بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (7)
-
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (7)
ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 3601 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مەن سۇباتنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يايراپ ، بۇ يولدا مېڭىش ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى .بىز تۆتىمىز شۇ كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئەخلاق ، ئېتىقاد دىگەندەك مەزمۇنلار توغرىسىدا ئۇزاققىچە مۇنازىرىلىشىپتۇق .بۈگۈن مەن خەدىچە ، دىلشاتلار بىلەن خوشلىشىپ مايتاغقا ماڭماقچى بولدۇم . سۇباتمۇ غۇلجىغا قايتىش ئۈچۈن مەن بىلەن تەڭ ئۇزاپ چىقتى . ئۇ ئۆيدىلا دىلنىگارنى قولۇمدىن ئېلىۋالغان ئىدى . پەسكە چۈشۈپ ، ئۇ مېنى بىكەتكىچە ئۇزۇتۇپ قويىدىغان بولدى . مەنمۇ ئارتۇقچە تۈزۈت قىلمىدىم .— بىردەم ماڭايلىمۇ ، چولپان ؟— ماڭساققۇ مەيلى ، قىزىم سېنى ھاردۇرىۋېتەرمۇ ؟— بۇ جىن پاختىدەكلا يېنىك ئىكەن .بىز يانمۇ – يان كېتىۋاتىمىز . بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن بىزنى ئۇچراشتۇرغان ، بىزنى تۇنۇشتۇرغان ، بىزنى ئۆز قۇچىقىدا ئەڭ دەسلەپكى مۇھەببىتىمىزنى پەرۋىش قىلغان ، 10 يىل بۇرۇن بىزنى ناھايىتى زور ئارمانلار بىلەن گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن يىمىرىلمەس ۋەدىلەرنى بېرىپ خوشلاشتۇرغان ئۈرۈمچىنىڭ كوچىسىدا ، 10 يىلدىن كېيىن ، بىزگە يەنە بىرگە مېڭىش نېسىپ بولدى . ئاھ ، خۇدا ! ئادەم ئۆزى يۈرىكىدىن ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن سۆيگەن ئادىمى بىلەن خەلقى ئالەم ئالدىدا ياندىشىپ يېقىن مېڭىش نىمە دىگەن راھەت ؟ نىمە دىگەن بەخت ؟— تۇرمۇشۇڭ قانداقراق كېتىۋاتىدۇ ، چولپان ؟— قەدىر ئەھۋال .— ئۆزۈڭنىڭچۇ ؟— تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق .— ھە راست ، ئاڭلىسام رەھىمە تۈركىيەگە تۇققان يوقلاپ كېتىپتۇ .— شۇنداق ، كىچىك ئاپىسىنىڭ يېنىغا كەتتى .— ئوغلۇڭچۇ ؟— بۇ يىل تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇۋاتىدۇ .يەنە بىر يەرلەرگىچە بىز سۈكۈت ئىچىدە ماڭدۇق . بۇ بىزنىڭ گېپىمىزنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى گېپىمىزنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىدىن ، ھەتتا بەزى گەپلەرنى ئوچۇق دىيىشەلمەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بولسا كېرەك .— سۇبات ، بولدىلا ماشىنىغا چىقىپ ماڭايلى ، — دېدىم ئارىمىزدىكى سۈكۈتتىن ئىچىم سىقىلىپ .— ئۆيۈڭگە بەك ئالدىراۋاتامسەن ؟ — سۇبات ماڭا لەپپىدە قارىدى .— ياق ، مەن ئۆيگە بەك ئالدىرىمايدىغان ئايال بولۇپ قالدىم .— ئۇنداقتا يۈر ، غۇلجىغا بېرىپ ئويناپ كەل ، — سۇبات كۆزلىرىمگە كۈلۈمسىرەپ قارىدى .— قانداق ، مېنى ئەپقاچاي داۋاتامسەن ؟ — دېدىم كۈلۈپ .— يۈرۈگۈمنى شۇ بىر ئارمان غاجايدۇ ، نېمىشقا شۇ چاغدا سېنى ئەپقاچمىدىم دەيمەن ؟ — ئەمدىچۇ ، ئەپقاچقىلى بولامدۇ ؟ سۇبات مېڭىشتىن توختاپ ماڭا قاراپ تۇراتتى . مەن ئېغىر ئۇھ تارتىپ :— بولدى قىلە ، بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلىسەڭمۇ بىكار ، ئەسلى پىشانە تەغدىرىمىز شۇنداق پۈتۈلگەن چېغى …— سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىنى شۇنداق يوشۇرماقچىمۇ ؟