسىمۇ، گەپنى قالايمىقان دەپ قويماسلىق كېرەك" دەيدىغان سۆزلەر بار، ئەگەر يىمەكلىكنى خاتا ياكى قالايمىقان يەپ قويسا ئازراق دورا يېسە ياكى دوختۇرغا بارسا بولىدۇ، لىكىن گەپنى خاتا ياكى قالايمىقان دەپ قويىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. بەزىدە كاللا كېتىشى، بەزىدە يۈز-ئابروي بىراقلا يەر بىلەن يەكسان بولۇشى ھەتتا بەزىدە ئادەتتىكى بىر ئېغىز گەپ بىلەن باشقىلارغا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
مۇھەببەت ۋە نىكاھنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى پەقەت خانىم قىزلارغىلا تۈگىمەس ھەسرەت ئېلىپ كەلمەستىن ئەرلەرگىمۇ ئېغىر دەرد ئەلەم ئېلىپ كىلىدۇ. بەزى خانىم-قىزلار ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇلارنىڭ ئازابلانغان، قايغۇرغان ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بەزىدە ئەرلەرمۇ «يۈرىكىم يىغلايدۇ» دەپ قويىدۇ. نۇرغۇنلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ياكى مۇھەببەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا ناھايىتى سەت گەپلەرنى قىلىشىدۇ. لىكىن ھەرقانداق گەپنى ئېغىزىمدىن چىقتى دەپ قىلىۋەرسە بولامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن تۆۋەندىكى 6 جۈملە گەپنى ھەرگىز ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ سالماڭ، بولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەرمۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ.
1. جۈملە: سىنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار؟
ئادەملەرنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسىرى ئۆسۈۋاتقان، مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە بەزى خانىم-قىزلىرىمىز مودا قوغلىشىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى ئارتۇقچە ماددى نەرسىلەرنى ئىزىقتۇرۇشتىن قۇتۇلالماي قىلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ماددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا ھەمراھىدىن ئاغرىنىپ «سىنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار؟ باشقىلارغا بىر قاراپ باقساڭچۇ؟» دەپ سۆزلەپ قويىدىغان ۋاقىتلارمۇ بار. ئەگەر بۇ گەپنى دەپ قويسىڭىز ئۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، غورۇرى دەخلى تەرۇزسىزدۇر.
2. جۈملە: سىنى تاللىغىنىم گۈلنى تىزەككە سانجىغاندەك ئىش بولۇپتۇ
بەلكىم بۇ جۈملە ئەرلەر ئۈچۈن بەك چوڭ ھاقارەت بولۇشى مۇمكىن. سىزنى بىرى سەن بىر پارچە كالا تىزىكى دېسە ئاچچىقىڭىز كىلەمدۇ؟ غەزەبتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولامسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى چىرايلىق گۈل دەپ ئويلاپ قارشى تەرەپنى تېزەككە ئوخشىتىپ رەنجىگەن بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز، چۈنكى ھازىر مۇنداق بىر ئېغىز گەپ مودا :" گۈللەرنى تېزەككە سانجىغاندىلا ئاندىن قۇۋۋەت تېپىپ تېخىمۇ چىرايلىق ئىچىلىدۇ".
3. جۈملە: سەن ئەركىشى ئەمەسكەنسەن
«سەن ئەركىشى ئەمەس» دېيىش بىلەن «سەن ئايال كىشى ئەمەس» دېيىش تەڭ دەرىجىدە، ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى كۈچلۈك مەسخىرىگە تولغان. ئەرلەرنىڭ غورۇرى بەك كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ بۇ گەپنى قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەر كىشى بولمىسا ئۇ زادى نېمە؟ سىز شۇنداق ئەر كىشى ئەمەس بىر نېمە بىلەن توي قىلغان ياكى ئارىلاشقانمۇ؟ ئەگەر مۇنداق دېگىنىڭىز باشقىلار ئاڭلاپ قالسا ئەر كىشى ئەمەس ئۆزىڭىزلا مەسخىرىگە قالىسىز، باشقىلار سىزنى ئەركەكلەردەك ئەرنى تاپالماي شۇنچىلىك ئادەم تېپىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
4. جۈملە: ئاپاڭ ياكى داداڭ ئادەم ئەمەسكەن
قېينانا-كېلىن مۇناسىۋىتى ئەر-ئايال نىكاھىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى. ئەگەر سىز قېينانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇنى ياخشى كۈتەلىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز خاتىرىجەم، ئازادە ئۆتىدۇ. ئەكسىچە بولسا بەلكىم ئۇزاققا بارالمايسىلەر ياكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرايسىز. مۇشۇنداق مۇناسىۋەت ياخشى بولمىغان، قېينانا تەرەپتىن خاتالىق ئۆتكەندە سىز ئالدىراپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي جۈپتىڭىزنىڭ ئاپىسىنى شۇنداق سەتلەپ سالسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۇقمايلا بىرەر تەستەك ياكى بىرەر مۇش يەپ كىتىسىز. چۈنكى ئاجراشسا يەنە توي قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.
5. جۈملە: سەن ھىچ نەرسە ئەمەس
سىزنىڭ ھەرقانچە كارامىتىڭىز، ياخشى خىزمىتىڭىز، باي ۋە قولى ئوچۇق ئاتا-ئانىڭىز بولسىمۇ سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئۇ كىشىنى مۇنداق دەپ ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا سىز «ھىچنېمىنىڭ» بىر نېمىسى بولۇپ قالمامسىز. ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى كۈچلۈك ئەرلەر سىزدىن ئۆچ ئېلىشى، سىزنى چەكسىز ئازابلارغا مەھكۇم قىلىشى مۇمكىن.
6. جۈملە: سەن بىلەن بىرگە بولغىنىمنىڭ ئۆزى بىر كۈلكىلىك ئىش
مۇھەببەت ياكى نىكاھنى ئىككىڭلار ئۆز رازىلىقىڭلار بىلەن تاللىغان، ھىچكىم سىلەرنى مەجبۇرلىمىغان بولسا، ئەگەر سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭۈل قالمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز چىرايلىق ئايرىلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ. لىكىن ھەرقانداق مەقسەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولۇشى ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش بوپتۇ دەپلا قويسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق، چۈنكى ئەرلەر مۇنداق چاقچاقنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك ئىش. ئۇ سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.
مەنبە: مىرشاپ تورى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغىنى
2015-08-12 16:55:082728ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى پۇل ياكى ۋاقىت ئەمەس
2015-11-01 00:54:245378ساغلام ئاياللار قانداق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلسە د
2015-12-06 14:00:567893ھامىلىدار ئاياللار يېشىل مۇھىتتا كۈتۈنسە بالىسى
2015-08-10 00:35:391604ئاياللار قانچە چىرايلىق بولسا جىنسىي ھەۋىسى شۇنچ
2015-12-06 13:40:534971ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ «قارا ئىككىلەمچى ساغل
2015-12-06 13:58:4211706جىنسىي يول بوشاپ كېتىش دېگەن نېمە؟
2015-08-05 22:50:215773ئايال سىرتقا قاراپ قاپتۇ، بىر كۈنى ئۇ ئېرىدىن سو
2015-12-18 19:28:206253
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-