بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار يوقىتىپ قويسا بولمايدىغان 6 نەرسە
-
ئاياللار يوقىتىپ قويسا بولمايدىغان 6 نەرسە
ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 2857 قېتىم1. سىزنىڭ خاسلىقىڭىزيانفوندا كۆرۈش
سىز كۆپەيتكىلى بولمايدىغان يەككە نۇسخا،شۇڭا سىز ئىگە بولغان نەرسىلەر پەقەت سىزگىلا تەئەللۇق بولغان خۇسۇسىيەت بولۇشى كېرەك. ئۆزىڭىزدىكى بىردىنبىر خاسلىقتىن ھوزۇر ئېلىڭ بىراق ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ، ئەمما بەخت بىلەن مۇۋاپپەقىيەتنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇڭ. شۇنداق ھەر كۈنى سىز ئۆزگىرىپ تۇرىسىز، بىراق قانچىلىك ئۆزگەرسىڭىزمۇ، رەڭگارەڭ چىراقلار ئارىسىدا چاقناپ كەتسىڭىزمۇ سىز يەنىلا سىز خالاس. شۇڭا خاسلىقىڭىزنى يۇقاتماڭ.
باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا تايىنىپ ئاندىن ئۆزىڭىزگە سەپسالماڭ، بولمىسا سىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى باشقىلار ئالقىنىغا ئېلىۋالىدۇ. كىشلىك ھاياتتا ئۆزنىڭ تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئەگەر دائىم باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلسىڭىز مەڭگۈ بەخت ۋە مۇۋاپپەقىيەتنى تاپالمايسىز. شۇڭا باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىدىن ئۇنچىۋالا تەشۋىشلىنىپ كەتمەڭ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى سىزنىڭ سەزگۈڭىزنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالماسلىقى كېرەك، ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ سەزگۈڭىز.
ئەگەر مەلۇم ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياجىنىڭىزغا ئەگىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىم دەپ قارىغان ئىشىڭىزنى قىلماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھازىرنىڭ ئۆزىدە باشلاڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ھاياجانغا چۆمگىنىڭىزنى بايقىغان ۋاقتىڭىز بەلكىم ھاياتىڭىزدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ۋاقىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تۇرمۇش سىزنى قورقۇتقان ۋاقىتتا، شۇ ۋاقىت بىلەن تەڭ سىزگە يەنە قەيسەرلىك ۋە مۇستەھكەملىكنى تاللاش پۇرسىتى بېرىدۇ. ھازىرقى كۈنسىرى رەززىلىشىۋاتقان دۇنيادا ھېچنەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس – مەيلى خاتالىق، مەغلۇبىيەت، ياكى ئازاپ بولسۇن. شۇڭا ھەر قانداق ئىشتا نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەيسەرلىك بىلەن قارار چىقىرىڭ.
باشقىلار مەڭگۈ ئوغۇرلىيالمايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى دەل سىزنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان باھايىڭىز بىلەن ھەرىكەتكە نىسبەتەن ئىنكاسىڭىز. مەيلى قايسى ۋاقىت قايسى ئورۇندا بولسۇن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پوزىتسىيىسىنى تاللاش ھوقوقىڭىز بار. خوشاللىق بىلەن ئاكتىپ پوزىتسىيەنى تاللاڭ. ئۆزىمىزدىكى خۇشاللىقنى بايقاش ئاسان ئەمەس، قانداق مەنزىرىگە يۈزلىنىشتىن قەتئىينەزەر پوزىتسىيە بىزنىڭ تاللىشىمىز بولىدۇ. شۇڭا چېھرىڭىزگە تەبەسسۇم يىغىپ، ئاشۇ بىر قىسىم پاسسىپ كىشلەردىن، پاسسىپ ئىشلاردىن ئايرىلىڭ.
ھاياتنىڭ ئۆلچىمى سىزنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ ئاز – كۆپلىكى بىلەن ئەمەس بەلكى قانچىلىك بېغىشلىيالىغانلىقىڭىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھاياتتا سىزنىڭ تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىڭىزنىڭ 99 % ى قايتىپ كېلىدۇ. كىشلىك ھاياتتا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ياشاش ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ چوڭقۇر مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
مەنبە: تەنناز سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياخشى ئەر ئەسكى ئايالنى ياخشى قىلدۇ، ئەسكى ئەر ي
2016-02-03 18:33:114452بىر ئەركەك نىڭ ئاجراشقاندىن كىيىنكى ھەسرىتى
2015-12-10 17:51:212328دىققەت! ئەرئاياللارنىڭ ئاسانلا سىرتقا قاراپ قېلى
2016-01-29 18:14:384042بىرى سىزنى سۆيىدىغان يەنە بىرى سىز سۆيىدىغان ئەر
2016-01-25 18:38:432225سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-01 01:14:495679ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئادەتلەر
8768سائەت ئىلگىرى668920ياشلىق ئاياللار گىلاسقا ئوخشايدۇ، 30ياشلىق ئاي
2015-12-08 17:53:093353ئاياللار چىرايلىق بولغاندىن كۆرە چىرايلىق ياشىغا
8768سائەت ئىلگىرى2169
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-