ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: ئېتىقاد-نىشان تەربىيەسى

[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمەت: ئېتىقاد-نىشان تەربىيەسى

ۋاقتى: 2016-10-15 ئاۋاتلىقى: 11471 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئايالدىن باشلانغان قىسمەت
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
ئۆزىنىڭ بۈگۈنىدىن نارازى ئادەم ھاياتلىق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقماقچى بولىدۇ، ھازىردىن قانائەت تاپمىغان خەلق، ئىمكانسىز رېئاللىق بىلەن غايە ئارىسىدىكى سىقىلىشتىن بىر چىقىش يولى ئىزدەيدۇ، بۇ تەخىرسىزلىكنى چۈشىنىش پەقەتلا بىرىنچى قەدەم، گەپ شۇ يولنى قانداق تېپىش، ئىشنى قەيەردىن باشلاپ نېمىلەرنى قىلىشتا.
يېنىمغا مەسلىھەت سوراپ، يول سوراپ، تەسەللىي سوراپ كەلگەن ئاياللار مېنى تەگسىز ئويلارغا باشلايدۇ. بىرلىرى بالىسىنى قانداق ئوقۇتۇش ھەققىدە، بىرلىرى ئۆزىنىڭ تاكامۇللۇقى ۋە مەڭگۈلۈك بەختى ھەققىدە، يەنە بىرلىرى ئېرىدىن ئازار يېگەن، كۆڭلى ئاغرىغان، تاشلىۋېتىلگەن بەختسىزلىكلىرى ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۆز بەختىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى چېتىۋالغان ئادەمنىڭ ئازابىمۇ كۆپ بولىدىكەن، بىر ئەلگە سۇلتان، بىر ئائىلىگە پاسىبان بولۇشقا تېگىشلىك، ئەمما ئۆز-ئەھلى ئايالىغا ئىگە بولالمىغان، توغرا يولغا باشلىيالمىغان ئەرلەرگە ئىنساب-دىيانەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى بىلدۈرۈش كېرەكقۇ؟ ئائىلىدىن ئىبارەت ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت ئورنىنى، يالتىراق، ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە تېگىشىپ، ئاياللىق ۋە ئانىلىقنىڭ ئۇلۇغ مەرتىۋىسىدىن نېسىۋېدار بولالمىغان ئاياللىرىمىزغا ھەقىقىي بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش كېرەكقۇ؟ ئاتا-ئانىسى ھايات تۇرۇپ، تەربىيەسىز قېلىپ ئىككى دۇنيالىق بەختىدىن قۇرۇق قېلىۋاتقان بالىلىرىمىزنى جەننەتنىڭ يولىغا باشلاش كېرەكقۇ؟ ئىشىكىدىن چىققانيۇ، بارار جايىنى ئويلاشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقان كىشىلەرگە ھاياتلىق كەينىدىكى يەنە بىر ھاياتلىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش كېرەكقۇ؟ تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلغان بۇ ئىزدىنىشلىرىم ئايال دېگەن بىر سۆزگە كېلىپ توختايدۇ، مەيلى قايسى تەرەپتىن يول ئىزدىمەكچى بولاي، بەختىمىز ۋە تەختىمىز، تەقدىرىمىز، يولىمىزنىڭ يورۇق ساھىللىرى ئايال ئاتلىق قىرغاققا تۇتىشىدۇ.