مەن ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ، سۇبات قىزىمغا يەيدىغان ، ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ ، پەستە مېنى ئۇزۇتۇپ قالدى . ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئۇنىڭغا قاراپ قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم … توۋا ، 10 يىل بۇرۇن ئۇ مېنى مۇشۇنداق ئۇزۇتۇپ قالغان ئىدى .مۇرات بىلەن ئاجرىشىپ ئاددى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈپ كەلدىم . ئۆيۈم ئىنتايىن ئاددى ئۆزۈمگە چۇشلۇق جابدۇقلار بىلەن سەرەمجانلاشقان بولسىمۇ ، كۆڭلۈم ئازادە ، خۇددى قىز چاغلىرىمغا قايتىپ قالغاندەك ھىسسىياتقا كېلىپ قالدىم . مېنىڭ جىمجىتلا يۈرۈپ ئاجرىشىپ كېتىشىم نۇرغۇن دوستلىرىمنى بەك ھەيران قالدۇردى . ئاپام – داداملار بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان چوڭلار ئۇچراپ ماڭا ئىچى ئاغرىغان ھالدا : << رەھمەتلىكلەر تۇنجى بالىمىز دەپ سىزنى بەكلا ئەتىۋارلىغانغا تۇشلۇق بەختىڭىزنى بەرسىچۇ خۇدايىم ، قىز بەختىڭىزنى بەرمىگەن بىلەن چوكان بەختىڭىزنى بېرەر >> دەپ كۆز يېشى قىلىشتى .مەن باشتا ئۇلارغا قاراپ ئاپام – دادام ئېسىمگە كېلىپ يىغلاپ سالدىم . كېيىن ئويلىسام ، ئۇلار بىلەن تەڭ يىغلاپ يۈرۈشۈم خاتا ئۇقۇم بېرىپ قالغۇدەك ، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۈچۈن ئېچىنىپ كۆز يېشى قىلغانلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ تەسەللى بېرىدىغان بولدۇم .— توۋا چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ ئېرى بولسىلا بەختى بولغان بولامدىغاندۇ ؟ — دەپ ئويلاپ يۈرسەم .— سېنى بىزنىڭ قىزلار << چولپان ئوقۇغان بىلەن ئەقلى يوقكەن >> دەيدۇ ، — دېدى سېغىزخان دوستلىرىمدىن بىرى .— نېمىشقا ؟— ئېرىڭدىن ئاجرىشىپ كەتكىنىڭگە ئەپسۇسلىنىپ ، ئۇلار << ئېرىڭ بارمۇ ؟ بار >> دەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىۋەرسە بولمامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئېرىگە قىز تېگىدۇ ، — دېيىشىۋاتىدۇ .مىجەزى كېلىشمىگەن قوشنىسى بىلەنمۇ كىرىش – چىقىش قىلغۇسى كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ ، مىجەزى كېلىشمىگەن ئەر بىلەن بىر ئۆيدە بىر ئۆمۈر قانداق ياشىغىلى بولار ؟ — دەپ ئويلىمايدىكىنە بۇلار ؟ !مەن شۇ خىياللار بىلەن قىزىمنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كەلگەن پېتى تۇرغان سومكىسىنى ئېچىپ كىيىملىرىنى رەتلەشكە باشلىدىم . سومكىنىڭ ئاستىدىن قارا تاشلىق بىر خاتىرە دەپتەر قولۇمغا چىقتى . ئۇ چىمەننىڭ يېزىپ تۈگىتەلمىگەن خاتىرىسى ئىكەن . ئۇنى ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدىم .(16)<< خۇشتار مەن بەختنىڭ ، گۈزەللىكنىڭ نىمىلىكىنى پەقەت خىيالەن كۆرۈپ ، چۆچەكلەردىنلا ئاڭلايدىغان بىر يىتىم قىز ئىدىم . پەقەت ئاشۇ ۋاپادار تاغامنىڭ غەمخورلىقى ھەم ئۆزۈمنىڭ ئەقلىم بىلەن ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغاندا خۇددى “ كۈلقىز ئالتۇن كەشكە ئېرىشكەندەك “ بىر ئىش بولغان ئىدى . مەن بۇ بەختىمدىن ھودۇقۇپ كۈنلىرىمنى بىلىم ئىگىلەش ، گۈزەل كەلگۈسۈم ئۈچۈن ياخشى ئۇل سېلىش بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقان چاغلىرىمدا سەن بىلەن ئۇچراشتىم . ئۇ بىر يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئىدى . فاكولتېتلار ئارا ناخشا مۇسابىقىسىدە سەن گىتار چالدىڭ ، مەن ناخشا ئېيتتىم .— ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى ئېيتىدىكەنسىز ، — كەينىمدىنلا چىققان ئاۋاز تەرەپكە قارىدىم .سەن ئالدىمدا ماڭا ئاجايىپ مۇھەببەتلىك كۆز بىلەن تىكىلىپ تۇراتتىڭ . شۇنىڭدىن بۇيان بىز خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر بولۇپ قالدۇق . سېنىڭ گەپلىرىڭنى كېچىچە ئاڭلىغۇم كېلەتتى ، سېنى قولتۇقلاپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە : “ مەن ئەڭ بەختلىك ! مەن كەلگۈسۈمنى كۆرۈۋاتىمەن ، جېنىم خۇشتار ، مەن ساڭا بىر ئۆمۈر ۋاپادار ھەمرا بولالايمەن “ دەپ ئويلىغان ئىدىم . مۇھەببەت كىشىنىڭ ھۆسىنىگە ھۆسۈن قوشىدىكەن ، مەن ياتاق بىناسىغا كىرىپلا ، ياتاققىمۇ كىرمەستىن سۇخانىغا كىرىپ ئەينەككە قارىدىم . بەختتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى مەڭزىم ، قاپقارا كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن خوشاللىقلار دولامغا چۈشۈپ تۇرغان تەبىئى بۈدۈر چاچلىرىم بىلەن قوشۇپ ، ھۆسنۈمگە ھۆسۈن قوشقان ئىدى .مەن ئاجايىپ قىزدە ، ساڭا شۇنداق ئاشىق بولۇپتىمەنكى ، ائشۇ كۈنلەردە دوستلىرىمنىڭ “ ئويلىشىپ باق “ دېگەن نەسىھەتلىرىگىمۇ پىسەنت قىلماي ، سەن بىلەن تۇرپانغا كەتتىم .خۇشتار ، مەن سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن . ھازىر ھېلىھەم سېنى ياخشى كۆرىمەن . بەلكىم سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدىغاندۇرمەن ، ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىپ تۇرۇپمۇ ، يەنىلا سېنى ئەيىپلىمەي ، سەن سۆيگەن “ ئاشۇ قىزنى “ ئۈچىنچى شەخسنى تىللىغۇم ، بېرىپ چاچلىرىنى يۇلغۇم كېلىۋاتىدۇ . ئەمما ، مەن بۇنداق قىلمايمەن . چۈنكى ، مەن بۇنداق قىلسام ئۆز غۇرۇرۇمنى ئۆزۈم دەپسەندە قىلغان بولىمەن ھەن سېنىڭ قەلبىڭدىكى ئوبرازىمنىمۇ خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويىمەن . بەلكىم بىرەر دوستۇم مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىسا “ ئەخمەق ، خۇشتارنىڭ قەلبىدە سەن بولساڭ ئۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرەمتى ؟ “ دېيىشى مۈمكىن . ئەمما مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، سەن ھازىر باشقا بىرسىگە ئاشىق بولۇپ يۈرگىنىڭ بىلەن ئۇ بەرىبىر ۋاقىتلىق ، سېنىڭ قەلبىڭدە ماڭا نىسبەتەن مۇھەببەت سۇسلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆچۈپ كەتمىدى . شۇڭا ، مەن مۇشۇ كۈنلەردىكى قىلمىشلىرىڭدىن كوچا – كويلاردىكى سۆز – چۆچەكلەر يۈرەك باغرىمنى پارە – پارە قىلىۋەتسىمۇ پەرۋا قىلمايمەن …سەندىن ئايرىلىپ قالساممۇ ، ئەمما ئۆزۈمنى بۇرۇنقىدەك يالغۇز ، يېتىم ھېس قىلمايمەن . چۈنكى ، بۇ دۇنيادا ئۆزۈم سۆيگەن ھەم مېنى سۆيىدىغان ( بۇرۇن ) ئادىمىم ھەم ئۇنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئىككى پەرزەنتىم بار . مەن ، سەن مەندىن تارتىۋالغان مۇھەببەتنى مۇشۇ يۈرەك پارىلىرىمدىن ئىزلەيمەن . قارا ، دىليار سېنىڭ تېرەڭنى سويۇپ چاپلاپ قويغاندەك ساڭىلا ئوخشايدۇ ، دىلنىگار ماڭىلا ئوخشايدۇ . ئالتە ياشلىق دىليار بىلەن ئالتە ئايلىق قىزىم دىلنىگارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن – ئۇزۇن خىياللارنى سۈرىمەن . خىيالىم