بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار قايسى خىل جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەڭ ئىنتىلىدۇ
-
ئاياللار قايسى خىل جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەڭ ئىنتىلىدۇ
ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 8170 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار قايسى خىل جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەڭ ئىنتىلىدۇ
جىنسى مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنى ئىنتايىن مول تەجرىبىلىك، نۇرغۇن جىنسى بىلىملىرى ۋە جىنسى ئۇسۇللارنى بىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما، ‹ھىندىستان گىزىتى ›يېقىندا ئىلان قىلغان بىر ماقالىدە، نۇرغۇن ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي پىكىرىنى چۈشەنمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تۈۋەندىكىلەر بولسا ئايالنىڭ كۆڭلىدە يۇشۇرۇنغان بىر قانچە «جىنسى مۇناسىۋەت پىلانلىرى»، ئەرلەر بۇلارنى بىلسە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ ھەمدە يېڭىچە توي قىلغان ھېسياتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
1. «خۇشال خۇراملىق بىلەن پاراڭلىشىش جىنسى ھېسياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئېرى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى، ئويلىغانلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئەر ئايال ئەركىن ھالدا سافادا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشنى ياكى بىرگە سەيلە قىلغاچ پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەرلەر «مەن سىزنى سۆيىمەن»، «مىنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سىزلار بار» دىگەندەك شىرىن گەپلەرنى قىلالىسا، قارشى تەرەپنىڭ كۈچلۈك جىنسى ھېسياتىنى قوزغايدۇ.
2. «قىزلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن تۇرمۇش ئۆز ئارا ئايرىلالمايدۇ». ئەرلەر دائىم تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى جىنسى مۇناسىۋەتتىن ئايرىلىدۇ، ئەمما ئاياللار ئۇنداق قىلمايدۇ، يولدىشى ھوجرا ئۆي سىرتىدا ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولسۇن، بىۋاستە ئۇنىڭ كارۋاتتىكى ئىپادىسىگە تەسىر يېتىدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىسە، گەپ سۆزدە قۇپال بولسا، ئۇنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتكە بىرىلىپ، جىنسى ھېسياتنى يۇقىرى كۆتۈرىشىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. «مەن ئۈزۈمنىڭ ھۆسىن جامالىمنىڭ بارا بارا قېرىپ كېتىشىدىن قورقۇمەن، ئۆزۈمنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ قالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىمەن». ياشانغان ئەر ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتىلغاندا، ئايالى دائىم ئۆزىنڭ ئېرى ئالدىدا جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى بۇ سەۋەپلىك، نۇرغۇن ئاياللار چىراق ئۆچۈرگەندىن كېيىن كىيمىنى سېلىشقا پېتىنالايدۇ، بىر قەدەر ئىنچىكە ئەرلەر ئايالىنىڭ بۇ خىل ئەنسىرىشىنى بايقىيالايدۇ، ئەگەر ئۇ بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ھۆسنى جامالىدىن مەسرۇم قالغاندا ،ئۇنى ئالداشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەمدە ئۇنىڭغا جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ قالمىغانلىقىنى دەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز، ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزنىڭ يەنىلا جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك.
4. «جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا، سىز ئۇنداق بىر خىل ئېغىر بېسىق بولىۋالماڭ» جىنسى ۇناسىۋەتنىڭ ئۆزى بىر خۇشاللىنارلىق، ئىككى تەرەپ ئەركىن ئازادىلىك بىلەن تەڭ ھوزۇر ئالىدىغان خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، نۇرغۇن ئەرلەر جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئىنتايىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئىش كۈرىدۇ، ئۇلار كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، رومانتىك ئىش ھەركەتلەرنى قىلالمايدۇ، بۇنداق بولغاندا جىنسى مۇناسىۋەتنى بىر خىل بېسىم تۇيغۇسى قاپلىۋالىدۇ، ئەر ئايال ئىككىلى تەرەپ جىنسى مۇناسىۋەتتىكى لەززەتلىك تۇيغۇدىن بەھىرلىنەلمەيدۇ.
5. «مەن بەدەنلىرىمنىڭ سىيلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز» ئاياللار رومانتىك بولىدۇ، قۇچاقلاش، قول تۇتۇشۇپ بىرگە مېڭىش، سۈيىشىش قاتارلىق ھەركەتلەر ئۇلارنى خۇشال قىلالايدۇ. نۇرغۇن ئەر ئاياللا جىنسى مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى باسقۇچىدىلا بۇ خىل يېقىنچىلىق ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بولسا ئىنتايىن ئاز يېقىنچىلىق قىلىدۇ، ئەگەر ئادەتتىمۇ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا بىر خىل بەخىت تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرالايمىز.
مەنبە: تور دۇنياسى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سوزۇلما خاراكتېرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى ( ۋەر
2015-11-07 15:31:411697قىزلارغا 100 نەسىھەت: بەشىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:59:451389ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالت
2015-08-10 00:46:396491بۇ 5 خىل ئەھۋالدىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەڭ
2015-08-15 19:12:367397ئاياللار مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىرنەچچە خىل ئەر
2016-01-13 13:58:344071ئاياللار يوقىتىپ قويسا بولمايدىغان 6 نەرسە
2015-12-02 05:31:292836يىگىتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاسان تاشلىۋېتىلىدىغان قى
2016-01-05 16:08:402216بالىياتقۇ سۇۋۇپ كەتكەندە...
2015-08-17 10:28:088439
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-