ئاياللار يېرىم دۇنيا دېيىشىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى، ئۆزىگە مۇناسىپ ھاياتلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئەزا ئىكەنلىكىگە قارىتىلغان، لېكىن شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بۇ يېرىم دۇنيا دەل قالغان يېرىمىنى تۇغقۇچى ۋە تەربىيلىگۈچىدۇر. مەن دىيانەتلىك ، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىلىملىك پەرزەنت تەربىيەلەش توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتمەكچى بولغىنىمدا پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ھالال-ھارام ، ھەق-ناھەقنى سۈتى بىلەن، ھەر بىر نەپەسلىرى بىلەن بالىغا سىڭدۈرىدىغان ئانا بولمىش ئايال تەربىيەسىدىن ئاتلاپ ئۆتەلمىدىم. مەن مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئۇل-ئاساسى بولغان ئائىلە توغرىسىدا سۆزلىمەكچى بولغىنىمدا پاكلىقى، دىيانىتى، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ئائىلىنى كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرالايدىغان، ئەكسىچە بولغاندا بۇزۇق تەبىئەتلىك پەرزەنت بىلەن چاك-چېكىدىن يىمىرىلگەن ۋەيرانە ئائىلىنى بىنا قىلىپ، بىزنى ھالاكەت قايناملىرىغا ئىتتىرەلەيدىغان، ئايال تەربىيتىنى دىققىتىمنىڭ سىرتىدا قالدۇرالمىدىم. ئۈممەتنىڭ ئىستىقبالىدەك چوڭ ئىشلارنى قويۇپ تۇرايلى، ئاددىيسى تۇرمۇشىمىزدىكى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىكى قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قېلىپنى بۇزۇش ياكى تۈزەشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم بىر مىللەتنىڭ دىنى ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئەنئەنىسى ئەڭ روشەن گەۋدىلىنىدىغان ئالاھىدە مۇراسىم شەكلى، ئەجدادلىرىمىز بۇلارنى ئۆز ئېتىقادىغا مۇناسىپ رەۋىشتە ئارتۇقچە ھەشەم-دەرەم، شۆھرەتپەرەسلىكتىن خالىي، ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىزنىڭ تويلىرىمىز ھەتتاكى ئۆلۈملىرىمىزدە پەيدا بولۇۋاتقان يېڭىچە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ئىجادچىسى دەل ئاياللاردۇر، نە بىر دىنىي ئاساسى، نە بىر دۇنياۋى مەنپەئەتى يوق بۇ قائىدە-يوسۇنلاردىكى پۇل-مال ئىسراپچىلىقى، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، زېھىن ئىسراپچىلىقى، نىكاھ بوسۇغىسىنى ئېگىزلىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى ئاشۇرماقتا. قىز-يىگىت تاللاشتىكى ئەمەل-ئۆلچەملىرىمىز قايرىلىپ قېلىپ، مال دۇنيا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغاچقا، دىيانەت، ئەخلاق-پەزىلەت، مېھىر-ۋاپا ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ تېز بولماقتا، مانا بۇ يېڭى قائىدە-يوسۇنلارنى ئىجاد قىلغان، يولغا قويغان، بەسلەشكەن ئاياللار، ئەرلەر بولسا ئەگەشكۈچىدۇر. ئايالنى تۈزىمەي تۇرۇپ، بۇ ئىللەتلەرنى تۈزىگىلى بولمايدۇ، بۇلارنى تۈزەش دەل ئاياللارنى تۈزەشتىن باشلىنىدۇ.
سۈرىيەلىك مەشھۇر ئۆلىما، دىنىي ئىسلاھاتچى ئەلى تەنتاۋى (1909~1999) بىر قېتىملىك لىكسىيەسىدە مۇنداق دېگەن: «ئەي قىزىم، مەن ھازىرغىچە 50 يىل ئۆمۈر كۆردۈم، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى كەزدىم، نۇرغۇن ياخشى-يامان ئىشلارنى كۆردۈم. نۇرغۇن ئىشلارنى تەجرىبەمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن بۇ گەپلىرىمنى مېنىڭ ئەللىك يىللىق تەجىرىبەمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم ساڭا نەسىھەت قىلىۋاتىمەن. ئادەملەرنى ئىسلاھ قىلىمىز، تۈزىتىمىز دەپ كۆپ كۈچىدۇق، ھەتتا تولا سۆزلەپ ئاغزىمىز تالدى، نۇرغۇن كىتابلارنى يازدۇق، قوللىرىمىز تالدى، قەلەملىرىمىز ئۇپرىدى. بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ كۈچىگەنسېرى ئادەملەردە ئەكسىچە بۇزۇلۇش كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەتتا بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ئېقىۋاتىدۇ، ئادەملەر جەننەتنىڭ ئىشىكىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەكسىچە دوزاخنىڭ ئىشىكىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ، كۆكرەك ئۇچۇقلۇق، بىھايالىق، شەرمى- ھايانىڭ كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىگى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە سوزۇلماقتا، بىز شۇنچە سۆزلەپ نىجات تاپالمىدۇق، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمىز دەپ گۇمان ھەم قىلمايمەن. نىمشقا، بۇنى بىلەمسەن، بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ شۇنچە نەسىھەت قىلىپ، شۇنچە دەۋەتلەرنى قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدۇق، ئەسلى بىز ئادەملەرنى كۆزىتىدىغان يولنى تاپالمىغان ئىكەنمىز، كىرىدىغان ئىشىكنى تاپالمىغان ئىكەنمىز، بىز ئىشىكتىن كىرمەي دېرىزىدىن كىرىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇق. ئادەملەرنى كۆزىتىدىغان يول قەيەردە؟ ئۇنىڭ ئىشكى قەيەردە؟ ئۇنىڭ ئاچقۇچى كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۈرگەن ئىكەنمىز، ئاخىرى بىلدۇقكى، ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا ئىكەن، ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنىڭ بېكىتى ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن.»