بۇرۇنقى بەختلىك كۈنلەرنى ئەسلىتىدۇ ، ھازىرقى ماڭا قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقان رەھىمسىز رىياللىقىمغا دائىم قاراپ قورقۇپ يىغلايمەن . خۇشتار ، شۇ تاپتا سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ ، دىليار تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ ئۇخلاپ قالدى . دىلنىگار قۇچىقىمدا مېنىڭ ئىسسىق باغرىمغا چىڭ يېپىشىپ مېنى ھوزۇرلىنىپ ئېمىۋاتىدۇ . مەن قىزىمنىڭ بۇدرۇق پۇتلىرىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم . دادام مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىلا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كېتىپتىكەن ، ئانام شۇنىڭدىن كېيىن كېسەلچان بولۇپ قاپتۇ . ئانام مەن تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ياخشى بولالماي تۈگەپ كەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ دۇنيادا يەككە – يىگانە ياشىدىم . تولۇق ئوتتۇرىنى ياتاقلىق مەكتەپتە ، ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتىدە ، تاغامنىڭ ئانچە – مۇنچە يوقلاپ قويىشى بىلەنلا ئوقۇدۇم . ئەمما ، مەن باشقىلارنىڭ مېنى يېتىم دەپ ماڭا ئىچ ئاغرىتىشى ، ھېسداشلىق قىلىشىدىن قورقاتتىم . شۇڭا مەكتەپلەردە ، ئاتا – ئانىسى ھايات ، بەختلىك ساۋاقداشلىرىمدىنمۇ بەك جۇشقۇن ، خوشال ، مەغرۇر ياشاشقا تىرىشتىم . ئۆزۈمدىكى ناخشا ئېيتىش ، دۇتار چېلىشتەك سەنئەتكە خۇمار ئالاھىدىلىكىم بۇ روھىي ھالىتىمنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى . بۇ دۇنيادا خوشال ياشاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ، مېھرى – مۇھەببەتكەن ! مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن ساۋاقداشلىرىمدىن مېھرى – مۇھەببەت تەلەپ قىلماستىن ، ئاۋۋال ئۆزۈمدىكى بارلىق خوشاللىقنى ، مېھرى – مۇھەببىتىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمدىكى كەم بولغان مېھرى – مۇھەببىتىمنى ، ئەتراپىمدىكى يېقىن كىشىلىرىم ئارقىلىق تولۇقلىدىم . خۇشتار … خۇشتار ، سەن ماڭا ئاجايىپ خۇشتار بولۇپ نەچچە يىگىتنىڭ ئوتتەك مۇھەببىتى ئارىسىدىن مېنى تارتىۋالغان ئەمەسمىدىڭ ؟ سېنىڭ شۇ چاغدىكى ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتىڭنى ئېسىمگە ئالسام ، مەن بۈگۈنكى رىياللىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ … “ چىمەن ، مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن ! … قەلبىمنى ئەبەدىل – ئەبەد ھېچكىم ئىگىلىيەلمەيدۇ … “ بۇنداق دەپدەبىلىك سۆزلىرىڭنىڭ قايسى بىرىنى ئويلاپ بولاي ؟ ! … ئەمما ، سەن سەنئەتكە قىزىقىدىغان سەنئەتكارلىقىڭ مەندەك قەلبى بىغۇبار پاك بىر يېتىم قىزنىڭ تۇنجى سۆيگۈسىگە ئېرىشىۋاپسەن . مەن بارلىق ساداقىتىم بىلەن سېنى سۆيۈپتىمەن . دوستلىرىمنىڭ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەپتۇ . مۇھەببەت كۆزلىرىمنى توسىۋالغان چېغى … مەن ساڭا ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن . ئوقۇش پۈتتۈرگەن چاغدا مېنى فاكولتېتتا ئېلىپ قالماقچى بولغاندىمۇ ، مەن ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن ساڭا ئەگىشىپ ، سېنىڭ يۇرتۇڭغا قايتىپ كەپتىمەن . خۇشتار بىلەمسەن ؟ مۇشۇ كۈنلەردىكى ئازاپلىرىمنى مەن ھىچكىمگە دىيەلمەي قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن .سىرتتا يەنە يامغۇر يېغىۋاتىدۇ . مەن سېنى كۈتۈپ ئولتۇرغىلى نەچچە سائەت بولغاندۇ ؟ ! سىرتتا ئاياغ تىۋىشىڭ ئاڭلاندى . ئەمما سەن ئۆيگە كىرمەي يەنە ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ كەتتىڭ . سېنىڭ ئاياغ تىۋىشىڭ يىراقلاشقانسېرى مېنىڭ يۈرۈگۈمنى سۇغۇرۇپ كەتكەندەك بىلىندى … توۋا مەن ئانامنىڭ تاۋۇتىنى جامائەت ئېلىپ ماڭغاندا مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولغان ئىدىم … مانا ھازىرمۇ مەن يەنە بۇ دۇنيادا يەككە – يىگانە قالدىممۇ ؟ ! … ياق ! يېنىمدىكى تاتلىق ئۇيقىدىكى ئوغلۇم ، باغرىمدا ماڭا مەھكەم يېپىشىپ تۇرغان قىزىم بار ، مەن ئەمدى يالغۇز ئەمەس … مەن ئەرگە بولۇپمۇ ساڭا ئوخشاش ۋاپاسىز ئەرگە مۇھتاج ئەمەس ، قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق ياخشى كۆرۈش ! مەنمۇ بالىلىرىمغا ،ئەھمىيەتلىك تۇرمۇشقا ، ئالدىراش خىزمەتكە مۇھتاج ، ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا ئۇلارنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە مۇھتاج ! مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭ تۈپەيلى بەختلىك ئايال بولالمىغىنىم بىلەن مۇنۇ ئۇماق پەرزەنتلىرىمنىڭ مېھرىدە بەختلىك ئانا بولالايمەن .يانۋار :خۇشتار ، ئۆتكەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئەسلەشتەك بۇ خىل ئازاپنىڭ تەمى دەل تۇنجى ئىنتىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى . بىراق مەن پۇشايمان قىلمايمەن . بەلكىم مېنىڭ تەقدىرىم شۇنداق قىسمەتلەرگە پۈتۈلگەندۇ . ئەمما بۇ ئازاپلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈش ماڭا بەكمۇ تەسكە چۈشىۋاتىدۇ . مۇشۇ كۈنلەردە سېرىق چاچلىق ئورۇق قىزلارنى كۆرسەملا بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىدۇ ، قايسى كۈنى بازار ئارىلاپ كېتىۋاتسام ، بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا قىرىق نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال كىچىككىنە بىر قىزنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ كەتتى . << سەن پاسكىنا مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالساڭ ، بالىلىرىمنى كىم ئوقۇتىدۇ … >> ئادەملەر ئولىشىپ كەتتى . توۋا ، نىمە جاھان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ . شۇ تاپتا مۇنۇ ئىككى ئايالغا ئىچىم ئاغرىدى . مۇنۇ ئىككى ئاجىز بىر ۋاپاسىز ئەر ئۈچۈن بىر – بىرىنى ئەل – جامائەت ئالدىدا رەسۋا ھەم بىچارە قىلىپ نىمە قىلار ؟ بەلكىم ئاشۇ خوتۇننىڭ ئېرى بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئالدىدا ئىككى خىل رول ئويناپ بۇلارنى ئۇسۇلغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە مۇنۇ بىچارە ئاياللار تازا ئازاپلىنار – ھە ؟ ئەمما يەنە ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغىنى ئاۋۇ ياش چوكان ، چۈنكى ئاۋۇ ئايالنىڭ قولىدا ئەرنى ساقلاپ قالالايدىغان ھۆكۈمەت بەرگەن قىزىل توي خېتى ، ئۆيدە ئېرىنىڭ پۇشتى بولغان بالىلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ ئاۋۇ چوكانچۇ ؟ ھېلىقى ئەرنىڭ ئاغزاكى ۋەدىسى ، يالغان ياۋىداق پەلسەپەسى ھەم كۈلكىلىك يىغىلىرى … ئۇنداق پەلىپەتىش ئەرلەرنىڭ قولىدىن ئاشۇنداق ساددا بىر ئايالنى بىر ئۆمۈرلىك بەختسىز قىلىپ قويۇشتىن باشقا نىمە كېلەتتى ؟ ئاۋۇ ئايالغىمۇ ھەيرانمەن …. نەچچە يىل ئۆز قوينىدا ياشىغان ئېرىنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى ئۈچۈن نومۇس قىلماي ، كوچىغا چىقىپ سازايى قىلىپ نىمە قىلار ؟ بۇ قىلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇ ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆز غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىپ نىمىمۇ قىلار ئىدى – ھە ؟ ! … مەن شۇنداق خىياللارنى قىلىۋېتىپ ئۆزۈمگە ھەيران قالدىم . توۋا ، مەنچۇ ؟ خۇشتارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۈن چىقارماي يۈرۈش ئالىجاناپلىقمۇ ؟ ! << باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ >> دېگەندەك سېنىمۇ ، ئۆزۈمنىمۇ ھەم ئاۋۇ سېرىق ئاسلاننىمۇ ئازاپلاپ نىمە قىلارمەن ؟ ! ھېلىقى كۈنى كېچىدە سەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولۇپ ، قايتىپ كەتكەندىن كېيىن مەن سەندىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگەن ئىدىم . شۇنىڭغىمۇ بىر ئاي بوپتۇ … مەن ئاخىر سەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم .خەير خۇشتار ، مەن ئاچچىق ئەسلىمىلەرگە كۆمۈلۈپ قېلىشنى خالىمايمەن ، مەن سېنىڭسىزمۇ ناھايىتى خاتىرجەم بەختلىك ياشىيالايدىغىنىمنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن .مۇھەببەتنى مۇھەببەت بىلەن بېسىش ، يۈرىكىمدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان مۇھەببىتىمنى قۇرباى قىلىپ ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈم سوتقا بېرىپ سەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم . سەن بىلەن توي قىلغان نەچچە يىلدىن بېرى خوشاللىق ۋە ئازاپلاردا بىرگە بولدۇق . بىر ئوغۇل بىر قىزغا ئاتا – ئانا بولدۇق . مېنىڭ ئوتتەك ۋە گۈلدەك چاغلىرىم سەن بىلەن ئۆتۈپتۇ . ئەمدى سەن ماڭا بەرگەن قەسەملىرىڭىدىن تېنىپ ، باشقا بىرسىگە ئاشىق بولۇپ يۈرسەڭ مەن ساڭا يېپىشىۋېلىپ نىمە ئىش قىلارمەن ؟ ! مېنىڭ ئەمدى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىقتا يۈز بەرگەن ئىشنىمۇ ھەم ئۆز ھوجرامدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىمۇ ئەسلىگۈم ھەم تىلغا ئالغىممۇ يوق .25 – ئاپرىل تۇرپان
ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئاياللار دۇنياسى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: ayal888) غا z8 نى قايتۇرۇپ كۆرۈڭ!تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ قىچىشىشىدىكى
2015-10-07 19:40:225228ئاياللارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى-بەخىتلىك نىكاھ قۇرۇشتا
2015-12-28 12:49:012261ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى
2016-01-06 18:26:111077خانزادىلەر گۆھىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئۇنىڭ داۋالاش باس
2015-10-07 12:25:243832قىزلاردا زادى نىمە گۇناھ_ چوقۇم كۆرۈڭ
2016-01-26 13:40:342989ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسىنى قانداق داۋا
2015-11-05 01:49:281882شارپا ئورايدىغان خانىم-قىزلار دىققەت چوڭ چاتاق چ
2015-12-15 18:03:264375ئوقۇغۇچىلاردا بالا چۇشۇرۇش ئېغىرلاشماقتا
2015-12-16 12:37:534087
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-