ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (8)

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (8)

ۋاقتى: 2016-01-10 ئاۋاتلىقى: 1296 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خۇشتار ، سەن شۇنى بىلگىنكى مەن مۇشۇ كۈنلەردە ئاجايىپ باتۇرلۇق بىلەن ھەربىر قەدىمىمنى چىڭ دەسسەپ كېتىۋاتىمەن . نەچچە ۋاقىتتىن سېرىق چاچلىق ئايالنى كۆرسەم يۈرىكىم ئاغرىيتتى ، ھېلىقى كۈندىن كېيىن موتسىكلىتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسام ، يۈرىكىم پەسكە تارتقاندەك چۆچۈيدىغان بولۇپ قالدىم . سېنىڭ نامەرتلىكىڭگە ھەيرانمەن . ئىشىك ئالدىمدىن سېرىق چاچلىق مەشۇقىڭنى ئارقاڭغا ئولتۇرغۇزۇپ موتسېكلىت بىلەن غۇيۇلداپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى كۆرگىنىمدە ، يۈرەكلىرىم تىتما – تىتما بولۇپ ، خۇددى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتىم ! خۇشتار مېنى ئۆزۈڭنىڭ يۇرتىغا ئەكىلىپ ، بۇنداق كۈنلەرگە قويغۇدەك مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان بولغىيتتىم ؟ ! …
— ئاپا ، دادام يەنە ھېلىقى خوتۇن بىلەن موتودا ئۆتۈپ كەتتى ! دىليارنىڭ يىغا ئارلاش مەيۈس ئاۋازى مېنىڭ يۈرەكلىرىمنى پارە – پارە قىلىۋەتتى .
— جېنىم قوزام ، سېنىڭ كىچىككىنە يۈرىكىڭمۇ ئاشۇ لەنىتى داداڭنىڭ قىلمىشلىرىغا چىدىماپتۇدە ؟ ! مەن شۇنداق ئازاپ بىلەن دىليارنى باغرىمغا باستىم .
— بالام ھىچقىسى يوق ، داداڭ مېنى تاشلىۋەتكەن بىلەن سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ ، سىلەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ .
خۇشتار ، مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ قەلبىدىكى دادىسىنىڭ ئوبرازىغا توپا قونۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم . سەن بالىلارنى بولسىمۇ سۆيگىن ! خۇشتار ، ئائىلىدىكى ئىشلار ، مەكتەپتىكى ئالدىراشچىلىق ، كۆڭلۈمدىكى پاراكەندىچىلىك بىلەن يېقىندىن بۇيان ئەينەككە سەپ – سېلىپ قارىماپتىمەن . قارىغىنە ئەينەكتىكى ئاشۇ مەنمۇ ؟ بىر چاغلاردا مەكتەپنىڭ سەھنىلىرىدە گۈلدەك چىرايىم ، يېقىملىق ئاۋازلىرىم ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا ئۆتكۈزگەن شېئىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىلىرىدە يازغان شېئىرلىرىمنى جاراڭلىتىپ دىكلاماتسىيە قىلىپ ، يىگىتلەرنىڭ غايىۋانە ئاشىقىغا ئايلانغان ، قاراكۆز ، قاراقاش ، قارا تەبىئى بۈدرە چاچ … زىلۋا بوي مەڭزىلىرىمدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان چىمەنگۈل شۇمۇ ؟ ! تۈگىشىپلا كېتىپتىمەن . ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن دەرس ئاڭلىغىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بىزدىن بىر يىل يۇقۇرى ئەدەبىيات سىنىپىدىكى ئەكپەر ئېسىڭدىمۇ ؟ ئۇ مېنى تونۇيالماي قالغىلى تاس قالغانلىقىنى دىمىگەن بولسا ، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنچە ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيدىكەنمەن …
— چىمەنگۈل ، بۇ يەردە بەكمۇ نابۇت بولۇپ كېتىپسىز … ئۆز ۋاقتىدا ئەجەپمۇ …
— قىزلار قىز پېتى تۇرىۋېرەمتى ؟ ئانا بولغاندىكىن چوقۇم ئۆزگۈرىمىز – دە ؟ بالىلىرىم كىچىك ، شۇڭا ئازراق ئورۇقلاپ كەتتىم ، بۇنىڭلىق بىلەن نابۇت بولۇپ كەتمىگەندىمەن ؟ — دېدىم ، ئۇنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك سۆزلىرىنى بۆلۈپلا !
— ياق ، سىز مەكتەپتىكى چاغدا ، ھەر جەھەتتىن بەك قابىلىيەتلىك ئىدىڭىز … بۇ يەردە ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ قاپسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشتىمۇ …
— تەقدىر پىشانە دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ … ھېچقىسى يوق ، مەن يەنە كۆڭۈلۈك ياشاپ كېتىۋاتىمەنغۇ ؟ !
خۇشتار ، مەن بىر چاغلاردا ياراتمىغان ئەكپەر ئەمدى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ، تەقدىرىمگە ئەپسۇسلانغاندا ، تېشىمدا كۈلۈمسىرىۋاتقان بولساممۇ ، يۈرىكىم ئۈنسىز ئۆكسىيتتى . سەن مېنى ئاجايىپ بىچارە قىلىپ قويدۇڭ ھە ؟ !
