بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
كىتاپ ئوقۇيدىغان ئاياللار بىر مىللەتنى ئۆزگەرتىدۇ
-
كىتاپ ئوقۇيدىغان ئاياللار بىر مىللەتنى ئۆزگەرتىدۇ
ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 2134 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كىتاپ ئوقۇيدىغان ئاياللار بىر مىللەتنى ئۆزگەرتىدۇ
ئەنگىلىيىلىك مۇتەپەككۈر ئالىم پىكۇن مۇنداق دەيدۇ:
« تارىخى كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەر پاراسەتلىك كېلىدۇ؛ شېئىر ئوقۇيدىغان كىشىلەر ئەقىللىق كېلىدۇ؛ نۇتۇق سۆزلەش كىشىنى ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە قىلىدۇ؛ پەلسەپە پىكىرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ لوگىكا ئادەمنى ناتىق قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ؛ ئېتىكا ئىلمى ئادەمدە ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرىدۇ...»دىمەك،ھەر-خىل بىلىم ئىنسانلارنىڭ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، كىتاپ ئوقۇشتىن مۇستەسنا ئۆتكەن ھاياتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
ئاياللار ئىنسانلارنىڭ ئانىسى ۋە تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى. پۇتكۈل بىر جەمىيەت ۋە بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ئەمىلىيەتتە ئانىلارنىڭ قولىدا. كىچىك بالا 3 ياشقا كىرگۈچە ئۇنىڭ خارەكتېرىنىڭ ئاساسەن يېتىلىپ بولىدىغانلىغى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلانغان.
بالا تۇغۇلۇپ 3 ياشقا كىرگۈچە ئانىسى بىلەن ئەڭ يېقىن ياشايدۇ, ئانىدىكى ساپا ۋە ئەخلاق -پەزىلەت بالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە بالىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلغۇچىلار، ئىزىمىزنى داۋام ئېتىپ ماڭغۇچىلار، ئانىلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىنمۇ مۇھىم ۋەزىپىسى شۇكى ، ئەنە شۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتۇر. ئانا كۆپ كىتاپ كۆرۈدىغان ئائىلىدىكى بالىلارمۇ بىلىمگە ھېرىسمەن بولۇپ چوڭ بولىدۇ،ئالغا ئىلگىرلەش ئىددىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە ياراملىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.دىمەك. ئانىلار بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.مىللەتلەرنىڭ ئومومى ساپاسىدىكى پەرق ئەمىلىيەتتە ئانىلارنىڭ ساپاسىدىكى پەرقتىن ئىبارەت خالاس!
مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز دەيدىكەنمىز،ئالدى بىلەن ئانىلارنى تەربىيىلەشتىن باشلاش كېرەك. قىزلارنى كىچىگىدىنلا لاياقەتلىك ئانا بولالايدىغان نىشان بىلەن تەربىيەلەش بەكلا زۆرۈر.
قىزلار تەربىيىسىدىكى بىرىنجى باسقۇچ، ساغلام تەن ۋە پاك روھى قەلب ! بۇ بارلىق باشقا بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى. تەربىيە مەكتەپتىن ئەمەس بەلكى ئۆيدىن باشلىنىشى كېرەك. بىزدىكى “ئانىغا قاراپ قىز ئال.” دىگەن ئەمىلىيەتتە ناھايىتى توغرا گەپ .
ئانا قانداق بولسا پەرزەنت شۇنداق بولىدۇ! تۇرمۇشنى سۆيۈدىغان،كىتاپ كۆرۈشكە ئامراق ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنى توختىماي يېڭىلاپ تۇرىدىغان ئانىلار بالا تەربىيەلەشتە ئانچە قىينىلىپ كەتمەيدۇ.چۈنكى ئانىنىڭ قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىش-ھەركىتى بالا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ دەرسلىك بولالايدۇ. ئەگەر ئانىلارنىڭ قىممەت قارىشىدا مەسىلە بار بولۇپ،كۈن بويى ياسىنىش ۋە چاي ئويناش بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزسە، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بەسلىشىپ ھاياتىنىبىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلسا ، بۇنداق ئانىلارنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ چىققان بالا قانداق بولار؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرىغۇ بالىسىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ بالىلىرىنىڭ ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرسۇنمۇ دەيلى، بىراق بۇنداق بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرىغۇ بالىسىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ بالىلىرىنىڭ ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرسۇنمۇ دەيلى، بىراق بۇنداق بالىلارنىڭ قىممەت قارىشىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلمەسمۇ؟
مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا، ئانىلار كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نەزەر-دائىرىسىنى كەڭرىتىدۇ،ئىچكى دۇنياسىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىدۇ.قەلبى مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان ئانىلارلا بالىلارنى مىھرى-مۇھەببەتكە باي قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقالايدۇ.بۇنداق بالىلار تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، ھايات مۇساپىسىدا ھەر-خىل ئۆتكەللەردىن ئوڭۈشلۇق ئۆتەلەيدۇ.
خۇشخۇي ۋە كىچىك پېئىللىق پەقەت بىلىم ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدىغان گۈزەل پەزىلەتلەردىندۇر. چۈنكى بىلىم ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانچىلىق ئىكەنلىگىنى تونۇتىدۇ.بىلىمسىزلىك ئادەمنى مەنمەنچى،ھاكاۋۇر قىلىپ قويىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بالىلارنى تۇغۇپ چوڭ قىلىشلا ئەمەس! ساپالىق پەرزەنت تەربىيىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەيلى.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەر زوقلىنىدىغان ئاياللارم
2016-01-01 15:56:242670ئاياللار بۆلۈمىدە كۆپ كۆرىلىدىغان ياللۇغلىنىشلىق
2015-11-12 18:46:002122ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ؟
2016-01-29 13:44:082756بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-11-28 00:59:572150ئاپا ئايالىمغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلىڭ
2015-12-05 12:19:161962قايسى كەسىپنىڭ قىزلىرنى كەلتۈرمەك ئەڭ تەس؟
2015-12-23 17:32:343255بەزى يۇۋاش ئاياللار نىمە ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كىتى
2015-12-28 16:04:382680قىزلار كىم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك؟
2015-11-08 22:22:392002
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-