بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىزلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەتلا بىر خىل: ئۇ بولسىمۇ توغرا ئادەمگە ياتلىق بولۇش
-
قىزلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەتلا بىر خىل: ئۇ بولسىمۇ توغرا ئادەمگە ياتلىق بولۇش
ۋاقتى: 2016-07-05 ئاۋاتلىقى: 1696 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىزلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەتلا بىر خىل: ئۇ بولسىمۇ توغرا ئادەمگە ياتلىق بولۇش
ئەگەر سەن قىز بالا بولساڭ، چوقۇم كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرەڭنى كونترول قىلشنى ئۆگىنىۋال، چۈنكى سەن ئوغۇللاردەك ھەرقانداق ئادەم بىلەن دوست بولۇپ كېتەلمەيسەن، مەيلى ئۇ سېنىڭ خىزمەتدىشىڭ بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئادەم بولسۇن. بۈگۈن بىرسى بىلەن كۆرۈشۈپ چاي ئىچىپ ئەتە يەنە باشقا بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تاماقتا بىللە بولۇپ يۈرسەڭ... بۇنداق كۈنلەر ئۇزارغانسېرى سەن كىشىلەرنىڭ نەزىدە شاللاق قىزلارغا ئايلىنىپ قالىسەن. شۇنداق بەلكىم سېنىڭ تۇنۇشلىرىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سېنىڭ ھەقىقىي دوستۇڭ بولمايدۇ.
ئەگەر سەن قىز بالا بولساڭ، ھەرقانداق بىر ئوغۇل بالىنىڭ ساڭا بەرگەن سوۋغاتلىرىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلما. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئۇ سېنىڭ توي قىلىدىغان يىگىتىڭ بولسا باشقا گەپ. مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: باشقىلاردىن نەپكە ئېرىشىشنىلا ئويلىما، بولمىسا ھامان بىر كۈنى ئۆزۈڭ زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىسەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىگىنى بار. ھەرقانداق پۇلى كۆپ ئوغۇللارنىڭ ئىدىيەسىدە بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى پەقەتلا مەبلەغ سېلىش، سەللا ئېھتىيات قىلمىساڭ سېنىمۇ مەبلەغ سېلىۋېتىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇ ھامان تەننەرخنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ھەتتاكى سېنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. دېمەك: «جاھاندا بىكارغا چۈشلۈك غىزا يوق» ،جەمئىيەت قاراڭغۇ كاللىڭىزنى سەگەك تۇتۇڭ قىزچاق.
ئەگەر سەن قىز بالا بولساڭ، ھەرگىز ئەرزان تۆۋەن باھالىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمىگىن، ئەلۋەتتە چوقۇم قىممەت باھالىق داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگىن دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى ئېھتىياجىڭغا قاراپ نورمال بولۇشى كېرەك. ئەرزانراق بولسا مەيلى لېكىن يايمىدىكى سۈپەتسىز ساختا ماللار بولمىسۇن. چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ چىراي ۋە بوي بەستىڭنى ئۆزگەرتەلمەيسەن، لېكىن كىيىم-كېچىكىڭگە ئېتىبار بېرىشىڭ كېرەك.
ئەگەر سەن قىز بالا بولساڭ، ھەرۋاقىت ئۆزۈڭنىڭ يۈرۈش تۇرۇشۇڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭ كېرەك. ئادەتتە تۇرغاندىكى تۇرۇش ھالىتىڭ، ئولتۇرغاندىكى ئولتۇرۇش ھالىتىڭ، ھەتتاكى يول ماڭغاندىكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرىڭ، ھەرگىز ھورۇنلۇقنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلما. ئەتراپىڭدىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋىتىمىز يېقىنغۇ دەپلا ئىختىيارىڭچە ئىش كۆرۈپ ئۆزۈڭنى كېرەكسىز كۆرسىتىپ قويمىغىن، ئىختىيارىچە ئىش-ھەرىكەتلەرنى پەقەت ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭنىڭ ئالدىدىلا قىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر سەن ئايال كىشى بولساڭ، ھەرگىزمۇ «ئەر-ئاياللار باراۋەر» دېگەن ئىدىيەگە ئالدىنىپ يۈرمە. «ئەر-ئاياللار باراۋەر» دېگەن بۇ سۆز پەقەت سىياسىئونلارنىڭ شۇئارى، ھەمدە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانى. لېكىن بۇ نىشان جەمئىيىتىمىزدە مەيلى شەرق ياكى غەرب ئەللىرىدە بولسۇن پەقەتلا ئەمەلگە ئېشىپ باققان ئەمەس، چۈنكى جەمئىيەتتە يەنىلا ئەرلەر يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر سەن ئەقىللىق بولساڭ، ئۆزۈڭ ئارىلاشقان ئەر كىشىلەرگە كۆپرەك يول قويۇشنى ئۆگەن، ئامال بار ئاز سۆزلەپ كۆپرەك ئىش قىلىشنى ئۆگەن. ھەرگىزمۇ ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرمىغىن، بولۇپمۇ ئۆزۈڭنىڭ يولدىشىڭنىڭ ئالدىدا...سەن چوقۇم ئۇنى كۆپرەك ھۆرمەتلىشىڭ كېرەك. پەقەت يولدىشىڭ ياراملىق بولغاندىلا ئائىلەڭ تېخىمۇ خاتىرجەملىككە تولىدۇ سەنمۇ بەختنىڭ تەمىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايسەن.