ئەپسۇس، بۇ ھەقىقەتنى بىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئەمەس، تېخىچە ئېڭىمىزدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خۇلاسىلەپ بېرەلمىدۇق. «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دېگەندەك قىز-ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىتىش، ئوقۇتۇش، ياخشى تەربىيەلەشتەك تەلىماتلار بۈيۈك دەستۇرلىرىمىزدا ئېنىق ئېيتىلغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك پەيلاسوپ ئالىملىرىمىز ئۆز ئەسىرىدە:
(4504) تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
(4506) ئوغۇل-قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ،
بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيالىق نەپ.
دېگىنىدەك كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، يېقىنقى زامان تارىخىدا مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم نۇقتىغا تازا ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلدى. مەشھۇر قازاق تارىخچى چوقان ۋەلىخانوف 1858~1859-يىللىرى شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغاندىكى بايانلىرىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىدىن چېچەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھالى بەك خاراپكەن، چۈنكى بۇلار ئاياللىرىنى ئوقۇتمايدىكەن» دەپ يازغان.
ھازىر مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن قىز-ئاياللار ئىلىم ئېلىش، ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەقىدە، ئادىمىيلىك، ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى ئەمەس، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىش، مەكتەپتىن مەكتەپكە ئۆتۈشنىلا ئۆلچەم قىلغان مائارىپ بىزگە كۈتكىنىمىزنى بېرەلمىدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئائىلىگە يۈكلىگىنىمىز، كۈتىدىغىنىمىز، مۇھتاجلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. ئەسلىدىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى تەربىيە ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئىنسان ھاياتىغا ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئۆچمەس تامغا باسىدىغىنى ئائىلە تەربىيەسى ئىدى، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئائىلىنى چوڭ بىلگەن، ھالال-ھارام چىگرىسى ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئەقىدە، ئەدەپ-ئەخلاق، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى، مۇكەممەللىكىنى روياپقا چىقارغان، ئەجداد ئىزىنى ئۆچۈرمەيدىغان، ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەپ، زاماننى-زامانغا ئىزلىغان، ئائىلىدە ئەر-ئەرگە، ئايال-ئايالغا ئوخشىغان، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بۇ ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزگە بىز قانچىلىق ۋارىسلىق قىلالىدۇق؟ ھازىر بىزنىڭ ئائىلە تەربىيەمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس، ھەممىمىز قاقشايمىز، ئىچىملىك-چېكىملىك ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىشى، ھەتتا ئەرلەرگە خاس قىلمىش سانالغان بۇ ئىللەتنىڭ قىز-ئاياللاردا كۆرۈلۈشى، ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، شەرمى-ھايا، مېھىر-ۋاپا كۆتىرىلىپ، كىشىلەردىكى بەخت تۇيغۇسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى بىز جاھاننىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ئارتىپ قويالمايمىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئوتتۇز خىل چارىسى بولسىمۇ، قورقۇنچاق ئادەم ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ياققان ۋە تاللىغان بىردىنبىر ئامال «قېچىش» بولغىنىدەك بارلىق مەسئۇلىيەتنى جەمئىيەتكە ئىتتىرىپلا قويالمايمىز، بىز كوچىغا تۇغۇلمىدۇق، بىزنى جەمئىيەت بېقىپ چوڭ قىلمىدى، بىزنىڭ كۆز ئېچىپ كۆرگىنىمىز ئائىلە بولدى، بىز تۇنجى سۆزنى ئائىلىدە قىلدۇق، تۇنجى تەربىيەنى، ئەدەپ-ئەخلاقنى، مېھىر-مۇھەببەتنى ئائىلىدە، ئانا پەرۋىشى، ئاتا نەسىھىتىدىن ئالدۇق، ئائىلىدىن ئالغان ئاشۇ خېمىر تۇرۇچ تەربىيە بىلەن ئاندىن جەمئىيەتكە، ھاياتقا يۈزلەندۇق.
