ئاياللار چىرايلىق بولغاندىن كۆرە چىرايلىق ياشىغان تۈزۈك
-
ئاياللار چىرايلىق بولغاندىن كۆرە چىرايلىق ياشىغان تۈزۈك
ۋاقتى: 2016-05-15 ئاۋاتلىقى: 2157 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھېسسىيات جەھەتتە ئاياللار ھەر قانچە مۇنەۋۋەر بولسىمۇ باشقىلار تاشلىۋىتىش مۇمكىنچىلىكى بار . ھەرگىزمۇ " مەن ياخشى بولمىغاچقا ئۇ مىنى تاشلىۋەتتى" دېگەن ئەخمىقانە سۆزلەرگە مەڭگۈ ئىشەنمەڭ. سىز ھەر قانچە ياخشى بولسىڭىزمۇ بەرىبىر پايدىسى يوق. ھەتتا مەسىلىنىڭ تۈگۈنى سىزنىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىڭىزدا بولىشى مۇمكىن. سىز ئەردە بىسىم پەيدا قىلىپ ، ئۇ سىز بىلەن بىرگە ياشىسا ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى نامايەن قىلالماي، چوڭقۇر ھارغىنلىق ھېس قىلىپ ، سىزنىڭ قارا سايىڭىزدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلغان بولىشى مۇمكىن.
تىز پۈكمەسلىك دېگەن بۇ سۆزنىڭ تۆمۈردىن سوقۇلغانلىقىغا مەڭگۈ ئىشەنمەڭ. كۆپىنچە ھاللاردا قىزىقتۇرۇش كۈچىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدىن تىز پۈكمەي چىڭ تۇرىۋالىمىز. ئەگەر ناھايىتى زور قىزىقتۇرۇش كۈچى بولسا ، لېيچى دەرياسىدىن ئۆتۈشمۇ مۇمكىن بولىدۇ . پەقەت ھەربىر كىشىنىڭ لېيچى دەرياسىغا بولغان قارشى ئوخشاش ئەمەس خالاس. قەدىمكى زاماندا ئاياللار تالاق قىلىۋىتىلسە ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتەلمىسە ، ئامالسىز يىغلىغىنىچە بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ يىغلىغىنىچە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتەتتى. بىراق ھازىرقى ئاياللار ئۇنداق ئېغىر تىراگىدىيەگە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
تاشلاندۇق ئايال بولۇپ قىلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس،قورقۇنچلىقى تاشلىۋىتىلگەندىن كىيىن ھوشىغا كېلەلمەي، مەڭگۈ چۈشكۈنلىشىپ كىتىشتىن ئىبارەت. تاشلىۋىتىلگەن ئايالنىڭ قىلىدىغان ئىشى _ رەڭگى روھىنى ئۆرگەرتمەي داۋاملىق ياشاشتۇر. بىر بولسا قىلىچمۇ پەرۋا قىلماي پۇل تېپىپ ، سەن بولمىساڭ مەن باشقىلارنى ياخشى كۆرەلمەيمەن ، دەپ يۈرۈش كېرەك ياكى بولمىسا ئۇ ئىشلارنى قەتئىي تىلغا ئالماي ياشاۋىرىش كېرەك. بارغانسىرى مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ ناھايىتى قەيسەر بولۇپ كىتىدۇ، ھەرگىزمۇ شەخسى ئازاپلارنى ئۈستەل ئۈستىگە چىقارمايدۇ، بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا يىغلىسىمۇ ، ھەرگىز باشقىلارغا كۆز يىشىنى كۆرسەتمەيدۇ.
ئىلگىرى مۇنداق بىر جۈملە ئىلان سۆزىنى كۆرگەن ئىدىم . مۇھەببەت شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەلكى ، ئۇنى ئەركىن تاللايدۇ. بۇ سۆز ئاساسسىز ئەمەس، بىر ئادەم كىمنى ياخشى كۆرۈش، كىمنى ياخشى كۆرمەسلىكنى ئەركىن تاللايدۇ. مۇھەببەتنى تاللاش ياكى ماددى نەرسىنى - بىر كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ئەمەسمۇ؟ ئەرلەر پۇلنى قوغلاشسا كەسپىنى قوسلاشتى دىيىشىدۇ، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ ماددى نەرسىنى قوغلىشىشى قانداقسىگە مەڭگۈلۈك جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ؟
ئۇنى نىكاھ ئارقىلىق ئارقىلىق باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشىشنى ئويلىدى دەيلى ، پەقەت ئۇ رەزىل ۋاستە ئىشلەتمىگەن بولسىلا ، كىمنىڭ ئۇنى ئەيىبلەش سالاھىيىتى بار ؟ پەقەت كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئوخشاش ئەمەس. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشىسىز ، ئۇ ئۆزىنىڭ ماددى نەرسىسىگە ئىرىشىدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ يەردە توغرا ياكى خاتا ، ھەق ياكى ناھەق مەسىلىسى يوق. قەيسەر ، مۇستەقىل، گۈزەل ئاياللاردىن بولۇڭ.
بىر ئايال چىرايلىق بولمىسىمۇ ، بىراق چوقۇم چىرايلىق ياشىشى كېرەك . مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن ، مول بىلىم ، ياخشى پەزىلەت ، مەدەنىي ھەرىكەت ، لاتاپەتلىك سۆزلەر ھەمدە مۇھەببەتكە تولغان قەلىپ بولسىلا ، سىز ئانچە چىرايلىق بولمىسىڭىزمۇ جەزمەن ياخشى ياشىيالايسىز . بىر ئادەم پەقەت ۋاز كەچمىسىلا ، ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كارىۋاتقا چىقىپ ئاخىرى چىقمىسا ياشلىق، ئاخىرى چى
2016-02-09 18:29:137040بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ
2015-10-22 18:23:542520ئەقىللىق ئايالنىڭ 6چوڭ ئالاھىدىلىكى
2015-12-26 17:24:018839بىرى سىزنى سۆيىدىغان يەنە بىرى سىز سۆيىدىغان ئەر
2016-01-25 18:38:432178جىنسىي يول بوشاپ كېتىش دېگەن نېمە؟
2015-08-05 22:50:215767ئايالىڭىز پەرىشتىمۇ ياكى ئالۋاستىمۇ؟
2015-10-23 16:37:331870كىتاپ ئوقۇيدىغان ئاياللار بىر مىللەتنى ئۆزگەرتىد
2016-02-01 17:45:561744خانىم-قىزلار ئۈچۈن 13 خىل مودا شارپا ئوراش ئۇسۇل
2015-12-13 18:21:048969
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-