ئەگەر سەن قىز بالا بولساڭ، چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭ بولۇشى كېرەك. چىرايلىق بولمىساڭ كېرەك يوق، ئەمما سەندە ياخشى مىجەز خۇلق بولسۇن؛ ياخشى مىجەز خۇلقىڭ بولمىسا كېرەك يوق، ئەمما سەن چېچەن ئەقىللىق بول؛ ئەقىللىق بولمىساڭ كېرەك يوق، ئەمما سەن ئەخلاقلىق بول، ئىشچان بول؛ ئىشچان بولمىساڭ كېرەك يوق، ئەمما سەن قابىلىيەتلىك بول؛ ئەگەر قابىلىيىتىڭ بولمىسىمۇ كېرەك يوق، ئەمما سەن ئۆز نېسىۋىڭگە شۈكرى قانائەتچان بول... قىسقىسى، سېنىڭ ئالدىڭدا 10 قازان بولسا، سەن ئۇنىڭ ھەممىسىنى قاينىتىپ بولۇشقا كاپالەت بېرەلمىسەڭمۇ، لېكىن ئاز دېگەندىمۇ بىرسىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالىشىڭ كېرەك.
ئەگەر سەن قىز بالا بولساڭ، توغرا ئادەمگە ياتلىق بولۇش ھەممىدىن مۇھىم. سەن كونىلارنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئېسىڭدە تۇتۇشۇڭ كېرەك: «ئەر كىشى ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان كەسىپنى قىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، ئايال كىشى خاتا ئادەمگە ياتلىق بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ.» بەلكىم ئاللىبۇرۇن بۇ سۆزنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغان بولۇشىڭ مۇمكىن، لېكىن ھازىرقى مەسىلە ئۇلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە بايلىقى، ئەخلاقى ۋە كىشىلىك ئورنىنى، ئىستىقبالى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنى قانداق مۆلچەرلەش... ئەگەر قىممەت باھالىق ئېسىل ماشىنا ھەيدىگەن پۇلدار خوجايىن بىلەن ۋېلىسپىت مىنىدىغان نامرات بىرى بىرلا ۋاقىتتا ساڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلسا، سەن زادى قايسىسىنى تاللايسەن؟ سەن ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە يادلىق بولامسەن ياكى ئۇنىڭ پۇل-مال بايلىقلىرىغىمۇ؟ شۇنى ئېسىڭدە ساقلىغىنكى ئەر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆپ خىل بولىدۇ. لېكىن ئايال كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەتلا بىر خىل: ئۇ بولسىمۇ توغرا ئادەمگە ياتلىق بولۇش.
مەنبە: تور دۇنياسىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش ۋە ئۇنىڭ ئالام
2015-12-10 19:02:033225چۈنكى بىز ئايال
2015-12-12 12:17:491964ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئاياللارنىڭ ئىڭرىشى بۇز
2015-11-29 14:49:503753زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (8)
2014-11-16 14:25:081290ئاياللار ساغلاملىق گۆھىرى فىرانسىيە خانزادىلەر گ
2015-12-10 13:40:452282ھامىلىدار ئاياللار چىشى ئاغرىغاندا
2015-08-12 16:58:081510ئاياللار كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ كەسپىي ھەم ئۈنۈملۈك
2015-10-04 23:17:042904ئوغۇللار قىز دوستلىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىنى ئەڭ ياق
2016-01-04 17:23:012308
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-