– بالام بىر ئوبدان بالىتى، جەمئىيەتتىكى يامان بالىلارغا ئارىلىشىپ قېلىپ بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەرقانچە قىلىپمۇ گەپ ئاڭلىتالمىدۇق، مەكتەپتىن چىقىرىۋالايمىكىن، زادى مۇشۇنداق يەردە ياشىغاندىكىن ،- دەپ قاقشاۋاتقان ئانىغا شۇنداق دېدىم:
– يەر يۈزىدە مۇتلەق ياخشىلىق ۋە گۈزەللىككىلا تولغان جەمئىيەت مەۋجۇت ئەمەس، تاشقى مۇھىتنىڭ ئادەمگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئىي، ئەمما ئۇ ھەرگىز بىرلەمچى ئامىل ئەمەس، ئەگەر سىز ئېيتقاندەك بولىدىغان بولسا، بۇ جەمئىيەتتە ياشىغان ھەممە ئادەم بۇزۇلۇپ كېتىشى، بىرمۇ دۇرۇس ئادەم قالماسلىقى كېرەك، لېكىن ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، مەكتەپنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بالىڭىزدىكى تەسىرى سىزنىڭ تەسىرىڭىزدىن ئۈستۈن كەلگەن. سىزنىڭ تەربىيەڭىز بالىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتالمىغاچقا، بالا سىرتقى ناچار خاھىش بىلەن ئۇچراشقاندا، تەربىيەرىڭىز بوراندىكى مامكاپتەك توزۇپ كەتكەن، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ غەلىبىسى ياكى مەغلۇبىيىتى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ، ئائىلىنىڭ رولى دەل بالىلاردا سىرتنىڭ يامان تەسىرىنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدىغان روھى توغان، مەنىۋى پاسىل ياساشتا. تەلەپچان ئائىلە پەرزەنتلىرىگە بەرگەن ئەقىدە، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن غالىب كېلىدۇ، مانا بۇ ئائىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئاتا-ئانىنىڭ غەلىبىسى.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن، ئانا بىلەن ئاتا تەربىيەسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنداق، ئاياللارنى تەربىيەلىمەي تۇرۇپ، مۇكەممەل ئائىلىدىن، ياراملىق ئەۋلادتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئاياللارنى تەربىيەلىمەي تۇرۇپ، بۈگۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ شەرەپلىك بەتلىرىنى ئاچقىلى بولمايدۇ، مەۋجۇتلۇق ئېغىر سوئالغا ئايلىنىپ، ئالدىمىزغا قويۇلغاندا، بىزگە كېرىكى ئەيىبلەش- قاقشاش ئەمەس، دەبدەبىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن تەشۋىقاتمۇ ئەمەس، بەلكى بىزگە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشتە قايسى يول بىلەن قانداق مېڭىشنى كۆرسىتىپ بېرىش، بۈگۈن بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقان قىز-ئاياللار تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم.
ئاياللار تەربىيەسى بىزدە پەقەتلا ئەھمىيەت بېرىلمەيۋاتقان تېما، دېيىلگەن تەقدىردىمۇ يالتىراق شوئار، چىرايلىق گەپلەر دۆۋىسىگە ۋە ياكى تىللاپ قاقشاش بىلەن ئابىستىراكىت چۈشەنچىلەرگە تولۇپ كەتكەن، كونكرېت قەدەم باسقۇچلار كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن بايان قىلغان بۇ نۇقتىلار قىز-ئاياللىرىمىزغا بىر توغرا نىشاننى كۆرسىتىپ بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس.