ئەينەككە قارپ ئولتۇرۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم . چۈنكى مەن ئەكپەر تونۇيالمىغۇدەك ئۆزگۈرۈپ كېتىپتىمەن . يىغلاپ ئىچىم بوشىغاندىن كېيىن ، چاچلىرىمنى تاراپ ، يۈزلىرىمدىكى داغلارنى يېپىش ئۈچۈن ، ئازراق ئۇپا سۈرتۈپ ، لەۋلىرىمگە لەۋ سۈرىغى سۈرتىۋېتىپ ، ياتاق ئېسىمگە كېلىپ قالدى . ياتاقتا ئەتىگەنلىكى قىزلار ئەينەك تالىشىپ كېتەتتۇق .
— چىمەن ، سەن گىرىم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ ، — دەيتتى رەھىمە .
— نىمىشقا ؟ — دېسەم
— سېنىڭ گىرىمىڭ ئۆزۈڭ بىلەن تۇرسا ؟ …
مانا ئەمدى ئەينەكتە ھېلىقى رەڭلىك چىمەن قېنى ؟ خۇشتار ، بەك چارچاپ كەتكەن بولسام كېرەك ، تۈنۈگۈن ئىش ئۈستىدىلا ئايلىنىپ كېتىپتىمەن . بىر چاغدا ھۇشۇمغا كەلسەم دوختۇرخانىدا ياتىمەن . شۇنىڭ بىلەن مەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم . بالىلارغا خوشنام قاراۋاتىدۇ ، مەن دەرىزە تەكچىسىدىكى ئاشۇ ئەتىرگۈلگە قاراپ ئۇزاقتىن – ئۇزاق خىيال سۈرىمەن . بۈگۈن تەكچىدىكى گۈلگە قاراپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم . چۈنكى ئۇ گۈل سولىشىشقا باشلاپتۇ . ئۇنىڭ نەچچە تال گۈل بەرگى پەستە تۇرىدۇ . مەنمۇ كۈندىن – كۈنگە ئاشۇ گۈلدەك سولىشىشقا باشلىدىم . توۋا ، دوختۇرخانىغا كەلمەستە ساقلا ئىدىم ، ئەمدى ئوكۇل – دورىلار بىلەن كېسىلىم ئېغىرلاپ كېتىۋاتامدۇ نىمە ؟ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ، ئۆيدە ئىككى بالام ، مەكتەپتە يەنە ئوتتۇز نەچچە ئوقۇغۇچۇم ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرسا ، مەن بۇ يەردە يېتىۋېرەمدىمەن ؟ مەن چىقىپ كېتەي .
— سىز چىقىپ كېتىشنى ئويلىماي ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز كېرەك ، — دېدى دوختۇر كەسكىنلا . پۇت – قولۇمدا جان قالمىدى ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى …
— نېمە دەيسىز ، دوختۇر ، مەندە باشقا كېسەل …
— ياقەي ، تېخى ئېنىق ئەمەس ، ئاشقازىنىڭىزدا بىر داغ ئېنىق ئەمەس …
مەن ئۈن – تىنسىز ئوڭدامدا ياتاتتىم . شۇ تاپتا ھېچنىمىنى ئويلىيالمايتتىم . پەقەت ئاشۇ بىچارە بالىلىرىم …
— چىمەنگۈل ، ئاخشامنىڭياقى دىليارجان ئۆيگە كەلمىدى ، ئىزدەپ بارمىغان يېرىم يوق ، ئاخىر بولماي بۇ يەرگە كېلىشىم . قوشنام ناھايىتى ئەنسىز ھالدا ئالدىمدا تۇراتتى .
— نىمە ؟ دىليار يوق ! پۈتۈن جاھان پىرقىراپ كەتتى … مەن بالامنى ئىزدەپ چىقىپ كەتتىم .
خۇشتار ، ئوغلۇم دىليارنى ئىزدەپ گۇاڭجۇغا كېتىۋاتىمەن ، ئەگەر ئوغلۇمنى تاپالمىسام قانداق قىلارمەن ؟ …
20 – سېنتەبىر تۇرپان
(17)
گۇاڭجۇغا كەلگىلى بەش ئايدىن ئاشتى ، پۇللىرىم تۈگەپ ، بىر ئاشخانىغا ياردەملىشىپ ئىشلەۋاتىمەن . توۋا ، سەن ئوغلۇڭدىن ئەنسىرەپ قويۇشىڭ كېرەك ئىدىغۇ ، تېلېفۇن قىلىپمۇ قويمىدىڭغۇ ؟ ھەيرانمەن ، ساڭا بەك نەپرەتلىنىۋاتىمەن ، ۋىژدانىڭ ئالدىدا شۇنداق ۋەدە قىلىمەنكى ، سەن مېنىڭ بېشىمغا سالغان بۇ روھىي سەرسانلىقنى ، بۇ ئازاپلارنى ، كۆز ياشلارنى … ئاللاھ بىر كۈنى ساڭىمۇ كۆرسىتىپ قويىدۇ . ئەگەر سەن ئەركەك بولغان بولساڭ ، بۇرۇنقى سۆيگەن ئادىمىڭدىن ، ئىككى بالاڭنىڭ ئانىسىدىن كەچسەڭمۇ ، ئۆز پۇشتۇڭدىن كەچمەسلىكىڭ ، تانماسلىقىڭ كېرەك ئىدى . ئەمدى قەلبىمدە ساڭا پەقەت نەپرەتلا قالدى … مۇشۇ كۈنلەردە ئ رەھمەتلىك ئانام تولا چۈشۈمگە كىرىپ مېنى يېنىغا چاقىرىۋاتىدۇ ، مەن دائىم تەييارلىقىم يوق ، مەنتەييارلىق قىلىۋالاي دەپ ئويغۇنىپ كېتىمان … چۈشىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم چاقىرىپ چۈشىسە ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ ئاڭلايتتىم .ئەگەر شۇنداق بولۇپ ئەجىلىم توشۇپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن ؟ بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرىممۇ پۈتمىدى ئۇ دۇنيانىڭمۇ ھېچقانداق تەييارلىقىنى قىلالمىدىم . ساڭا ئەقىدە قىلغىچە ،ساڭا مۇھەببەت باغلىغىچە ،سەن ئۈچۈن ياش تۆككىچە ، ياراتقان ئىگەمنى سېغىنسامچۇ؟ گۇناھلىرىمنى تىلەپ ئاللاغا يىغلىسامچۇ ؟ ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرى بويىچە ئېتىقادىم بىلەن ياشىغان بولسامچۇ ؟! ئەمدى ۋاقتىم توشۇپ قالغاندەكلا ،ئالدىراپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن گۇاڭجۇ 10 – فېۋرال
ئىستەكلىرىم تۈگىدى خوراپ ،
كۆڭلۈم قالدى ئارزۇلاردىن ھەم .
