بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بەزى يۇۋاش ئاياللار نىمە ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كىتىدۇ؟
-
بەزى يۇۋاش ئاياللار نىمە ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كىتىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-12 ئاۋاتلىقى: 2461 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بەزى يۇۋاش ئاياللار نىمە ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كىتىدۇ؟
كۆپىنچە ئايال تويدىن كېيىنمۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىگە ھەسسە قوشىدۇ. ئۇلار كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى، بالا تەربىيەلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ چارچايدۇ. ئۇلار دەل مۇشۇنداق چاغلاردا باشقىلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا، كۆيۈنۈشىگە، كۈتۈشىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ ھەمدە ئېرى بىلەن يۈرۈۋاتقان چاغلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئايال ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرايدۇ، بىر چىرايلىق ئايالنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولۇپ توي قىلغۇچە نۇرغۇن يىگىت قوغلىشىپ باقىدۇ، بەزى ئاياللار دەل شۇ چارچىغان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنى شۇ ئۆيگە بەنت قىلىنغاندەك، شۇ ئۆينىڭ قۇلىدەك ھېس قىلىپ، قەلبىدىكى ئېرىگە بولغان ياخشى كۆرۈش ھېسياتىنى بارا-بارا سۇسلاشتۇرىدۇ-دە، ئەينى چاغلاردا ئۆزىنى قوغلاشقان كېلىشكەن يىگىتلەرنى ئويلاشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ.
ئاياللارمۇ چۈشىنىش ۋە قوللاشقا موھتاج. لىكىن بۇنداق ۋاقىتتا ئېرى ئەڭ ياخشى ئوبيېىكتىپ بولالمايدۇ. ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مۇھەببەت رىئال تۇرمۇشتا بارا-بارا سۇسلىشىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ بىللە تۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان ۋاقتى ئازىيىپ بارغاچقا، بىر-بىرىنى چۈشىنىش كەيپىياتىمۇ سۇسلىشىدۇ. ئاياللار ئادەتتە ئەرلىرىنىڭ يۇمۇرستىك، ئىشچان ئەمەسلىكىدىن، ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلمايۋاتقانلىقىدىن نارازى بولىدۇ، بۇ دەردىنى ئۇلار كىمگە ئېيتىدۇ؟ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىمنى كىم چۈشىنىدۇ؟ بەزى ئاياللار دەردىنى ئېيتىدىغان ئادەم تاپالماي ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى، يەنى بەزى ئاياللار بارلىقىنى بالىلارغا ئاتىۋىتىپ ئېرىنى ھېسيات جەھەتتە تاشلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە تۇرمۇش، خىزمەت، نىكاھ مۇناسىۋىتى، بالا تەربىيەلەش جەھەتلەردە يار-يۆلەك بولۇشى، چۈشىنىشى كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار شىپالىق دورا
2015-08-10 00:03:572568تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق كېسەللىكىن
2015-11-12 15:00:325368[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:21:4210483سېمىزلىك بالىياتقۇ راكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
2015-10-22 18:30:251757ئاياللاردىكى بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر
2015-08-19 12:04:217095[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:332935ئايالىڭىزغا ھەقىقىي كۆيۈنەمسىز؟ئاياللارئەرلىرىڭل
2015-10-18 12:00:412379ئەرلەر مەڭگۈ ئەسلەيدىغان ئاياللار مۇنداق بولىدۇ
2016-01-01 15:59:585425
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-