1. ئېتىقاد-نىشان تەربىيەسى
جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ بىر سانىغا مۇنداق خەۋەر بېسىلغان، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جۇڭگودا يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا ئالاقىدار مۇناسىۋەتلىك دېلولار يىلسېرى كۆپەيگەن، بۇ دېلولارنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى جىنايەتچىلەر يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇپ، تۆۋىنى ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانىغا، يۇقىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە ئىكەن، بۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە، ئىلىمنىڭ ئىنسان زاتىنىڭ قەدرىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكى قىل سىغماس ھەقىقەت، ئەمما ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىلىمنىڭ ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قادىر ئەمەسلىگىمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت، ھەربىر قۇلۇپنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئاچقۇچى بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا شۇنداق بىر ئاچقۇچ باركى، جىمى قەلبلەر ئۇنىڭ بىلەن ئېچىلىدۇ، جىمى غەم-قايغۇ ئۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ، بارچە مۈشكۈلات ئۇنىڭ بىلەن ئاسانلىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ توغرا ئېتىقادتۇر. پەقەت ئېتىقاد يىلتىزىدىن كۆكلىگەن ھاياتلا ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۆتكۈنچى مەنپەئەتكە باغلىنىپ قالمىغان كامالەتلىك ھاياتتۇر، ئايال تەربىيەسىدىكى بىرىنچى قەدەم مانا مۇشۇ نۇقتىدىن باشلىنىدۇ.

ئېتىقادسىز ئايال ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ، ئېتىقادسىز ئايال پۇل ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېتىدۇ، ئېتىقادسىز ئايال دۇنيا ئۈچۈن خارلىققا مۇپتىلا بولىدۇ، ئېتىقادسىز ئايال مۇكاپات ۋە جازانى نەقتىن ئىزدىگەچكە، پىداكارلىق ۋە قۇربان بېرىشنىڭ قىممىتىنى ۋە ئەجرىنى چۈشەنمەيدۇ، ئېتىقادسىز ئايال ئۈچۈن قىلسا بولمايدىغان ئىش، بارسا بولمايدىغان يەر يوق، ئېتىقادسىز ئايالدىن بىز پەرزەنتنىڭ، خەلقنىڭ قاراڭغۇ تۈنلىرىنى كۆرىمىز، ئېتىقادسىز ئايالدىن يۈكسەك ئەقىللىقتىنمۇ چىقىش يولى تاپالمىغان جەمئىيەتنىڭ خاراپلىقىنى كۆرىمىز. 

مۇكەممەل ئېتىقاد، ئاياللارغا ئۆزىنى سۆيۈشنى، قەدىرلەشنى، ئىنساننى سۆيۈشنى، مېھىر-مۇھەببەت، ۋاپا-ساداقەت، غەيرەت-جاسارەت، ئالىي ھىممەت، سەمىمىيلىكلا ئېزگۈلۈكلەرنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىدىكى ماددىيەتتىن ھالقىتىپ چەكسىز مەنىۋىيەت لەززەتلىرىگە باشلايدۇ، چىن پۈتۈڭكى بىز ئارزۇ قىلغان شەرمى ھايالىق قىز، مەسئۇلىيەتچان ئايال، ئۇلۇغ ئانا ئۇنىڭسىز بارلىققا كەلمەيدۇ.
بىز «بىز بالىنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ» دەيدىغان ھېچبىر كىتابتا يوق قۇرۇق گەپ بىلەن قىزلارنى ئېلىم ئۆگىنىشتىن، ئېتىقادنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشتىن مەھرۇم قىلدۇق ياكى قىزلارنى مەكتەپكىلا تاشلاپ قويۇپ، ئاتا-ئانىدىن بۆلەك ھېچكىم بېرەلمەيدىغان ئادىمىيلىك ئەقىدە، ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەسىنى كەم قىلدۇق.