سۆيگۈ بېغىم قالدى قاغجىراپ ،
ھەسرەت ئەلەم قىينار دەممۇدەم .
بەخت ھىدىنى ئەپقاچتى قۇيۇن ،
تۇرمۇشۇمدا نە لەززەت نە تەم .
مەھبۇبەڭدىن كەپسەن يول سوراپ ،
ئىنتىزار بولۇپ كۈتەر ئۇ سەنەم .
پەرزەنت تۇرار يولۇڭنى توراپ ،
سېرىق يۆگەي سەن ئۈچۈن بىر غەم .
پىشانەمنى شور قىلدى قىسمەت ،
نادامەتكە بولۇپ كەتتىم يەم .
ئىخلاسلىرىم كەتتى ھالسىراپ ،
كۈكۈم – تالقان بولدى ئەقىدەم .
ئۈمىدلىرىم ياتار قانسىراپ ،
غۇلاپ كەتتى كۆڭۈل ئابىدەم .
مۇخلىسلىقىم ئەسلىتەر سېنى ،
دىلدا گۇمران بولغان مەھبۇبەم .
ئاچا يولدا تۇردۇم گاڭگىراپ ،
پۇتلىرىمدا كېسەكلىرىڭ نەم .
ئۆلدى قەلبىم چېكىپ ئىزتىراپ ،
تۇيۇق يولدا قالغان ئۇ جەسەت .
كۆمدۈم بۈگۈن قىساسقا ئوراپ ،
سەن قازغان گۆر پۈتكىلى نەۋاق ! …
خاتىرىنىڭ داۋامى يېزىلمىغان ئىدى . خاتىرىنى يېپىپ قويۇپ كۆڭۈلسىز بىر ھالەتتە ئولتۇردۇم . ئىشىك چېكىلدى .
— مېنى كەچۈرۈڭ چولپان ھەدە ، مەن زادىلا بىلمەپتىمەن ، تۈنۈگۈن بىزنىڭ چايدىكى چوكانلار سىزنىڭ مۇرات ئاكام بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئېيتقاندا مەن ئىشەنمەستىن : << توۋا دەڭلار ئۇلارنىڭ ئائىلىسى شۇنداق تېنچ ، بىرەر قېتىم چىنە – قوشۇق ئۇرۇلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ، قوشنا بولغان نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلار بىزنىڭ جىدىلىمىزنى ئايرىپلا كېلىۋاتىدۇ >> دەپتىمەن . بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈۋېتىپ سىڭلىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ، بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلىپ ھەيرانلىقىمنى باسالمىغان ھالدا بۇ يېڭى ئۆيىڭىزگە سىزدىن ھال سوراپ كېلىشىم . چولپان ھەدە ، مۇرات ئاكام شۇنداق يۇۋاش تۇرسا ، نىمىشقا ئاجرىشىپ كەتتىڭىز ؟ — قوشنام كۆزلىرىمگە تىكىلدى .
بۇ مەن ئاجراشقاندىن بۇيان ئۇچرىغانلا ئادەمنىڭ بەشىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنىڭ سورىغان سۇئالى ئىدى .
— جىنىم سىڭلىم ، بۇ سىزگە ئوخشاش بىر تۇرمۇشلۇق بولۇپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچىكىنى تېتىغان ئادەملەرنىڭ سورايدىغان سۇئالى ئەمەس ئىدى ، ئەمما سوراپ قالدىڭىز جاۋاپ بېرەي ، مەن قىز چاغلىرىمدا ھېلىغۇ ئېرىدىن ئاجرىشىشكەن ھەتتا يۈرگەن يىگىتىدىن ئايرىلىپ ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا ئىش – پەش تارتىشىپ يۈرگەن قىزلارنىمۇ يامان كۆرەتتىم . ئۆزۈممۇ شۇ بىر يىگىتنىلا ياخشى كۆرۈپ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئەمما ، پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن تەغدىر – قىسمەت سىزنىڭ ئارمانلىرىڭىزغا باقمىسا نىمە ئامال ، مانا ئەمدى مەن ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل خوتۇن بولۇپ قالدىم . سىز دەپ بېقىڭە كىم كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنى خالايدۇ ؟ — دېدىم .
— ئۇ دىگىنىڭىزغۇ ھەق ، مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز ، مەن يولدىشىم بىلەن ئاتا – ئانىمىز قوشۇلمىسىمۇ ئۇنىماي توي قىلغان ئىدۇق . ئون يىل بوپتۇ ، ئۇرۇشتۇق ، تالاشتۇق ، ھەتتا تاياقلىرىنى يەپمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمىدىم ، ئويلىسام ئۇ مەست بولۇپ قالغاندا مېنى رەنجىتكەن بىلەن ئوڭشالغاندا يەنە كۆڭلۈمنى ئېلىۋالىدىكەن ، — دېدى قوشنام ئكز تۇرمۇشىدىن رازى بولغان ھالدا .
— ھە ھاراقكەش ، ھېلىقى كۈندىن كېيىن قانداقراق ، — دېدىم ئۇنىڭ ھېلىقى كېچىدىكى مەست ھالىتىنى ئېسىمگە ئېلىپ .
— ۋاي جېنىم ھەدە ، ئەركىشى دىگەنچۇ تومۇرچى بولىدىكەن ، شۇنىڭدىن كېيىن يىپتەك ئوڭشىلىپ كەتتى ، بەزىدە بىرگە ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ قويىمىز دەڭە ، ھاھاھا …
قوشنامنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ قىزىمنى ئۇخلاتقاچ ، بۇنى زۇمرەت دىگەندەك راست زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى دەپ ئويلاپ قالدىم .
مەن يەنە ئىشخانام بىلەن يېڭى ئۆيۈم ئارلىقىدىكى يولدا خىياللىرىم بىلەن بېرىپ كېلىۋاتقىلى بىر يىل بولۇپ قاپتۇ . ئەمدىكى خىياللىرىمدا بۇرۇنقىدەك رومانتىك ئارمانلار ياكى ئۆتۈپ كەتكەن بەختسىز كەچۈرمىشلىرىم ئۈستىدە ئەمەس ، يارالمىشىم توغرىسىدا مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن ؟. مەن راستلا مۇسۇلمانمۇ ؟ مۇسۇلمان ناماز ئوقۇپ روزا تۇتسىلا مۇسۇلمان بولامدىغاندۇ ؟قانداق قىلغاندا زۇمرەت دېگەندەك مۆھمىن مۇسۇلمان بولغىلى بولىدىغاندۇ ؟دېگەندەك سۇئاللار ئۈستىدە توختىماي پىكىر قىلىدىغان ،بولۇپ قالدىم . .ئەمدى بۇرۇنقىدەك رېستۇرانلارغا چايلارغا ،ۋالىسلارغا قىززىقمايدىغان ،بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندەك مەنىسىز بىلىنىدىغان ، دۇنيادا بەك يالغۇز قېلىۋاتقاندەك ، كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دەيدىغان مېنىڭ سۇئاللىرىمنى يېشىپ بېرەلەيدىغان بىر سۆھبەتداشقا مۇھتاج بولىۋاتاتتىم . . يالغۇزدەك خىيال بىلەن كېتىۋېتىپ كېچە كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلەپ قالدىم .
سەھەر چۈشۈمدە يەنىلا قىزلار بىناسىنىڭ 324 – ياتىقىدا قىزىل كىليۇنكا داستىخان سېلىنغان ئۈستەلدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىۋاتقاچ ۋىچىرلاپ سۆزلىشىۋاتقىدەكمىز . << يازغۇچى بولسا ئاشۇ كەرىمە نادىردەك بولسا ، نەچچە كۈندىن بېرى < سامان يولى > نى ئوقۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم >> ، — دېگۈدەك رەھىمە ئويماقتەك ئاغزىنى چىرايلىق ھىمىرىپ تۇرۇپ ، << يائاللا ، بىچارە تۇغقىنىم كەرىمەنىڭ مۇشۇ ئەسىرىگە شۇنچە قىلغىنىڭغا قارىغاندا ، مېنىڭ ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنسا كىتاۋىمنى قوينۇڭغا سولاپ ياتامسەن نىمە ؟ >> دېگۈدەك چىمەن چىرايلىق كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇپ . << ئىشقىلىپ يازغۇچى بولساڭ چوقۇم كەرىمە نادىردەك يازغۇچە بول جۇمۇ ؟ >> دېگۈدەك رەھىمە . << نىمىشقا ئۇنداق بولغۇدەكمەن ؟ مەن ئۆزۈمدەك يەنى چىمەنگۈل مۇھەممەتتەك يازغۇچى بولمامدىم ! >> . << قىزلار بولدى گەپ تالاشماڭلار ، سائەت توشتى دەرسكە ماڭايلى ، مېنىڭ ئايىغىم يوققۇ ؟ قايسىڭلار … مەن شۇنداق ئالدىراش ئايىغىمنى ئىزلەۋاتسام ، — چولپان سېنىڭ ئايىغىڭنى مەن كىيىۋالغانتىم ، ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي ، دەپ رەھىمە قولىدا مېنىڭ ئاق توپلىيىمنى ماڭا سۇنۇۋاتقۇدەك …
_ چولپان سەن قېنى ؟ مەن ئاياقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە قارىسام زۇمرەت ئاپپاق كۆڭلەك كىيىپ كىرىپ ماڭا : – قارا ماۋۇ ياغلىقتىن ياخشى كۆرۈپ ئالغانتىم ساڭىمۇ بىرنى ئالغاچ كەلدىم چىگىپ باقە ،ساڭا تازا يارشىدۇ دەۋاتقىدەك مەن ياغلىقنى قولۇمغا ئالغاچ :
_ توۋا نەچچە كۈندىن مۇشۇ ياغلىقنى ئالىمەن دەپ تاپالمايۋاتاتتىم دەپ ياغلىقنى قولۇمغا ئېلىپ شۇنداق خوش بولغىدەكمەن .
دەل شۇ چاغدا سائەت جىرىڭلاپ كەتتى ، بىز ئالدىراش سىنىپقا ماڭدۇق . ياق ئەسلى ئۈستەل سائىتىم مېنى ئويغىتىش ئۈچۈن … ئەستاغپىرۇللا ، سائەتنى نىمىشقىمۇ ئويغىتىدىغانغا توغرىلاپ قويغان بولغىيتتىم ؟ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان گۈزەل داشۆ ھاياتىمنى ناگان – ناگاندا شۇنداق چۈشەپ قالىمەن . شۇنداق چاغلاردا مەڭگۈ ئويغانماي ئۇخلىسامچۇ ؟ زۇمرەتنىڭ ياغلىق بەرگىنى ،رەھىمەنىڭ ئايىقىمنى قايتۇرغىنى .قىززىق چۈش بولدىغۇ بۇ ھەممىسى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇ .ئىشخانىگە كىرىشىمگىلا خىزمەتدىشىمنىڭ :
— چولپان ھەدە سىزگە خەت كەپتۇ ، — دېگەن ئاۋازى كۈتۈۋالدى . خەتنى قولۇمغا ئېلىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم . كونۋېرتتا ماڭا ناھايىتى تونۇش يوغان ئۇستىخانلىق تونۇش پۇچۇركا يەنى سۇباتنىڭ ئىسمى تۇراتتى . كونۋېرتنى تۇتقان قوللىرىم سۇس تىترەپ كەتتى . خەتنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم :
)(18)
سالام چولپان ، ئامانمۇ سەن ؟ شۇ تاپتا قەلەم تۇتقان قوللېرېم سۇس تېترەۋاتېدۇ . ساڭا گەپنې نەدېن نېمىدىن باشلاشنې بېلمەي ، ئۇزۇندېن – ئۇزۇن ئويلاندېم . چولپان مەن بېر ھەپتېنېڭ ىالدېدا ئۈرۈمچېگە بېر ئىش بېلەن بېرېپ دېلشادتىن سېنېڭمۇ يولدېشېڭدېن ىاجرېشېپ ، يالغۇز تۇرېۋاتقېنېڭغا بېر يېلدېن ئاشقانلېقېنې بېلېپ قۇلاقلېرېمغا ىېشەنمەي قالدېم .
— چولپان راستتېنلا …
— شۇنداق ، ئۇ بۇلتۇر چېمەننېڭ ئۆلۈمېگە كەلگەندېلا ئاجرېشېش ئۈچۈن سوتقا چۈشۈپ بولغان ئېكەن ، — دېدې دېلشات .
— نېمېشقا ماڭا دېمەيسېلەر ؟ — دېسەم دېلشاتمۇ ، سەنچۇ ؟ سەن نېمېشقا رەھېمەدېن ئاجرېشېپ كەتكىنېىڭنې ئېنېق دېمەي ، ىۇنې چەتكە تۇققان يوقلېغېلې چېقېپ كەتتې دەيسەن ؟ — دەپ رەنجېدې .
— چولپان << ئادەم ىەسلې ئۇلۇغ ئەمەس ، ئازاپ ، ھەسرەتنې ، مۇشەققەتنى يېڭەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ >> دېگەن ئىكەن بېر ئاقېل . دېمىسىمۇ شۇنداق ئىكەن ، ياخشې كۆرۈشمۇ بېر ىازاپلېق كەچمېش ، شۇ ئازاپلېق ھېجرانلارنى باشتېن كەچۈرگەندىلا ھەقىقې چىن مۇھەببەت مۇقامىغا يەتكىلې ، بەختنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدىكەن ، ئەجرىسىز ، رېيازەتسىز ، جاپاسىز ئېرېشكەن ، ئازراق بوران – چاپقۇندېن قاچقان مۇھەببەت قۇم ئۈستېگە سالغان ئۆيدەك ئۆمرى كۆتە بولىدىكەن . رەھىمەنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتې چىن بولمىغانلىقې ىۈچۈن بوران – چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي گۇمران بولدې . بۇنېڭدا مېنېڭمۇ سەۋەنلېكېم بار . چۈنكې مەن ئۇنى سۆيەلمىدىم ، ىۇنې سىنېڭ ئورنۇڭغا قويالمىغانلىقېمدېن بولدى.
چولپان ، مەن تۇرمۇشۇمدېن ئۈمېد ئۈزگەن ، بەلكېم بېر ئۆمۈر مۇشۇنداق تەنھا ياشاپ كېتېدېغاندەك خېيالدا ئېدېم . ئەمما دىلشاتتىن سېنېڭمۇ يالغۇز ياشاۋاتقانلېقېڭنې بېلگەن مېنۇتتىلا قەلبىمدە ئاجايېپ بېر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ۋە قىزغىلىق ئويغاندې . شۇندېلا مەن ىۆزۈمنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتمىگەنلىكىمگە ئىشەندېم . شۇ ھامان يېنېڭغا بارغۇم سەن بېلەن نەچچە كېچە مۇڭدېشېپ ئۇيقىسىىز كېچىلەرنى تاڭلارغا ئۇلېغۇم كەلدې . ئەپسۇس ، ئارلېقېمېزدا ئون بېر يېل ىۆتۈپ كېتېپتۇ . مەن سەل تەمتېرەپ قالدېم . چولپان نەچچە يىللاردىكې ئاچچېق ئەسلىمىلەرنى ئارقىمىزغا تاشلاپ ، شۇنچە يېللاردېن بۇيان زارېقىپ كۈتكەن گۈزەل بەختېمىزنى ، ئۆتۈپ كەتكەن يېللارنىڭ ئورنېنې تولدۇرايلې .
چولپان ، خەتتىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ماڭا بىر قارىغىا ، ھەتتىگىنەي خەت يەنە يېرىم دىدارلىقىنې قىلدى -دە ، بولمىسا ئاشۇ ئاپەت تېرىغۇچى كۆزلىرىڭدىن مەن سىنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋالالايتتىم .
قولۇڭنې چېڭ سېقېپ سۇبات
مەن خەتنې ئوقۇپ بولۇپ خۇددى چۆرگىلىتىپ تاشلېۋەتكەن ئادەمدەك گاڭگېراپ ئولتۇرۇپ قالدېم . سۇباتمۇ بەختسېز بولۇپ قاپتۇ – دە … مۇشۇ دەقېقىدە يا كۈلۈشۈمنې يا يىغلىشىمنى بىلەلمىدىم . ئادەمنې تۇيۇقسىز كەلگەن خاپىلىقمۇ ، خوشاللېقمۇ ئوخشاش گاڭگېرېتېپ قويىدېكەن . سۇبات ، سۇبات ، مەن بۇ ئىسىمنى قاچاندىن بېرى قانچە قېتىملاپ زىكرى قىلغاندىمەن_ھە؟ ئۇ ماڭا كەڭ قۇچاق ئېچڭپ كېلىۋاتسا ، نېمىشقا خوشال بولمايمەن ؟…ئەمدې بىزنىڭ بىرگە ياشىشېمىزغا ھىچكىم ۋە ھېچنېمە توسقۇنلۇق قىلمايدېغۇ ؟ قولۇمغا تېلېفۇننى ئېلېپلا ىۇنېڭ ئاۋازېنې ئاڭلاپ باقايمۇ ؟ ئاڭلېغۇم يوقمۇ ؟ بار ، شۇنداق ىاڭلېغۇم بار ، ئەمما … ىۇنى ئۇنتۇپ كەتتېڭمۇ ؟ ياق مەن ئۇنى ئۇنتۇيالمېدېم … ئۇنېڭغا دەيدېغان سۆزلېرېڭ يوقمۇ ؟ بار ، مەن قانچىلېغان قېتىم ئۇنېڭ بىلەن چىلان رەڭگې چاينې دەملەپ ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئۇزاقتېن – ئۇزاق مۇڭدېشىشنې ، ئۇنېڭغا قەلبىمدە تولۇپ كەتكەن مۇڭلىرېمنې يىغلاپ ھەم كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرېشنې ئويلېغان ؟ ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ ماڭغان ئۇزۇن كوچېلارنى گەپ ئارىقىدا مېنى تېرىكتۈرسە ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە يېنىڭ مۇشتلاپ ئەركىلەشلىرىمنى ، بىرەر خاپېلىقلارغا دوچ كېلېپ ھال ئېيتسام ، سالماق تەلەپپۇزدا تەسەللې بېرىشلىرىنى ، كەينىدىن پو ئېتېپ كۈلدۈرۈپ خاپېلىقلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۋېتىشلىرىنى … مەن تىخى ىۇنتۇپ كىتەلمىدىم . شۇنىڭغا قارىغاندا مەن ئۇنىڭ بېلەن خىيالىمدا بىرگە ياشاپ كۆنۈپ قاپتېمەن . مەن قايسې بېر كېتاپتېن خاتېرەمگە كۆچۈرېۋالغان << ئارزۇ مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدېغان گۈزەللىك ئېلاھې ، ئۇ بىز ئېرىشەلمېگەنلىكىمىز ئۈچۈن گۈزەل ، ئېنتېلگىنىمىز ئۈچۈن شېرېن ، ئەمما بېز ئېرىشەلمىسەكمۇ ، يېقېنلىشالايمىز >> دېگەن سۆزلەر ئېېسېمگە كېلېپ قالدې . ئادەم خوشال بولسىمۇ قايغۇرسىمۇ ھامان يېقىن دوستلىرىنى سېغىنىدۇ . شەخسەن مەن خوشاللېق ھەم خاپېلېقتا دوستلېرېم بېلەن ئورتاقلىشىشنى تۇرمۇشىمنىڭ مۇھىم مەزمۇنې دەپ قارايمەن . خوشاللېقنې كۈلكەم ، خاپېلېقنې يېغام بېلەن قوبۇل قېلېپ ئادەتلېنېپ قاپتېمەن . بۈگۈنكى بۇ مۈجېمەل كەيپېياتېمنېمۇ خەدېچەگە دەپ ئىچ پۇشۇغۇمدېن چېقېشقا ئالدېرېدېم . قېزېمنې يەسلىدېن ئېلېپ ، ئۆيگە كىرىشىمگە تېلېفۇنۇم جېرېڭلېدې .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشىمۇ سەن چولپان ؟
_ئاللاغا شۈكرى ئاداش !
_ ئۆزۈڭچۇ ؟ بالىلار تېشلىقتۇ ؟ دڭلشات ئىشلەۋاتامدۇ ؟
_ ھەئە ، ھەممىسى تېچلىق ،
_ مەنمۇ ساڭا تېلفۇن قىلاي دەپ تۇراتتىم
_ قانداق بىرەر ئىش بىلەنمۇ ؟
_ ياق ،ئۆزۈمچە ،سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىپچۇ ؟
- مەنمۇ سەن بىلەن مۇڭداشقاچ ، چىمەننىڭ يىل نەزىرسىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكىلى تېلفۇن قىلىشىمتى ،
_ سىلەر ئۆزۈڭلار قانداق ئويلاۋاتىسىلەر ؟
_بىز بۇ يەردىكى ساۋاغداشلار ،سەن ھېلىقى 15 كۈنلىك دەم ئېلىشىڭنى ئېلىپ كەلسەڭ ، تۇرپانغا بېرىپ ئۆز ئۆيىدە نەزىرسىنى بېرىپ كېلەيلىمىكىن دېگەنتۇق !سېنىڭ شارائىتىڭ يار بېرەمۇ ؟
_ ھەممە مەسلىھەتلەرنى پىشۇرۇپ بولۇپ ، مەندىن بولامدۇ دەپ سورىغىچە ، كەل نەزىر قىلىمىز دەپ بۇيرۇق قىلساڭ بولمىدىمۇ ؟_دېدىم كۈلۈپ .
_ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ ،ئىشلار يەنىلا سېنىڭ قوشۇلىشىڭ بىلەن بولىدۇ ،چۈنكى سەندە ھامىيلىق ھوقۇقى بار ئەمەسمۇ _ دېدى خەدىچەمۇ چاقچاق قىلىپ .
_ قېنى بۇ ئىشنى يەنە ئويلىشىپ بىر نەرسە دېيىشەرمىز -دېدىم مەن مۈجمەل قىلىپ .
_ يەنە نېمىسىنى مەسلىھەتلىشەرمىز ئاداش ؟!-دېدى خەدىچە سوزۇپ .
_ ئەسلى ئىسلام دىنىدا ئۇنداق نەزىر بېرىش يوق ئىش ئىكەن شۇڭە نەزىر قىلمىساقمىكىن دېگەن خىيالدا ئىدىم ._دېدىم
_ئاداش ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاتا-بوۋىمىز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشنى ئىسلامدا يوق دېگىنىڭ نېمىسى ؟_خەدىچەنىڭ نارازىلىق ئاۋازى تېلفۇندا جاراڭلاپ كەتتى .
_سەن شۇ ئاتا-بوۋاڭغا ئەگىشەمسەن ياكى ئاللانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنامسەن ؟
_ئاتا-بوۋىمىزمۇ ئەلھەمدۇللا مۇسۇلمان تۇرسا ؟ ئۇلارغا ئەگەشسەك نېمىشقا خاتا بولىدىكەن ؟
_ ئاداش مەن بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلسەممۇ سېنى قايىل قىلغىدەك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگىدەكمەن .كەچىرگىن نۇ ئىشلارنى كېيىنرەك بىرنەرسە دىيىشەيلىچۇ ؟!_
_ قاچانلىققا ؟
_ زۇمرەت كەلدىمۇ ،كەلمىدىمۇ ؟
_ زۇمرەت كەلدى كەلدى ،ئاخشام تېلفۇن قىپتىكەن ساڭىمۇ تېلفۇن قىلىمەن دەۋاتقان ھەقاچان بۈگۈنلەتىن قىلىپ قالارمىكىن …
_بولمىسا ھېلىراق ئۆزۈم قىلارمەن -دېدىم
_چولپان مەن ساڭا يېڭى بىر خەۋەر يەتكۈزمەكچى ،-دېدى خەدىچە ئالدىراپلا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بىر خوشاللىق چىقىپ تۇراتتى .
_ھە ،يەنە بىرەر ئالى ئۇنۋانغا ئېرىشتىڭمۇ ،ياكى ئەمىلىڭ ئۆسەمدىكەن ؟_دېدىم
_ يائاللا سەن مېنى بەك ئەمەل خۇمار ئويلايسەن ھە ؟بۇ دېگېن ساڭا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر !
_قېنى دېمەمسەن ئەمىسە !
_سۇبات بىلەن رەھىەمە ئاللىقاچان ئاجرىشىپ بولغانكەن !
_سەن قانداق بىلدىڭ ؟
_ سۇبات ئۆتكەندە بىر كىتاۋىنى نەشىرگە ئېلىپ كەپتىكەن ،شۇ چاغدا دىلشاتقا ئۆزى دەپتۇ . بەزى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ،رەھىمە ئۆزى يولدىن چىقىپ ئاخىر بولماي ،ھېلىقى پۇلغا ئامراق مىجەزى ئۇنى چەتئەللىك بىر پۇلدارغا رىشتىنى باغلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن چېغى ،تۇققان يوقلاپ چىقىپ كەتكىنى يالغانكەن ،_خەدىچە ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ شۇنداق دېدى
_مەنمۇ خەۋەر تاپتىم ! _قاچان ! _ بۈگۈن مەن سۇباتنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم .
_خېتىدە نېمە دەپتۇ ؟
_شۇ نېمە دەيتتى… مەن خەدىچەگە مەقسەتنى ئۇقتۇرالماي سەل تەمتىرىدىم
_نېمە بولدۇڭ نېمانچە تەمتىرەيسەن ، يۈزى ئېچىلمىغان قىزىۋالىدەك ؟
_ ۋاي ئاداش ،مەقسەت يەنە شۇ كونا گەپلەر ئادەم چوڭ بولغاندابۇ گەپلەرنى دېيىشمۇ ئەپسىزكەن …_دېدىم كۈلگۈم كېلىپ .
- سەن قانداق قىلاي دەيسەن ؟
_ بىلمىدىم …سېنىڭچە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ؟
_ ئەگەر مەندىن مەسلەھەت سورىساڭ ، ئۆز بەختىڭنى ئۆز قولۇڭغا ئال دەيمەن .
-توۋا دېگىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .
_ سەن نەچچە يىلدىن ئۇنىڭ پىراقىدا ئاز پۇچىلاندىڭمۇ ؟ئەمدى بۇ ساڭا مەنسۇپ بولغاندا نېمىگە ھال تاتىسەن ؟ھا…ھا…يۈرۈكىمدىن چىققان كۈلكەم بۇ ئاددىي خانەمدە جاراڭلاپ كەتتى .
_قارا سېنى خوشاللىقىڭ ئىچىڭگە سىغماي قاپتۇ ، يەنە ھال تارتىۋاتىسەن …
_راست دېدىڭ ، مەن نەچچە يىلدىن بىر غايىنى قوغلۇشۇپ ئۈمىد بىلەن كېتىۋاتقانكەنمەن ، مانا ئەمدى مەن ھىچقانداق توسالغۇسىز ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم . بەلكىم بىز خىيالىمىزدىلا بىرگەياشىساق ، مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولامدىكىن دەيمەن …
_بولدى بۇ ئىشلارنى سەن باشقىچە ئويلاپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما ،سەن ئالدىڭغا قاراپ يەنى كۆڭلۈڭ نېمىدە خوش بولسا شۇنى قوغلاپ مېڭىۋەر ، قالغان ئىشلارنى دىلشات ئىككىمىز توغۇرلايمىز _دېدى
_خەدىچە ،مەن ھازىر بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم نېمىدە خوش بولسا شۇنى قىلسام دەيدىغان رومانتىك چولپان ئەمەس ،مەن ھازىر قايسى ئىشلارنى قىلسام كۆڭلۈم خاتىرجەملىك ھېس قىلىدىكىن دېگەننى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
_ساڭا بىرەر ئىش تەسىر قىلدىمۇ نېمە ، نېمە بولدۇڭ !-خەدىچەنىڭ ئاۋازىدىن تېرىككىنى بىلىنىپ تۇراتتى .
-دوستىمىز چىمەننىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ چوڭ ئىش بولامدۇ ئاداش؟!ئۇنىڭ سەكراتتىكى پۇشايمانلىق ئازابلىرى ، قىينىلىشلىرى زادى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق ! ئاللاھ بىزگە ئىبرەت بولسۇن دەپ چىمەننى كۆز ئالدىمىزدا شۇ ھالەتتە ئېلىپ كەتتى ئاداش بىز يەنە ئويغانمىساق ….
_ ئۇ دېگىنىڭغۇ توغرا ئەمما بىزدە نېمە ئامال ئىشلىمىسەك بولمىغان …زۇمرەتتەك چەتئەلدە بولمىساق يە ؟ شۇڭا ھازىرچە دىلىمىزدا بىلىپ تۇرۇپ دەم ئېلىشقا چىققاندا زۇمرەتنى يوقلىغاچ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ گۇناھىمىزنى يۇيىۋالارمىز !
_ ساڭا دەم ئېلىشقا چىققىچە ھەرەمگە بارغىچە ياشايسەن دەپ ئۇختۇرۇش كەلدىمۇ ؟! تۈنۈەۈن كۆرگەن ئادەم بۈگۈن يوق تۇرسا … ئاداش
_ بولدى قىلە ئادەمنى قوقاتماي ئاداش …
خەدىچەنىڭ تېلفۇنىنى قويىۋېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم ، خىياللىرىم زۇمرەت بىلەن خەدىچەنىڭ ئوتتۇرىسىدا قايسىنىڭ توغرىدۇ دېگەندەك دىلىغۇللۇقتا تەمتىرەۋاتاتتى.
25 – ئاپرىل تۇرپان

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z9 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!
Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى