يىگىتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاسان تاشلىۋېتىلىدىغان قىزلار
-
يىگىتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاسان تاشلىۋېتىلىدىغان قىزلار
ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 2219 قېتىميانفوندا كۆرۈش
يىگىتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاسان تاشلىۋېتىلىدىغان قىزلار
1. تەنتەك قىزلار
بۇ خىلدىكى قىزلار دەسلەپتە ئوغۇللارنىڭ ئامراقلىقنى كەلتۈرىدۇ ھەتتا بىر مەزگىل ئارىلىشىپلا ئۇلارغا مۇھەببەت تەكلىپى قويىدۇ. لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەنتەكلىكى يىگىتلەرنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ. بۇ خىلدىكى قىزلار يىگىتىنىڭ سۆيۈشى ۋە پەرۋاسىزلىقى ئىچىدە مەڭگۈ گاڭگىراپ تۇرىدۇ؛
2. ھازازۇل قىزلاربۇ خىلدىكى قىزلار يىگىتلەرنى ئەڭ ئاسان بىزار قىلىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئادەم بار يوق دېمەي سورۇن تاللىماي ھازازۇللۇق قىلىشى يىگىتلەرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدۇ؛
3. ئۆزىنى دۇنيادا بىر دەپ چاغلايدىغان قىزلاربۇنداق قىزلار چىراي گۈزەللىكىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، گەرچە ئۇلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ئادەم بولسىمۇ، ئۆزىنى گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار يىگىتلەرنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، شۇنداق بولغاچقا يىگىتلەر بۇخىل قىزلارغا قىزىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ئاسانلا بىزار بولۇپ قالىدۇ؛
4. ھاڭۋاقتى قىزلاربۇنداق قىزلارنى ياخشى كۆرگەن يىگىتلەر ئاسانلا پۇشايمان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقى، دائىم قارشى تەرەپكە يۆلىنىۋېلىشى يىگىتلەرنى بىزار قىلىدۇ؛
5. ھورۇن قىزلارجەمىيىتىمىزدە بۇخىلدىكى قىزلار بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇنداق قىزلار ئۆي ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلاردا ھۇرۇنلۇق قىلغان بىلەن، ئۆزىنى ياساشقا ئىنتايىن «چېۋەر». لېكىن بۇ خىل «چېۋەر» لىك يىگىتلەرنى ئاسانلا سەسكەندۈرىدۇ؛
6. ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىق قىزلاربۇ خىلدىكى قىزلار ئاسانلا يىگىتلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ. سەۋەبى، يىگىتلەر قىزلارنىڭ يەنىلا ئۆزىگە تايىنىشنى، ئۆزىدىن تۆۋەنرەك تۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. شۇڭا ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايىنىدىغان، قارشى تەرەپنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمايدىغان قىزلار يىگىتلەرنىڭ سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ؛
7. نەزەر دائىرىسى تار، مەيدانى ئېنىق بولمىغان قىزلاربۇ خىلدىكى قىزلارنىڭ نەرسە سېتىۋالغاندا بولامدۇ، بىرەر ئىشنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە بولامدۇ، ئىشقىلىپ ھەممە ئىشتا مۇستەقىل مەيدانى بولمايدۇ، شۇڭا يىگىتلەر بۇنداق قىزلاردىن ئاسانلا بىزار بولىدۇ.
مۇھەببەت ئۆزگەرمەيدۇ، يىگىتلەر يۈرىكىنى مەڭگۈ بىرىگىلا بېرىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، دېيىش ئومۇمىيلىق ئەمەس. شۇڭا يىگىتىڭىزنىڭ مىجەزى خۇي پەيلىگە يارىشا ئۇنى سۆيۈڭ، قېلىپقا سېلىۋالماڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار ئۇچۇق كىيىنسە ئەرلەرنى بۇنداق ئاقىۋەتكە
2015-11-01 00:51:5111301ئايالىڭىزغا ھەقىقىي كۆيۈنەمسىز؟ئاياللارئەرلىرىڭل
2015-10-18 12:00:412379ئەرلەرنى 7 تىپقا بۆلۈنىدۇ دەيدۇ، ئېرىڭىز قايسى ت
2015-12-02 05:19:241650ئاياللار: جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
2016-01-25 16:24:495546مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2015-08-06 01:39:071231ھامىلىدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا
2015-08-12 16:58:081500ساددا قىزلىرمىز يولدىن چىقمىسۇن، يىگىتلىرمىز ئال
2016-02-02 14:29:563577بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تورت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز
2015-12-02 05:14:461379
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-