يېقىندا ئۈندىداردا 13 ياشلىق ئاقسۇلۇق بىر قىزنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن ئۆيدىن ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىققانلىقى، تاغىسى دۆڭكۆۋرۈكتە تۇتۇۋالغاندا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە قېچىپ كەتكەنلىكى، ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغلاپ تورغا مۇراجىئەت قىلىپ، قىزىنى جىددىي ئىزدەۋاتقانلىق ئېلانىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ مېنىڭ ئېسىمگە ئىككى يىل ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەردىن 16 ياشلىق قىزىنى ئېلىپ مەسلىھەت سوراپ كەلگەن بىر ئانىنى سالدى، ئۇ ئايال يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى: بۇ مېنىڭ چوڭ قىزىم، بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز بەك ياخشى، ئەر-ئايال ھەر ئىككىمىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. مۇشۇ قىزىم 14 ياشقا كىرگۈچە مەن شۇنداق خاتىرجەم ھالدا كۆڭلۈم خالىغان يەرگە بېرىپ، چاي ئولتۇرۇشتىن قالماي ئويناپ كۆلۈپ ياشىغان ئىدىم، شۇ يىلى قىزىم ئۆزىدىن چوڭ بىر ئوغۇل بىلەن قېچىپ كەتتى، شۇندىن بۇيان مېنىڭ كۈلكەم، ئويۇن تاماشالىرىم توختىدى، كۆزۈمدىن ياش قۇرىمىدى، ھەر تەرەپتىن ئىزدەپ تاپالمىدۇق. ئەل-جامائەت ئىچىدە يۈزۈم يەر بولدى، ئاخىرى تېپىپ ئۆيگە سولاپ قويساق، يەنە قېچىپ كەتتى. يەنە تېپىپ كەلسەك ئاشۇ بالا بىلەن توي قىلمىسام ئۆلۈۋالىمەن، دەپ قورقۇتۇپ، ئاخىرى ئامالسىز 14 ياشلىق قىزىمنىڭ تويىنى قىلىپ قويدۇق. بۇ يۈرەك ئاغرىقىم، ھەسرىتىم تېخى بېسىلماي تۇرسا، بىر يىل ئۆي تۇتۇپلا ئاجرىشىپ ئۆيگە كىلىپ ئولتۇردى، ھېلىقى بالا ئىككى كۈندە بىر يارىشىمەن دەپ كېلىۋېلىپ، ئۇچۇر يوللاپ بىزگە ئاراملىق بەرمىدى. كۆزدىن يىراق تۇرساق قوتۇلىمىزمىكىن دەپ بۇ يەرگە چىقتۇق، ياخشىراق بىرەر كەسىپ ئۆگىتىدىغان يەرگە بىرەي، دېسەم، گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىمەن دەيدۇ. قىزغا سەپسالدىم. يوتىسىنى ئاران ياپقان قىسقا كۆينەك بىلەن قېنىق گىرىم قىلىۋالغان، ئەسلى يېشىدىن خېلىلا چوڭ كۆرۈنەتتى.
ھەر ئىككى ئانىغا ئىچىم ئاغرىدى، ئەمما بۇ ئىچ ئاغرىتىش ئۇلارنىڭ پەرزەنتىگە ئەڭ زۆرۈر تەربىيەنى بېرەلمىگەن، قىزلىرىنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە ھاياتنىڭ رەڭگارەڭ ئېزىتقۇلىرىدىن قوغداپ، ئىززەت-ھۆرمەتلىك، بەختىيار ھاياتقا ئىگە قىلالمىغان خاتالىقىنى ياپالمايتتى. بۇ مەن يولۇقتۇرغان كىچىككىنە مىسال. ئەتراپىمىزدا ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىنىپ، تاپتىن چىقىۋاتقان قىزلار، ئەركىنلىك ئىزدەپ، كۆڭۈل خۇشى ئىزدەپ ئائىلىنىڭ سىرتىغا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان ئاياللار تولۇپ تۇرۇپتۇ. دېيىشتىن تىلىمىز كۆيسىمۇ، دىيارىمىزدىن ئېشىپ، شەھەر ئاتلاپ، ئىچكىرىنىڭ مېھمانخانا، تانسىخانىلىرىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان پاھىشە ئاياللار ئاز ئەمەس. جەمئىيەتشۇناسلار، پىسخولوگلار، قانۇنشۇناسلار، مائارىپشۇناسلار يۇقىرىقى ھادىسىلەرنى بەلكىم تۈرلۈك نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ قوشۇمچە سەۋەبلەر، ھەقىقەت شۇكى، مۇسىبەتلىرىمىزنىڭ يىلتىزى ئاياللىرىمىزغا ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئەقىدىنى تىكلىيەلمىگەنلىكىمىزدە، سۆزىمىز بىلەن، ئەمەلىيىتىمىز بىلەن، ھاياتىمىز بىلەن ئۇنى سىڭدۈرەلمىگەنلىكىمىزدە.

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى